ۋەز-تەبلىغلەر

شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش

ئالىم-ئۆلىمالار قاراڭغۇدا كىشىلەرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلىدىغان نۇرلۇق چىراغقا ئوخشاش بولۇپ، چىراغ ئۆزىنىڭ كۆيۈشى بەدىلىگە باشقىلارغا يورۇقلۇق بېغىشلىغاندەك، ئالىم-ئۆلىمالارمۇ بىلىمى ئارقىلىق جامائەتنىڭ قەلبىنى يورۇتىدىغان ۋە ئازغۇنلۇقتا قالغان كىشىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرلۇق چىراغدۇر. رەسۇلۇللاھ بىلىم ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قەلبىنى يورۇتىدىغان چىراغ مەسەللىك ئالىم-ئۆلىمالارنى ئىلگىرىكى زاماندىكى ئۈممەتلەرنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يۈكسەك دەپ قارىغان ۋە ئالىم-ئۆلىمالارغا ”پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى“ دېگەن شان-شەرەپنى بېرىپ: ”ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر“ دەپ ئېلان قىلغانىدى.

شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش

”ۋەز“ ياكى ”ۋەز-نەسىھەت“ دېگەن سۆز دىنىي جەھەتتىكى بىر خىل ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ سۆز ئىسلامىيەت بىلەن تەڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزغا كىرگەن. ئۇ مەنە جەھەتتىن ”نەسىھەت قىلىش، يول كۆرسىتىش، دىنىي مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش، ئەمرىمەرۇپ قىلىش“ دېگەن ئۇقۇملارنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر دىيارىمىزدىكى ئىماملار، خاتىپلار جۈمە نامىزى، ھېيت نامىزى ۋە باشقا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئىسلام دىنى ئەقىدە-ئەھكاملىرىنى، ئەخلاق-مىزانلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر خىل ۋاسىتە ياكى ماھارەت بولۇپ قالدى.

شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش
يېڭى ۋەز- تەبلىغلەر(1 ــ 4- توپلاملار)
جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى تۈزگەن

بۇ ۋەز-تەبلىغلەر توپلىمى 1-، 2-، 3-، 4-يىڭى ۋەز-تەبلىغلەر كىتابىنىڭ ئومۇمىي توپلىمى بولۇپ، 47 ۋەز-تەبلىغنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. “ۋەز”(الوعظ) ئەرەبچە سۆز بولۇپ، “نەسىھەت قىلىش” دېگەن مەنىگە ئىگە، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا “كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەپ، يامانلىقتىن توسۇش” دېمەكتۇر. ۋەز سۆزلەش مەملىكىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىسى، ئاخۇن-ئىماملارنىڭ ھېيت-ئايەم، جۈمە كۈنلىرى ۋە ھەرخىل دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا مۇسۇلمانلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى تەرغىبات ئۇسۇلى. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى، مەسىلەن: دىنىي ئەقىدە، شەرىئەت، دىنىي ئەمەل، قائىدە-يوسۇن، ئەدەب-ئەخلاق، تارىخ، مەدەنىيەت، «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف» نەسىھەتلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە پېشىۋا ئۇلىمالار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش
يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر
جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى تۈزگەن

بۇ كىتاب تۆۋەندىكى ۋەز-تەبلىغلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، تەرەققىياتنى ۋە ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كۆيۈنىدىغان ۋە ئۇلارنى ئاسرايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولايلى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، دىنىي ئىشلارنى ئىتتىپاقلىشىپ يولغا قويۇش لازىم رامىزاننىڭ پەزىلىتى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مەسئۇلىيىتى ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى دۇنيا ئىشلىرىنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولايلى خەير-ئېھسان قىلىش، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قېرىنداشلىق مېھىرنى ئۇنتۇمايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولايلى ئىسلام دىنى مۇھىت ئاسراشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان، جاسارەتلىك-ياراملىق مۇسۇلمان ياشلاردىن بولايلى

شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار! ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى ھەر قايسى جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيىلەپ، ھەربىر شەخسنى جەمئىيەتكە ياراملىق قىلىپ يىتۈشتۈرۈپ، ئۇنى جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدىغان، جەمئىيەت تەرتىۋىنى ساقلايدىغان، خەلقلەر دوستلۇقىنى كۈچەيتىدىغان، ئىتتىپاقلىقنى قوللايدىغان، قېرىنداشلىقنى مۇستەھكەملەيدىغان، روھىي پاك، قەلبى پاك، ئەخلاقلىق، ئەدەبلىك بولۇشقا تەرغىب قىلىدىغان مۇقەددەس دىن. بۇ دىننىڭ تەشەببۇس ۋە تەلىماتلىرى بىلەن ماڭغان كىشى دۇنيادا بەختىيار بولۇپ ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ

شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم : ھۆرمەتلىك قىرىنىداشلار ، ھەممىزگە ئايانكى ، يەر شارىدا ئىرقى، مىللىتى ، ئېتىقادى ، ئىجىتىمائى ئورنى ئوخشاش بولمىغان ئىنسانلار بىرگە ياشايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇش-تالاشتىن ساقلىنىپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ ، ئۆز-ئارا ياردەملىشىپ دوستانە ياششى ھاياتلىقىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى . تىنچىلىقىنىڭ كاپالىتى . «ئىسلام»دىگەن سۆز «ئىتائەت قىلىش»،«تىنىچىلىق»دىگەندىن ئىبارەت

ئاۋازلىق ۋەز-تەبلىغلەر
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى