باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ۋەز سۆزلەش قائىدىسى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-06   
مۆھتەرەم ھاجى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
ۋەزياكى ۋەز-نەسىھەتدېگەن سۆز دىنىي جەھەتتىكى بىر خىل ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ سۆز ئىسلامىيەت بىلەن تەڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزغا كىرگەن. ئۇ مەنە جەھەتتىن نەسىھەت قىلىش، يول كۆرسىتىش، دىنىي مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش، ئەمرىمەرۇپ قىلىشدېگەن ئۇقۇملارنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر دىيارىمىزدىكى ئىماملار، خاتىپلار جۈمە نامىزى، ھېيت نامىزى ۋە باشقا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئىسلام دىنى ئەقىدە-ئەھكاملىرىنى، ئەخلاق-مىزانلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر خىل ۋاسىتە ياكى ماھارەت بولۇپ قالدى.
ۋەز-نەسىھەتقىلىش، يەنى كىشىلەرنى ياخشى يولغا باشلاش، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى توغرا چۈشەندۈرۈش، مۇسۇلمانلارغا بۇ دۇنيالىق، ئۇ دۇنيالىق بەخت-سائادەتكە يېتىشنىڭ توغرا يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش دىنىي بىلىم ئىگىلىگەن، دىنىي ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان ھەر بىر دىنىي زاتنىڭ مەجبۇرىيىتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشەندۈرگەن ھەم توغرا يەتكۈزگەن، ھەم ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنى ھەقىقىي مۇسۇلمانلار قاتارىدا تۇتقان كىشىنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھقا(يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە ’مەن ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردىنمەن‘ دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟“{سۈرە«فۇسسىلەت»(41-سۈرە)، 33-ئايەت}.
ۋەز سۆزلەشتەك بۇنداق شەرەپلىك، ئۇلۇغ ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنداش كېرەك؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق قائىدىسى، ئۆزىگە چۇشلۇق ئۇسلۇبى، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تەرتىپى بار، شۇڭا بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ۋەز سۆزلىمەكچى بولغان كىشى ئالدى بىلەن ئاشۇ قائىدىلەرنى، ئۇسلۇبلارنى، تەرتىپلەرنى تولۇق ئىگىلىۋېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ماھارەتلىك ۋائىزلاردىن بولۇپ چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ۋەز-نەسىھەت قىلىشنىڭ ئۇسلۇبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا(يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار(يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 125-ئايەت}.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋەز-نەسىھەت سۆزلىگەندە ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا، ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا چاقىرىشنى، قارشى تەرەپ بىلەن مۇنازىرىلىشىش توغرا كەلسىمۇ ناھايىتى چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىشنى، ھەتتا سەن كۇففار، مەن مۇسۇلمان دەپ ئولتۇرماسلىقنى ئالاھىدە جاكارلاپ، كىمنىڭ كۇففار، كىمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئاللاھنىڭ ئۆزى بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. شۇڭا ۋەز سۆزلەش تىلنى ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىسى قىلغان ھالدا، ئاۋازلىق ھەم قول ھەرىكىتى ۋە روھىي ھالەت، چىراي-تۇرقى ئارقىلىق ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى، نەزەرىيىلىرىنى، ئەھكاملىرىنى ۋە ئەخلاق-مىزانلىرىنى، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش تەشەببۇسلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل سەنئەت شەكلى دەپ قارىلىدۇ.
 
ۋەز سۆزلەشنى قانداق ئۆگىنىش كېرەك؟
ۋەز ئېيتىش قائىدىسى، ۋەز ئېيتىش ئۇسلۇبى، ۋەز ئېيتىش تەرتىپى ۋە ماھارىتىنى ياخشى ئۆگىنىش ئىسلام دىنىنى كەڭ مۇسۇلمانلارغا توغرا يەتكۈزۈشنىڭ ھەم مۇسۇلمانلارنى ھازىرقى جەمئىيەتتىكى تەرەققىياتقا ماس ھالدا ياشاپ، زامانىۋى دەۋرنىڭ تەرەققىيات سەھنىسىدە بىر كىشىلىكتىن ئورۇن ئېلىشقا يېتەكلەشنىڭ مۇھىم ئېھتىياجى. شۇڭا ھەر بىر ئىمام ياكى خاتىپلاردىن، ۋائىزلاردىن كەڭ دىنىي، پەننىي بىلىملەرنى ئىگىلەش، مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئىسلام دىنىمىزنى توغرا چۈشەندۈرەلەيدىغان سەۋىيىگە يېتىپ، ئۇلارنى ئاڭلىق، سەۋىيىلىك، مەدەنىيەتلىك ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلاردىن قىلىش ۋە ھازىرقى دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان قىلىش ئۈچۈن ياخشى، ئۆلچەملىك ۋەز سۆزلىيەلەيدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق بولمىغاندا، دىنىي ئىشلارنى، كۆزقاراشلارنى تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى سەۋىيىدە توختاپ قالغان، بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن، گەپ-سۆزلىرىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتتە مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقالماي، ۋەزىيەتكە تولۇق ماسلىشالماي، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالا تاپشۇرغان مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلالمىغاندىن باشقا، يەنە دەۋرىمىز مۇسۇلمانلىرى كۈتكەن ئۈمىدلەرنى يەردە قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ۋەز سۆزلەشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى دەڭسەپ بېقىشىمىزغا، بىلىم سەۋىيىمىزنى ئۆلچەپ بېقىشىمىزغا، كەم بىلىملەرنى، ئاجىزلىق تەرەپلەرنى تولۇقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئوقۇش پۇرسىتىدىن قالغانلار ياكى ياشقا چوڭ بولغانلار ئۈمىدسىزلىنىپ، بىلىم ئىگىلەشنى تاشلىۋەتسە ھەرگىز بولمايدۇ. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: ”سەن بۆشۈكتىن لەھەتكىچە ئىلىم تەلەپ قىل“. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەدىسىدە بىزنىڭ بىلىم ئىگىلەشنى ھەرگىز توختىتىپ قويماي، تا ئۆلگىچە تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۆگىنىپ تۇرۇشىمىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان، شۇڭا ۋەز سۆزلەشنى ئۆگىنىش، ۋەز سۆزلەپ چېنىقىش ھەر بىر ئىمام-خاتىپلارغا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان تەلەپ، شۇنداقلا، ئىسلام دىنى دارىلفۇنۇنلىرىدا تەربىيىلىنىۋاتقان، ھەرقايسى دىنىي مەكتەپلەردە، دىنىي نۇقتىلاردا ھەم دىنىي زاتلاردا ئوقۇۋاتقان تالىپلارمۇ ۋەز سۆزلەشنى ئۆگىنىشى، ۋەزنىڭ قائىدە-تەرتىپلىرىنى ئىگىلىشى، مەكتەپ پۈتتۈرۈش، ئوقۇش تاماملاش ئالدىدا كەڭ مۇسۇلمانلار جامائىتىنى قايىل قىلالايدىغان، ئۆلچەملىك ۋەز سۆزلىيەلەيدىغان ئىمام-خاتىپلاردىن بولۇپ چىقىشى كېرەك، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا(ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟“{سۈرە«تەۋبە»(9-سۈرە)، 122-ئايەت}.
بۇ ئايەت كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئىچىدىن مەلۇم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ چىقىپ، دىنىي بىلىم ئىگىلەپ، ئۆز قوۋمىنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى، ئىسلامىيەتنى توغرا چۈشەندۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. دېمەك، باشقىلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش، ئىسلامىيەتنى توغرا چۈشەندۈرۈش مول بىلىملەرگە ئىگە، ماھارەتلىك ۋائىزلارنىڭ قايىل قىلارلىق ۋەزلىرى بىلەن بولىدۇ. شۇڭا ھەربىر ئىمام-خاتىپلار، تالىبۇل ئىلمىلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەر ساھەلىرىگىچە بولغان بىلىملىرىنى تولۇق ئىگىلەپ، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى قولدىن بەرمەي، ئۆزىدە مۇكەممەل بىر ئىدىيىۋى كۆزقاراشنى، قايىل قىلارلىق بىر تالانتنى تىكلەپ، ئۆلچەملىك ۋەز سۆزلەيدىغان ۋائىزلاردىن بولۇشى كېرەك. ۋەز سۆزلەشنى ئۆگىنىش جەريانىدا، ھەربىر شەخس تۆۋەندىكى ئۆتكەللەردىن ئۆتكەندە ۋائىزلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەرنى ھازىرلىيالايدۇ:
1) ۋەز سۆزلەشنى ئۆگىنىش تالىبۇل ئىلمىلارنى چېنىقتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ئۇلار ئۆگىنىش جەريانىدا ئىسلام دىنىنىڭ ھەر خىل بىلىملىرىنى، پەننىي بىلىملەرنى ئىگىلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرەلەيدۇ، ئىدىيىسىدە توغرا كۆزقاراشلارنى تۇرغۇزۇپ، ۋۇجۇدىدا ئېسىل ئەخلاقنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. ئۇلار كۆپلىگەن تەپسىر كىتابلارنى، ھەدىس كىتابلارنى، ھەر خىل پىكىر ئېقىمدىكى كۆزقاراشلارنى، ھەر ساھەگە چېتىلىدىغان پەننىي ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە بىلىم ئىگىلىشىگە، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتالايدۇ.
2) ۋەز سۆزلەشنى ئۆگىنىش تالىبۇل ئىلمىلارغا نىسبەتەن ھەر تەرەپلىمە قابىلىيەت ۋە تالانتنى ئۆستۈرۈش جەريانىدۇر، چۈنكى ۋەز سۆزلەش ئۈچۈن دىنىي جەھەتتىكى ئىجتىمائىي ۋەقەلىكلەرنى ئەستايىدىل كۆزىتىشكە، ھەر خىل دىنىي مەزھەپلەرنىڭ پىكىر ئېقىملىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا، تەھلىل قىلىشقا، شۇنداقلا ئەتراپلىق چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئارقىلىق تالىبۇل ئىلمىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرەلەيدۇ.
3) ۋەز سۆزلەشنى ئۆگىنىش تالىبۇل ئىلمىلارنىڭ ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئالىيجاناب ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشى ۋە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنىڭ ئەڭ ياخشى جەريانىدۇر، چۈنكى ۋائىزلار ۋەز سۆزلىگەندە چوقۇم توغرا ئىسلام ئىدىيىسى، توغرا نۇقتىئىنەزەرلەر بىلەن مۇسۇلمانلار جامائىتىنى قايىل قىلىشى، توغرا دىنىي ھېسسىيات بىلەن جامائەتچىلىكنىڭ دىل تارىنى چېكىشى، گۈزەل تىل، سىلىق-سىپايە، مۇلايىم قىياپەت بىلەن مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك.
 
قانداق قىلغاندا ئۆلچەملىك ۋائىزلاردىن بولالايمىز؟
دىنىي بىلىم ئىگىلىگەنلەر، دىنىي ۋەزىپە بىلەن شۇغۇللانغانلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. بىزنىڭ ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”ساڭا بىز ۋەھيى قىلغان كىتاب(يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ(راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئاندىن بىز كىتاب(يەنى قۇرئان)نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر(يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن ئەمەل قىلمايدۇ)، بەزىسى ئوتتۇرا ھالدۇر(يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ، قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدۇ) ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە ئاشۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر“{سۈرە«فاتىر»(35-سۈرە)، 3132-ئايەتلەر}.
بىز يۇقىرىقى ئىككى ئايەتتىن قۇرئان كەرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان كىتاب ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بەندىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارغا قۇرئان كەرىمنى مىراس قالدۇرۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن باشقا، يەنە قۇرئان كەرىمنى مىراس قىلىپ تاپشۇرۇپ ئالغان كىشىلەرنىڭمۇ ئۈچ خىل بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر خىلى قۇرئاننى ئوقۇغان بىلەن ئەمەل قىلماي ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىدىغانلىقىنى، يەنە بىر خىلى قۇرئاننى ئوقۇپ كۆپ چاغلاردا ئەمەل قىلغان بولسىمۇ، بەزىدە ئەمەل قىلماي ئوتتۇرا ھال تۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۈچىنچى خىلى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ۋە ئىزنى بىلەن قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقىنى، ئەنە شۇنداق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا مەرھەمىتى ئۈستىدە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالىمىز. بۇ ئايەتتىن يەنە شۇنى چۈشىنىۋالىمىزكى، ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ھەمدە ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئىشى پەيغەمبىرىمىزدىن مىراس قالغان ۋەزىپە بولۇپ، ئۇنى ياخشى ئورۇندىغىنىمىزدىلا يۇقىرىقى ئايەتتە كۆرسىتىلگەن ئۈچىنچى خىل كىشىلەرنىڭ قاتارىغا كىرىپ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلەيمىز ھەم كاتتا ساۋابلارنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز؛ شۇنىڭدەك دۇنيا ئۈچۈنمۇ، ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىش قىلالىغان بولىمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ بىر ھەدىسىدە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئورنىنى، ۋەزىپىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”ئۆلىمالار ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى“. دېمەك بىز دىنىي بىلىم ئىگىلىگەن دىنىي زاتلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر ئەمما شەرەپلىك، مەسئۇلىيەتچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى ئۆز لايىقىدا مۇۋاپىق ئورۇنلاش گەدىنىمىزگە چۈشكەن پەرز، شۇڭا بىز ھەربىر سۆزنى قىلغىنىمىزدا، ھەربىر قەدەمنى باسقىنىمىزدا سۆز-ھەرىكىتىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن كەلدىمۇ-يوق دېگەننى ئېسىمىزگە ئېلىشىمىز، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا پەيغەمبىرىمىزنى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”سىلەرگە— ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر“{سۈرە«ئەھزاب»(33-سۈرە)، 21-ئايەت}.
