دىن ۋە ھايات

دىن ۋە مەدەنىيەت
تەۋسىيەلىك تېمىلار
ياخشى سۆز-ھەرىكەتلىك مۇسۇلمان ھەققىدە
بۇ دۇنيادا ھەقىقىي مۇسۇلمان كىشىلەر ئۆز ئەۋلادلىرىنى ھايالىق، ئەدەپلىك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايدۇ. ئۇلار بالىلىرىنى بۇ ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ بايلىقىم دەپ قارىغاچقا بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالىغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا بۇنداق تەلەپچان، كۆيۈمچان مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئەقلى-ھوشىنى تاپقاندىن بېرى ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان سۆزلىرى ئەخلاق ھەققىدىكى تەشەببۇسلار بولۇشى مۇمكىن. ئەخلاق ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسى، تىرىكچىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى پاكلىق ۋە ناپاكلىق، رەزىللىك ۋە گۈزەللىك نۇقتىسىدىن بېشارەت بېرىپ ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىگۈچى ئەينەكتۇر. ئەخلاقنىڭ ياخشى، يامانلىق خاراكتېرى ھەربىر ئىنساننىڭ سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ....
«قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغان ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرقايسىلار؟
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ھايۋانلار ئۆمۈچۈك، چېكەتكە، پىت، قاغا، شاتۇتى، يېشىل پاقا، چىۋىن، پاشا، چۈمۈلە، ھەسەل ھەرىسى، شىر، بۆرە، ئىت، يىلان، كالا، تۆگە(ھىنگان)، ئات، ئېشەك، قېچىر ۋە پىل. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئۆسۈملۈكلەر ئەنجۈر، ئانار، قىچا ئۇرۇقى، خورما، ئۈزۈم، زەيتۇن، زەققۇم دەرىخى، بانان، قاپاق، تىكەن، يۇلغۇن، چىلان، تەرخەمەك، سامساق، يېسسى پۇرچاق، پىياز ۋە زەنجىۋىل قاتارلىقلار. (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى) ...
قۇرئان كەرىم
ھەدىس شەرىف
ھەدىس ئىلمى قانداق تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن؟
ھىجرىيە 2-ئەسىرنىڭ باشلىرى مۇھەددىس ئالىملار ھەدىسلەرنى توپلاپ خاتىرىلەشكە باشلىغاندا، ھەدىس ئىلمىنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرىنى بېكىتىپ ئۇنى ھەدىس توپلاملىرىغا قىستۇرۇۋەتكەنىدى. ئىمام شافىئىينىڭ «جەممائۇل ئىلىم» ۋە «كىتابۇل ئۇم» دېگەن ئىككى كىتابىدا ھەدىس ئىلمىگە ئائىت مەخسۇس بابلار بار. ئىمام ئەھمەدنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى توپلام قىلىپ تۈزگەن بولۇپ، بۇ توپلامغىمۇ ھەدىس ئىلمى ھەققىدىكى بىلىملەر قىستۇرۇلغان. مۇسلىممۇ «سەھىھۇل مۇسلىم»نىڭ مۇقەددىمىسىدە ۋە «ئەتتىميىز»(ھەدىسلەرنى پەرقلەندۈرۈش) دېگەن كىتابىدىمۇ ھەدىس ئىلمى ھەققىدە توختالغان. تىرمىزى «ئىلەل»(ھەدىستىكى ئەيىب-نۇقسانلار) دېگەن كىتابىدىمۇ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ، ھەسەن ياكى غەرىيب، زەئىپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان ھەمدە بۇنداق ھۆكۈم قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن. بۇخارىمۇ «تارىخ ئەلكەبىر»(چوڭ تارىخ)، «تارىخ ئەلئەۋسەت»(ئوتتۇرانچى تارىخ)، «تارىخ ئەسسەغىر»(كىچىك تارىخ) دېگەن رىۋايەتچىلەرنىڭ تارىخى ھەققىدىكى كىتابلىرىغا ھەدىس ئىلمى ھەققىدىكى بىلىملەرنى قىستۇرغان....
ئەقىدە-ئىمان
ئەمەل-ئىبادەت
قائىدە-يۇسۇن
ئەدەپ-ئەخلاق