باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-26   

ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەشەببۇسنامىسى

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى، دىنىي زاتلار، مۇسۇلمان قېرىنداشلار:

ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ يامان تەسىرىنى توسۇش، كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى تونۇشقا يېتەكلەش، ئېتىقادنى ساپلاشتۇرۇپ، خاتا چۈشەنچىنى تۈگىتىپ، ھىدايەتكە ئەگىشىپ زالالەتنى يوقىتىش، بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار، تەتقىقاتچىلار، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنىش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، تۆۋەندىكى تەشەببۇسنامىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

1. ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئېتىقادنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئوتتۇراھاللىقنى قوغدايدىغان دىندۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزلەرگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ”شۇنىڭدەك(يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە(يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشىڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق“ (سۈرە بەقەرە، 143-ئايەت). ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل-ئىبادەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەمەل قىلىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپى. مىڭ يىللاردىن بۇيان ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرىلاشتا، ئەمەل-ئىبادەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ئەخلاقىنى ياخشىلاشتا، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىكى تەلىماتلارغا ئەمەل قىلىپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى كۈندىلىك دىن ئۆگىنىش، دىنى تەبلىغ قىلىش ۋە دىنى پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلاپ، چەكتىن ئاشۇرماي ھەم سەل قارىماي ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ، دۇرۇس بولۇپ، ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنىپ، ئېتىقادى مۇكەممەل مۇسۇلمانلاردىن بولۇشى كېرەك.

2. ئوتتۇراھال يول تۇتۇش روھى ئارقىلىق ئىش-ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇھەممەد، ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. (مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ) ئاللاھنىڭ چەكلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر“(سۈرە ھۇد، 112-ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مۇنداق دېگەن: ”ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر“. مىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى ئوتتۇراھاللىق ۋە ئىناقلىق ئىدىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ تىنچلىقپەرۋەرلىك، رەھىمدىللىك، كەڭ قورساقلىق، مۆتىدىللىك، كەڭچىلىك قاتارلىق ئېسىل ئالاھىدىلىككە ئىگە، ۋەتەننى سۆيىدىغان ھەمدە دىننى سۆيىدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى شەكىللەندۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسى جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جانلاندۇرۇشى، بۇ ئىدىيەنى كۈندىلىك ئىش-ھەرىكىتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا تەتبىقلىشى، ۋەتەننى سۆيۈپ قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتىدىغان، ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغان، تېجەشلىك، لاياقەتلىك، پاك مۇسۇلمانلاردىن بولۇش كېرەك.

3. ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنىڭ كۈچى بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ“(سۈرەمائىدە، 153-ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەر دىندا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر دىندا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولغان“. نۆۋەتتە ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك ئۇنسۇرلار ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي تەلىماتىنى چۆرۈۋېتىپ ياكى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ، باشقىلارغا خالىغانچە تون پىچىپ، جىھادنىڭ ئەسلى مەنىسىنى بۇرمىلاپ، مۇقەددەس ئۇرۇش ھەققىدە داۋراڭ سېلىپ، ئەسەبىيلىكنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈپ، مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەر ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق ۋە دۈشمەنلىكنى پەيدا قىلدى. ئۇلار قۇرئان ھەدىسنىڭ تەلىماتلىرىغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقنى نەزەرگە ئالماي، ئادالەتنى دەپسەندە قىلىپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى ئۈزلۈكسىز پەيدا قىلىپ گۇناھسىز پۇقرالارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈپ، خەلقنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. شۇنداقلا دۇنيا ئەھلىنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى خاتا چۈشىنىشىگە ۋە ئۇلارغا بىر تەرەپلىمە قارىشىغا سەۋەبچى بولدى، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئېغىر خەۋپ-خەتەر يەتكۈزدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسى “ئۈچ خىل كۈچ”نىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسى ۋە قەبىھ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك، بىگۇناھ جانغا زامىن بولۇشنىڭ ھەرگىز جىھاد ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار قىلىدىغان جىنايى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىيدىغان، ئادالەتنى ياقىلايدىغان، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن توسۇپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان، ئوتتۇراھاللىقنى قوغدايدىغان ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇشى كېرەك.

4. ئوتتۇراھال يول تۇتۇش خىسلىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلىق ئوبرازىنى نامايان قىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەرگە-ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر“(سۈرە ئەھزاب، 21-ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”مەن گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم“.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلىتى ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ مۇجەسسەمى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش پەزىلىتى بىز مۇسۇلمانلار ئۆگىنىدىغان ۋە ئۈلگە قىلىدىغان پارلاق نامايەندە. پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ تەلىماتىغا ئەمەل قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن ئۆگىنىپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش روھىنى كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ بەندىنى سۆيىدىغان، مېھىر-مۇھەببەتنى، دوستلۇقنى ۋە تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ئۆز نەپسىنى يېڭىپ سەۋرچان بولىدىغان، دۇنيادا كەمتەر ياشاپ ئۆتىدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولۇشى كېرەك.

بىز بۇ قېتىمقى يىغىننى تۈرتكە قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ، دىننى سۆيۈش ۋە خەلقنى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دىنى ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، شەرىئەتنى ئىلمى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى شەرىئەتنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرايلى! دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنىڭ ئىجراچىلىرى، ئوتتۇراھاللىق قىممەت قارىشىنىڭ ۋارىسلىرى ۋە ئوتتۇراھال يول تۇتۇش روھىنىڭ راۋاجلاندۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەيلى. پۈتۈن جەمئىيەت ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى، مېھىر-شەپقەتنى ۋە كەڭچىلىكىنى ياقىلايدىغان ھەقىقىي روھىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا تونۇسۇن، بىز ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىناق-ئىتتىپاق، تىنچ جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

ئاللاھ تائالا بىزگە رەھمەت قىلغاي، بىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي، ئامىن!

يەنە >>سۈرەتلەر