باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەمەل-ئىبادەت

ھاجىلار ھەجدىن كېيىن نېمە قىلىشى كېرەك؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-29   
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
ھۆرمەتلىك ھاجىلار، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن سىلەر ھەج پەرزىنى ئادا قىلدىڭلار، ئىنشائاللاھ، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە مۇشەررەپ بولغايسىلەر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى بولسا ئاتا-بوۋاڭلارنى(پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: ’ئى پەرۋەردىگارىمىز، بىزگە(نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن‘ دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 200-ئايەت}.
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ھاجىلارنى ھەج تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. تەپسىرشۇناس ئەتتارى بۇ ئايەتنى: ”سىلەر ھەجنى تۈگەتكەندىن كېيىن بوۋاقلار ئاتا-ئانىسىنى چاقىرغاندەك ئاللاھنىڭ ئىسىم -سۈپەتلىرىنى كۆپ چاقىرىڭلار“ دەپ تەپسىر قىلغان. تەپسىرشۇناس ئابدۇللا بىن ئابباس: ”جاھىلىيەت دەۋرىدىكى كىشىلەر ھەج مەزگىلىدە بىر يەردە توپلىشىپ تۇراتتى، ئارىدىن بىرسى چىقىپ: ئاتام ماڭا تاماق بېرەتتى، ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالاتتى دەپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تىلغا ئالاتتى، شۇڭا ئاللاھ بۇ ئايەتنى نازىل قىلغان“ دەپ تەپسىر قىلغان.
ھاجى قېرىنداشلار، بۇ ئايەت ھاجىلارنى ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ”ياكى“ كەلىمىسى گۇماننى ئەمەس، بەلكى شۇنىڭغا ئوخشاش ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ھاجىلارنى رەببىنى كۆپ زىكرى قىلىشقا، رەببىگە كۆپ دۇئا قىلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ يەردە ئاللاھ تائالا پەقەت بۇ دۇنيالىق ئۈچۈنلا دۇئا قىلىپ، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قالغان ھاجىلارنى ئەيىبلەپ ”ھالبۇكى ئۇلارغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر“ دەيدۇ. تەپسىرشۇناس ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ”ئەرەب چوبانلىرى بۇ دۇنيالىق ئۈچۈنلا دۇئا قىلىپ ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قالاتتى، شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلغان. ھەر ئىككى دۇنيا ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلار ئاللاھنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ“ دېگەن.
ھۆرمەتلىك ھاجىلار، ئاللاھ سىلەرگە نېمىتىنى تاماملىدى، سىلەر ئاللاھ بېكىتكەن ھەج پەرزىنى ئوڭۇشلۇق، خاتىرجەم ئادا قىلدىڭلار، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش شادلىقىدىن بەھرىمەن بولدۇڭلار، دۇنيادىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى كۆردۈڭلار ۋە ئۇلار بىلەن تەڭ بىر ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ، بىر پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى ئورۇنلاپ، بىر قۇرئاننى ئوقۇدۇڭلار.
ھاجىلار بۇ تىنچ ماكاندا خاتىرجەم ياشايدۇ، يەرلىك خەلق بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ، ھەج پەرزىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىدۇ. بۇلار ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى.
ھۆرمەتلىك ھاجىلار، ئاللاھ سىلەرگە مول نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ نېمەت ئىسلام دىنىدۇر. بۇ نېمەت بىباھادۇر، بۇ نېمەتكە ئېرىشكىنىمىز ئۈچۈن شۈكرى قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇ پەزلى-رەھمەتنىڭ ئاساسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار(ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر(كۇفرانى نېمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ، دەپ جاكارلىدى“{سۈرە«ئىبراھىم»(14-سۈرە)، 7-ئايەت}.
شۈكۈر قىلىش ئىسلام دىنىدىكى توغرا ئەقىدە ۋە ھەرىكەتتە چىڭ تۇرۇش دېمەكتۇر. توغرا ئەقىدە ئۈمىد ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلدىكى كەمتەرلىك ۋە خىزمەتتىكى پۇختىلىقتۇر. ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش، قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر.
قېرىنداشلىرىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج تاۋاپ ئەسناسىدا يامان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلانغۇچىنىڭ خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك پاك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھەجنى تولۇق، توغرا ئادا قىلغۇچى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. بۇ ئىشلارنى ھاجىلار چوقۇم بىلىشى كېرەك.  
