دىن ۋە مەدەنىيەت

دىن ۋە مەدەنىيەت
تەۋسىيەلىك تېمىلار
مەدرىسە مۇستەنسىرىييە
ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مۇستەنسىر بىللاھ ئەلئابباسى(مىلادىيە 1226-يىلىدىن 1243-يىلىغىچە سەلتەنەت سۈرگەن) ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت-مائارىپقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلىپىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 17 يىل ئىچىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن، باغدادتىكى مۇستەنسىرىييە مەدرىسەسى ئۇنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىدە مىلادىيە 1227-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 700 مىڭ دىنار سەرپ قىلىنغان، مىلادىيە 1233-يىلى 4-ئايدا مەزكۇر مەدرىسەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمغا مىڭدىن ئارتۇق قوي سويۇلۇپ، ھەرخىل يېمەكلىكلەر ۋە مېۋە-چېۋىلەر تىزىلىپ ناھايىتى چوڭ زىياپەت سورۇنى ھازىرلانغان....
ھەدىس شەرىف ئىسلام سەنئىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن؟
ھەدىس ئەرەب تىلىدىكى ”ھەدىس نەبەۋى“(پەيغەمبەرنىڭ سۆزى) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ھەدىس شەرىف قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم كىتابى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ خاتىرىسىدۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ تەپسىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىلادىيە 570-يىلى تۇغۇلۇپ، 632-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ خەت تونۇمايتتى، 40 ياشقا كىرگەندە ئاللاھ تائالا جىبىرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى 23 يىلدا ۋەھيى قىلىپ(نازىل قىلىپ) بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ساھابىلەر ۋە ھەدىسشۇناسلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاپ، راۋىيلىرىنى ئەستايىدىللىق، ئىنچكىلىك بىلەن تاللاپ، ھەدىسلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدىكى ئىشەنچلىك يازما ماتېرىياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «سەھىھۇلبۇخارى»، «سەھىھۇل مۇسلىم»، «سۇنەن ئىبنى داۋۇد»، «سۇنەنى تىرمىزى»، «سۇنەنى نەسەئى»، «سۇنەنى ئىبنى ماجە» قاتارلىق چوڭ ھەدىس كىتابىنى تۈزۈپ چىقتى، يەنە «مىشكاتۇل مەسابىھ»(نۇرلۇق چىراغ) ناملىق مەشھۇر ھەدىس كىتابىمۇ بار. ھەدىس شەرىف ئىسلام ئەقىدىلىرى، شەرىئەت ھۆكۈملىرى، ئەدەپ-قائىدىلەر ۋە ئەخلاق مەسىلىلىرىگە تولۇق جاۋاب بېرىدۇ ھەم ئۇلارنى شەرھلەيدۇ. ئۇ ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى، ئىسلام ئىلمىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىدۇر. مۇسۇلمانلار ھەدىس شەرىفكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تەلىماتى بويىچە ئىش قىلىدۇ....
بەيتۇل ھېكمەت
8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى(مىلادىيە 750-يىلى) ئابباسىيلار سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەرنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ئاساسەن توختاپ، سۇلالە ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە مۇقىملاشقان. بۇ چاغدا سۇلالە زېمىنى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپالارغىچە كېڭەيگەن ئىدى. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى 100 يىلدەك مەزگىلىدە(مىلادىيە 750-يىلىدىن 842-يىلىغىچە)، بولۇپمۇ خەلىپە ھارۇن رەشىد(مىلادىيە 786-يىلىدىن 809-يىلغىچە سەلتەنەت سۈرگەن) ۋە خەلىپە مەئمۇن(مىلادىيە 813-يىلىدىن 833-يىلىغىچە سەلتەنەت سۈرگەن) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارنىڭ تېزدىن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتتە دۇنياۋى خاراكتېرلىك گۈللىنىش مەيدانغا كەلگەن. تەرەققىيپەرۋەر ھاكىمدار خەلىپىلەر شۇنچە كەڭ زېمىنغا، جۈملىدىن مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆزلىرىدىن ئالغا كەتكەن ئەللەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ ۋە دىن تارقىتىشنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتىگە كېلىپ، بۇ ئىشنى يۇنان، پارس، ھىندىستان، رىم قاتارلىق ئەينى چاغدىكى مەدەنىيەتلىك ئەللەرنىڭ قەدىمىي ئىلىم-پەن مىراسلىرىنى يىغىپ ۋە رەتلەپ ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا باغدادتا تەسىس قىلىنغان ”بەيتۇل ھېكمەت“ مانا مۇشۇنداق شارائىتتا مەيدانغا كېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمىي يازما مەدەنىيىتىنى قېزىش، ساقلاپ قېلىش، تەتقىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئالەمشۇمۇل تۆھپە قوشۇپ، ئەرەبلەردە مەيدانغا كەلگەن ”ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىلىم-پەننىڭ بۇلىقى، ئەقىل-پاراسەتنىڭ خەزىنىسى، ئالىملارنىڭ مۇقەددەس قەسرى“ دېگەندەك شان-شەرەپلەر بىلەن ناملانغان. ...
ئىسلام تارىخى
مۇسۇلمانلار ئەھۋالى
مەدەنىيەت ۋە سەنئەت
ھەدىس شەرىف ئىسلام سەنئىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن؟
ھەدىس ئەرەب تىلىدىكى ”ھەدىس نەبەۋى“(پەيغەمبەرنىڭ سۆزى) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ھەدىس شەرىف قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم كىتابى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ خاتىرىسىدۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ تەپسىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىلادىيە 570-يىلى تۇغۇلۇپ، 632-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ خەت تونۇمايتتى، 40 ياشقا كىرگەندە ئاللاھ تائالا جىبىرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى 23 يىلدا ۋەھيى قىلىپ(نازىل قىلىپ) بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ساھابىلەر ۋە ھەدىسشۇناسلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاپ، راۋىيلىرىنى ئەستايىدىللىق، ئىنچكىلىك بىلەن تاللاپ، ھەدىسلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدىكى ئىشەنچلىك يازما ماتېرىياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «سەھىھۇلبۇخارى»، «سەھىھۇل مۇسلىم»، «سۇنەن ئىبنى داۋۇد»، «سۇنەنى تىرمىزى»، «سۇنەنى نەسەئى»، «سۇنەنى ئىبنى ماجە» قاتارلىق چوڭ ھەدىس كىتابىنى تۈزۈپ چىقتى، يەنە «مىشكاتۇل مەسابىھ»(نۇرلۇق چىراغ) ناملىق مەشھۇر ھەدىس كىتابىمۇ بار. ھەدىس شەرىف ئىسلام ئەقىدىلىرى، شەرىئەت ھۆكۈملىرى، ئەدەپ-قائىدىلەر ۋە ئەخلاق مەسىلىلىرىگە تولۇق جاۋاب بېرىدۇ ھەم ئۇلارنى شەرھلەيدۇ. ئۇ ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى، ئىسلام ئىلمىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىدۇر. مۇسۇلمانلار ھەدىس شەرىفكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تەلىماتى بويىچە ئىش قىلىدۇ....
مەسچىت-مەدرىسلەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بىلىم گۈلزارى
سۈرەتلەر