دېمەك، پەيغەمبىرىمىز ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىمىزدە ئەگىشىدىغان ئۈلگىمىز، يېتەكچىمىز بولۇشى كېرەك.
ئۇنداقتا پەيغەمبىرىمىز ۋەز-نەسىھەتنى قانداق ئورۇندىغان؟ قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن؟ پەيغەمبىرىمىزنى ئۈلگە قىلىشىمىز ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز لازىم؟ بۇنىڭدا ئالدى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ 23 يىللىق ھاياتىغا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇنىڭ ۋەز-نەسىھەت، دەۋەت قىلىش ئۇسلۇبلىرىنى ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھاياتىدا ئالدى بىلەن ئىسلام ئەقىدىسىگە دائىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، مەسىلەن: ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ بىرلىكىگە، بارلىقىغا، ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرىگە، شۇنىڭدەك ساماۋى كىتابلارغا، ئەلچىلەرگە، قىيامەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىققا، ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىغا ھەر جەھەتتىن پاكىت-دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ قايىل قىلىشتىن باشلاپ، ئىككىنچى قەدەمدە ئىسلام دىنىنىڭ بەش ئەركانىنى بايان قىلغان. بۇنىڭدىمۇ ئۆز تەرتىپى بويىچە ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئورۇنلاش قائىدىلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. ئۇنىڭدىن قالسا ئىسلام ئەخلاقى، ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە دائىر بىر قاتار ئەھكاملارنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىغان ھەمدە دىننى، جاننى، ئەقىلنى، نەسىلنى ياخشى ساقلاشقا ئائىت شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەت-نىشانلىرىنى بايان قىلغان ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك يوليورۇقلارنى بەرگەن. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى ئەقىدىگە ئائىت مەسىلە بولسۇن، مەيلى شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئائىت مەسىلىلەر بولسۇن، ھەممىسىدىلا ئەڭ ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى ئالدىنقى قاتاردا بايان قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئاساس سالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىدە ھەقىقىي پەيغەمبەرگە خاس ئېسىل خىسلەتلەرنى نامايان قىلىپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ، شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئۆزى ئۈلگە كۆرسەتكەن. شۇڭا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سورالغان چاغدا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبىرىمىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىنىڭ، ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئۇنىڭدىن تەبىئىي ھالدا سادىر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئاننىڭ دەل ئۆزى ئىدى“. شۇڭا بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەربىر ئېغىز سۆزىمىزدە، ھەربىر ھەرىكىتىمىزدە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشىمىز، ھەتتا ۋەز-نەسىھەت قىلغان ۋاقتىمىزدىمۇ ئۇنىڭ مۇبارەك ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىشىمىز لازىم. تۆۋەندە ۋەز سۆزلىگۈچىلەرگە قويۇلىدىغان بەزى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز.
 
ۋائىزلارنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى
 ۋەز سۆزلىگۈچىلەر ئالدى بىلەن ئۆزلىرى تەربىيىلىنىشى، باشقىلارغا ۋەز سۆزلەپ يېتەكلىسە كەينىگە كىرىپ ئەگەشكۈدەك ياخشى سۈپەتلەرنى ئۆزىدە تىكلىشى، ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا سۆزلىمەكچى بولغان ۋەزنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى، مەقسەت-غايىگە يەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار بۇ ئارقىلىق جامائەتكە ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارى ۋائىزلارنىڭ سۆزىدىن كۆرە، قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئۇلار بىر مەسىلە ئۈستىدە گەپ ئاچماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزى شۇ ئىشقا بىۋاسىتە باش بولۇشى ھەم قاتنىشىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنىڭ ۋە قىلغان ۋەزىنىڭ ۋەزنى بولىدۇ، جامائەتكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ھەم ۋەز تەشەببۇسلىرىغا قارىتا ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرالايدۇ، ۋائىزنىڭ ئۆزىمۇ جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، شۇڭا ۋائىزلار ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.
1. ۋائىزلار ئاللاھ تائالاغا ئۆزىنى بېغىشلاپ ۋە ئىشتىياق باغلاپ ئىمان ئېيتقان بولۇشى ھەمدە باشقىلارنى ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقىغا ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىشى كېرەك. شۇڭا ۋائىزلار ئالدى بىلەن ئەقىدە مەسىلىلىرىنى تولۇق ئىگىلىشى، ئەستايىدىل ئۆگىنىشى كېرەك. چۈنكى ئەرەبلەردە: بىر نەرسىسى يوق كىشى بېرەلمەيدۇ، مېلى ئۆلچەمگە يەتمىگەن كىشى سەدىقە ئاجرىتالمايدۇ“ دېگەن گەپ بار. دېمەكچىكى، بىر نەرسە بىلمىگەن كىشى باشقىلارغا بىر نەرسە ئۆگىتەلمەيدۇ، دىننى چۈشەنمىگەن كىشى باشقىلارنى يېتەكلىيەلمەيدۇ. شۇڭا ۋائىز ئالدى بىلەن ئۆزى بىلىم ئىگىلىشى، ۋەز سۆزلەپ جامائەتنى قايىل قىلىپ ياخشى يولغا يېتەكلەشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ بىلىشى، مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك ھەمدە ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەن بارلىق يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، بەلگىلەنگەن پەرز، ۋاجىپ، سۈننەتلەرنى ئۆزى تولۇق ئادا قىلىشى، تەقۋادارلىققا ياتىدىغان ئىشلارنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋېلىشى كېرەك.
2. ۋەز سۆزلىگۈچىدە ئەخلاق-پەزىلەت بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمۇ گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم“. چۈنكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى، ئەھكاملىرى ۋە ئەخلاق مىزانلىرى بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەچكە، ئىسلام دىنىمىزدا ئەخلاق ئالاھىدە ئورۇن ئالغان؛ شۇڭا ۋائىزلارغا ئەخلاق ئىنتايىن مۇھىم. ۋائىزلار ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى، ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇكەممەل ئىدىيىسى بىلەن قوراللىنىشى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيە-ھېسسىياتلىرىنى توغرا يۆنىلىشتە يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك؛ شۇندىلا مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىنىڭ جۇشقۇن، ھېسسىياتلىق ۋەز-نەسىھەتلىرى بىلەن قايىل قىلالايدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى كۆرسەتكەن توغرا يولغا مېڭىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، يامان ئىشلاردىن يانىدىغان، ئىسمى- جىسمىغا لايىق مۇسۇلمانلاردىن بولۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرالايدۇ.
ۋائىزلار ۋەز سۆزلەپ باشقىلارنى ئىسلام دىنى ئەخلاقى بىلەن قوراللىنىشقا ئۈندەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىسلام دىنى ئەخلاقىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈشى، شۇنداقلا تۇرمۇشىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك. بىزگە مەلۇمكى، ئەخلاقى ناچار كىشى باشقىلارغا ئەخلاقىڭلارنى ياخشىلاڭلاردېسە ئۇنىڭ ئۈنۈمى جەزمەن ياخشى بولمايدۇ، يەنى ئەخلاقسىز كىشى ئەخلاق ھەققىدە گەپ ئاچسا، ياخشى ئىش قىلمايدىغان كىشى باشقىلارنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ گەپ ساتسا، ۋەز ئاڭلىغۇچىلاردا جەزمەن بىزارلىق پەيدا بولۇپ، ئۇ ۋەزنىڭ قىلچە ئىجابىي ئەھمىيىتى بولمايدۇ. شۇڭا ۋائىزلار ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىدە بىر توغرا ئىسلامىي كۆز قاراشنى تۇرغۇزۇشى، ئالىيجاناب ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشى، ئۆزىگە ھەر ۋاقىت قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. ۋائىزلار ئەخلاق جەھەتتىن تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:
1) ئىتتىپاقلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىتتىپاقلىق ئىسلام دىنىمىز 1400 يىلدىن بېرى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنە، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 103-ئايەت}.
دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ يەردە بىزگە ھەممىمىزنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشىنى، ئۆزئارا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ ئايرىلماسلىقنى بۇيرۇق قىلىپ جاكارلىغان. شۇڭا بۇ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە چۈشكەن مەجبۇرىيەت، بولۇپمۇ دىنىي ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئۆلىمالارغا، ۋائىزلارغا بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ۋائىزلار ئاۋۋال ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىشى ھەم بارلىق جامائەت بىلەن ئىتتىپاقلىشىشى، زىددىيەتكە سەۋەب بولىدىغان بارلىق گەپ-سۆزلەردىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار ئۆزئارا پىكىر بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جامائەت ئارىسىدا ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ ھەم كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىپ، جەمئىيەتتە ئىتتىپاقلىق شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
2) كەمتەر بولۇش كېرەك. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئاللاھ تائالا سىلەرنى بىرى يەنە بىرىگە تەكەببۇرلۇق قىلمىسۇن، بىرى يەنە بىرىگە زومىگەرلىك قىلمىسۇن دېمەكلىك بىلەن كەمتەر بۇلۇڭلار دەپ ۋەھيى قىلدى‘‘. پەيغەمبىرىمىز يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بىر كىشى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلىدىغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ‘‘.
دېمەك، كەمتەر بولۇش ئادەمگە نىسبەتەن گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتتۇر، ئىلگىرىلەش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ كاپالىتىدۇر. قەدىمدىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز: كەمتەرلىك ئادەمنى ئالغا باستۇرىدۇ، مەغرۇرلۇق ئادەمنى چېكىندۈرىدۇدەپ ئېيتىپ كەلگەن. شۇڭا ۋائىزلار كەمتەر بولۇشى، ئازراقلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىشى، بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئىرادىسى بىلەن بولۇشىغا ئىشىنىشى، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەك، ئۆزىنىڭ پەقەت دىننى توغرا يەتكۈزۈپ قويۇشلا مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، سۆزلىگەن ۋەزنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئاللاھ تائالا شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ تىلىدا مۇنداق دېگەن: ”مەن پەقەت(سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنىلا خالايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن“{سۈرە«ھۇد»(11-سۈرە)، 88-ئايەت}.
دېمەك، بىز ھەر بىر ئىشىمىزنىڭ قانداق نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، غەلىبىدىمۇ، مەغلۇبىيەتتىمۇ ئۆزىمىزنى تۆۋەن، كەمتەر تۇتۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ئۆلىمالار جامائەت ئارىسىدا ۋە باشقا ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەردە، بېرىش-كېلىشلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، كەمتەرلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، كەمتەرلىك بىلەن ئىش قىلغىنىمىزدىلا، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلالايمىز. ئەكسىچە، تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق، ئۆكتەملىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا مەسىلىلەرنى ئوڭايلا مۇرەككەپلەشتۈرۈۋالىمىز.
3) ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولۇش كېرەك. ئىخلاسمەن بولۇش دېگىنىمىزدە ئاللاھ تائالاغا بولغان ئېتىقاد ساپ بولۇش، بارلىق ئىبادەتلەرنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش، باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا سەمىمىي، سادىق بولۇش، ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلغاندا مەسئۇلىيەت روھى ھەم سەمىمىيلىك بولۇش قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىسلام دىنىمىزدا ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمىز ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولىدۇ. بۇ توغرىسىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن(يەنى ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن، پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن“{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 110-ئايەت}.
شۇڭا بىز ساپ نىيەت، ئالىيجاناب روھ بىلەن ئىش قىلىشىمىز، دىنىي ئىشلاردا ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى، رەھمىتىنى، بېرىدىغان ئەجرى ساۋابىنى ئويلىشىمىز، دىنىي مەجبۇرىيەتنى ھەرگىز قۇرۇق شۆھرەت ۋە ئابرۇي تاماسىغا دەسمىي قىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدىمۇ ئىخلاسمەن بولۇپ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى ئېنىق ئايرىپ، ھەق-ناھەق ۋە يوللۇق-يولسىزلىق ئالدىدا توغرا مەۋقەدە تۇرۇشىمىز، باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، ھەسەتخورلۇقنى تۈگىتىپ، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان، خەقنىڭ ئۈستىدىن بولمىغۇر گەپلەرنى جامائەتكە تارقىتىدىغان يارىماس ئىشلارنى قەتئىي تاشلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ۋائىزلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەقۋادارلىقىنى تىكلەپ، ئاللاھ تائالانى رازى قىلالايدۇ، ئەل ئىچىدىكى ئىناۋىتىمۇ ئۆسىدۇ، جامائەت قارشى ئالىدىغان، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋائىزلاردىن بولۇپ چىقىدۇ ھەمدە ئاللاھ تائالانىڭ: ’’ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغىنىڭلار، ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر{سۈرە«ھۇجۇرات»(49-سۈرە)، 13-ئايەت} دېگەن ئۆلچىمىگە چۈشىدۇ.
4) جۈرئەتلىك بولۇش كېرەك. ۋائىزلار جۈرئەتلىك، شىجائەتلىك بولۇشى، ھەرقانداق ۋاقىت ۋە شارائىتتا ئۆزلىرىنى سالماق تۇتۇپ، ۋەز سۆزلەش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ئەگەر مۇنبەرگە چىققاندا ھودۇقۇپ، تەمتىرەپ، جامائەتكە ئۇدۇل قارىيالماي، گېپىنى ئوڭشاپ قىلالماي يۈرسە ۋائىزلىقنىڭ ئەقەللىي تەلىپىدىنمۇ چىقالمايدۇ، ئۇنى قاملاشتۇرالمايدۇ ھەم جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا ۋائىز ئىرادىلىك، قەيسەر، تەمكىن بولۇشى، نۇتۇق ۋەزىپىسىنى جانلىق ئورۇندىشى، جەمئىيەتتىكى ھەر قانداق بىر يامان ئىشنى كۆرگەندىمۇ باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىش بېرىپ ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: سىلەردىن كىمكى بىرەر يامان ئىشنى كۆرسە ئۇنى ھەرىكىتى ئارقىلىق توسسۇن، مۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىسا سۆزى ئارقىلىق توسسۇن، بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا ئۇنىڭغا دىلىدا نارازى بولسۇن، بۇ ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر.
5) سەۋر-تاقەتلىك بولۇش كېرەك. ۋائىزلار جامائەتكە ۋەز سۆزلەش داۋامىدا بەزى تاسادىپىي قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشى ياكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەر خىل كۈتۈلمىگەن سوئاللىرىغا دۇچ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ سۆزلىگەن ۋەزى جامائەتنى رازى قىلالماي، بەزىلىرىنى ھەتتا نارازى قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن، مەيلى قايسى ئەھۋالدا بولسۇن، ۋائىز مەلۇم دەرىجىدە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ بەك تەڭلىكتە قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇڭا ۋائىز بۇنداق ئەھۋالدا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، كۆرۈلگەن ياكى يولۇققان مەسىلىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن تەھلىل-تەتقىق قىلىشى ھەمدە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشى، سەۋرچانلىق بىلەن جامائەتنى قايىل قىلىشى، ھەرگىز ئالدىراپ-تېنەپلا ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى، ئاچچىقلانماسلىقى كېرەك. ئاللاھ تائالا«قۇرئان كەرىم»دە لوقمان ھېكىمنىڭ ئۆز ئوغلىنى ھەقىقەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ، يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”ئەي ئوغۇلچىقىم! نامازنى(ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن(چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)“{سۈرە«لوقمان»(31-سۈرە)، 17-ئايەت}.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ“{سۈرە«زۇمەر»(39-سۈرە)، 10-ئايەت}.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ تائالا سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە“{سۈرە«بەقەر»(2-سۈرە)، 153-ئايەت}.
دېمەك، ۋائىزلار ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئۈستىدە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى، مەسىلىلەرنى ئېغىر-بېسىقلىق، سالماقلىق بىلەن ھەل قىلىشى، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ كۆپلەپ ساۋابلىرىنى ئېلىشى كېرەك.
6) يۇمشاق، مۇلايىم بولۇش كېرەك. ۋائىزلار گەپ-سۆزدە يۇمشاق، مۇلايىم بولۇشى، تەلەپپۇزى سىلىق، پوزىتسىيىسى ئىللىق بولۇشى، تىلى ھەر قانداق شارائىتتا گۈزەل بولۇشى كېرەك؛ چۈنكى سۆزدە يۇمشاق-مۇلايىم بولۇش ۋائىزلارنى جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە، ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈرىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق بولغاندا، ۋائىزلار بىلەن جامائەت ئوتتۇرىسىدا سەمىمىي كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، سۆزلەنگەن ۋەزنىڭ جامائەتكە قالدۇرىدىغان تەسىرى، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىزگە گەپ-سۆز، مۇئامىلىدە يۇمشاق، مۇلايىم بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ، ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 159-ئايەت}.
 دېمەك گەپ-سۆزدە، مۇئامىلىدە يۇمشاق، مۇلايىم بولۇش ۋائىزلارغا قويۇلىدىغان مۇھىم تەلەپلەرنىڭ بىرى. بىزنىڭ كونىلاردىن قالغان: ”ياخشى گەپ جاننىڭ تىرىكى، يامان گەپ جاننىڭ ئېكىگى دېگەن سۆز بار، شۇنداقلا: ”ياخشى گەپ تاشنى يارار، يامان گەپ باشنىدېگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرىمىز بار، شۇنىڭدەك ئەرەبلەرنىڭمۇ: سېنىڭ(باشقىلارنى) ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇشۇڭ ناھايىتى ياخشى ئۇسلۇبتا بولۇشى، يامان ئىشلاردىن توسۇشۇڭ ھەرگىز يامان ئۇسلۇبتا بولماسلىقى كېرەكدېگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرى بار. شۇڭا ۋائىز جامائەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا، ۋەز سۆزلىگەندە ناھايىتى سىلىق، يۇمشاق، مۇلايىم بولۇشى، گەپ قىلغاندا ئاۋازى بىر خىل يېقىملىق چىقىشى، ئادەم تىللايدىغان، بىراۋنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان قوپال گەپ-سۆزلەردىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئادەم سۆزلىگەندە ئاۋازىنىڭ ئېگىز-پەسلىكى، سۆزىنىڭ تېز-ئاستىلىقى، نەپەسنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى شۇ ئادەمنىڭ مەلۇم كەيپىيات ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەسىلەن، قوپال، ھاكاۋۇر تەلەپپۇز كىشىنى بىزار قىلىدۇ، مۇلايىم، يەڭگىل تەلەپپۇز كىشىگە يېقىشلىق تۇيۇلىدۇ. شۇڭا ۋائىزلار مەيلى ئادەتتىكى مۇئامىلىدە بولسۇن ياكى جامائەتكە ۋەز سۆزلىگەندە بولسۇن، چوقۇم مۇلايىم، يۇمشاق بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.