ئاللاھ تائالا ھاجىلارنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت بېرىدۇ. ھاجىلار پەيغەمبەر مەسچىتىنى زىيارەت قىلىدۇ، بۇ ئىش ھەج بىلەن ئالاقىسىز، ھەجنىڭ شەرتلىرى ياكى ۋاجىپلىرىدىن ئەمەس، ئەمما ھەرقانداق ۋاقىتتا قىلسا بولىدىغان ياخشى ئەمەلدۇر. ھاجى قېرىنداشلىرىم، سىلەر قەيەردە، قايسى ۋاقىتتا قولايلىق بولسا، ھەجدىن بۇرۇن ياكى كېيىن بولسۇن، پەيغەمبەر مەسچىتىنى زىيارەت قىلساڭلار بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ئەمەلنى رازىلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شاپائەت قىلىدۇ.
ھۆرمەتلىك ھاجىلار، پەيغەمبەر مەسچىتىنى زىيارەت قىلىشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەدەپلىرى بار. مەدىنەدە پەيغەمبەر مەسچىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلىرىنىڭ قەبرىسى بار. مەدىنە ھىدايەت باغچىسى، مۇھاجىرلارنىڭ مەنزىلگاھىدۇر. پەيغەمبەر مەسچىتىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى: مەسچىتكە كەمتەرلىك بىلەن كىرىش ھەمدە رەۋزەتۇل مۇتەھھەرەدە ناماز ئوقۇشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئۆيۈم بىلەن مەن خۇتبە ئوقۇيدىغان مۇنبەرنىڭ ئارىسى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر“ دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرگە سالام بېرىشتۇر.
ۋىدالىشىش تاۋاپى ھەجنىڭ مۇھىم ۋاجىپلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ ھېكمىتى كەئبىنى ئىززەتلەش، ھەج سەپىرىنى ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى دەپ بىلىشتۇر. ھاجىلار ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە ئۇيغۇن سۆز-ھەرىكەت قىلىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىلىشى، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ”ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسىدۇر“ دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، ئاللاھنىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك بىردىنبىر ھەق ئىلاھ ئىكەنلىكىنى، بارلىق ئىشلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش لازىملىقىنى چۈشىنىپ، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا، جامائەت بىلەن ئوقۇشقا، سەدىقە-زاكات ۋە باشقا پەرزلەرنى ئورۇنلاشقا تىرىشىشى لازىم.
ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ھاجىلار تۆۋەندىكىلەردىن ساقلىنىشى لازىم:
1. نەپسى خاھىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد!) ’ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار‘ دېگىن“{سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 77-ئايەت}.
2. گۇناھ. بىھۇدە تالاش-تارتىش ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ ئۆزىلا گۇناھتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”بۇ كۈندە دوستلار بىر-بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا(ئۇنداق ئەمەستۇر)“{سۈرە«زۇخرۇف»(43-سۈرە)، 67-ئايەت}.
3. شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى. چۈنكى شەيتان ئىنسانلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا دۈشمىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ“{سۈرە«فاتىر»(35-سۈرە)، 6-ئايەت}.
شەيتان تەقۋادارلاردىن باشقىلارنى ئازدۇرۇشقا قەسەم قىلغاندۇر. يۇقىرىقى ئۈچ دۈشمەن مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن كۈزۈتۈپلا تۇرىدۇ. مۇسۇلمانلار چوقۇم قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلىشى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈشى، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشى، ئاللاھنىڭ چەكلىگەنلىرىدىن يېنىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن خۇش خەۋەرگە ئىشىنىشى، ئاللاھ بەلگىلىگەن رەۋىشتە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى، ھەرقانداق خىزمەت ۋە چوڭ-كىچىك ئىشلاردا دۇرۇس بولۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار(يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غوم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 65-ئايەت}.
مۆھتەرەم ھاجىلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەجىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن. ئاللاھ تائالا دۇئالىرىمىزنى ئاڭلاپ، ئىجابەت قىلىپ تۇرىدۇ. بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە سالاملار بولسۇن. 
(بۇ ماقالە «ھەج ۋە ئۆمرە» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى. ئاپتورى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋازارىتى مەسلىھەتچىسى، پەتىۋا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەھمەد مۇبارەك خالبۇش، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ما يىباۋ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر