باش بەت > سۈرەتلەر > مەسچىت سۈرەتلىرى

مەسچىت سۈرەتلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-20   
 مەسچىتلەر مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئىبادەت قىلىدىغان ئاممىۋى سورۇن بولۇپ، مۇقەددەسلىكى سەۋەبىدىن «ئاللاھنىڭ ئۆيى» دەپ تەرىپلىنىدۇ؛ چوڭلىرى جامە، كىچىكلىرى مەسچىت دەپ ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار بەش ۋاق ناماز، جۈمە ناماز ۋە ھېيت نامازلىرىنى مەسچىتتە ئوقۇيدۇ؛ مېيىت نامازلىرىنى مەسچىتتە چۈشۈرىدۇ. ئەڭ بۇرۇن سېلىنغان قۇبا مەسچىتىدىن تارتىپ ھازىرغىچە دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر سېلىندى، يېڭىلاندى، كېڭەيتىلدى، پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش سەنئىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ مەسچىتلەر بارغانچە زامانىۋى، ھەيۋەتلىك، كۆركەم، چىرايلىق تۈس ئالدى. ھەر خىل جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ، رەڭگارەڭ ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتىنى شەكىللەندۈردى.
يەنە >>سۈرەتلەر