3.مول دىنىي ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. ھەر خىل دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرگە ئىگە بولۇش ۋائىزلاردا كەم بولسا بولمايدىغان شەرت. شۇڭا ۋەز سۆزلىمەكچى بولغان ۋائىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىلىرىنى توغرىلىشى، ئەقىدىسىگە ئائىت بارلىق كۆزقاراشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىدە مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئان، ھەدىسنى پۇختا ئۆگىنىپ، ئەھكاملارغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرنى يادلىۋېلىشى كېرەك. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ئاخىرقى ۋىدالىشىش ھەجىدە سۆزلىگەن مەشھۇر نۇتقى(ۋەز-تەبلىغى)دا بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن: مەن سىلەرگە ئىككى ئەڭگۈشتەرنى قالدۇرۇپ كەتتىم، ئەگەر سىلەر ئۇ ئىككىسىنى چىڭ تۇتىدىغانلا بولساڭلار ھەرگىز(يولدىن) ئازمايسىلەر، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىم‘‘.
دېمەك، قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىس شەرىف بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى، ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىمىزنىڭ قىبلىنەماسى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋائىزلار تەپسىر، ھەدىسلەرنىڭ شەرھى مەنىلىرىنى، ئىسلام تارىخى، ئىسلام مەدەنىيىتى، فىقھە، ھەدىس، تەپسىرلەرنىڭ پرىنسىپلىرى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىگىلىشى، ئىسلام ئەخلاقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئىسلام دىنى مەزھەپلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىدىغان ھەر خىل ماتېرىياللار بىلەن تونۇشۇشى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەدەنىيەت بىلىملىرىنىمۇ قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك، مەسىلەن: جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلىملىرىنى بىلمىسە جەمئىيەتتىكى ئىشلارنى تەھلىل قىلالمايدىغان، پسىخولوگىيە ئىلمىنى بىلمىسە جامائەت بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىغان، ئېقىم مەسىلىلىرىنى بىلمىسە جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز قالىدىغان، ئاسترونومىيە ئىلمىنى بىلمىسە شۇنىڭغا ئائىت مەسىلىلەرنى خاتا چۈشەندۈرىدىغان، جۇغراپىيەنى بىلمىسە ئۆزى تۇرغان مۇھىتنىڭ ئورنى ۋە ئەۋزەللىكىنىمۇ ئاڭقىرالمايدىغان، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت بىلىملىرىدىن خەۋەرسىز قالسا بۇ دۇنيادا قانداق ياشاشنى ئۇقالمايدىغان، قانۇن-سىياسەتلەرنى بىلمىسە ئۆزىنى ئوڭايلا ھالاكەت يولىغا سېلىپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا ماھارەتلىك ۋائىزلاردىن بولۇش ئۈچۈن دىنىي بىلىملەردىن باشقا يەنە ھەر ساھە بىلىملىرىدىنمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئوزۇق ئېلىشىمىز، ئۇچۇرلارغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، گېزىت-ژۇرناللاردىن، رادىئو-تېلېۋىزورلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ۋائىزلار ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلىيىتى بويىچە ۋەز سۆزلەپ، شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى قايىل قىلالايدىغان ھەمدە شۇ جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىش ئىشلىرىدىن ساقلىنالايدىغان بىر شەرت-شارائىتنى ھازىرلىيالايدۇ. يەنە كېلىپ، ۋائىزلارنىڭ دىنىي ۋە پەننىي مەلۇماتلىرى قانچە كۆپ، سەۋىيىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇلار سۆزلىگەن ۋەز-تەبلىغلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ شۇنچە مول، سۈپىتى يۇقىرى، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك، جەلپكارلىقى يۇقىرى بولىدۇ، ساپاسى يۇقىرى ۋائىزلار ۋەز سۆزلەۋاتقاندا مۇبادا بەزى كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسىمۇ ئۇنى دەرھال ئوڭشاپ، جامائەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارى ۋە پىكىر بىرلىكىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ۋەزنىڭ ئۈنۈمىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلالايدۇ.
4. ۋائىزلارنىڭ تەپەككۇرى تېز، سەزگۈر بولۇشى كېرەك. بىز بۇ يەردە دەۋاتقان تەپەككۇر قابىلىيىتى ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئىشلارنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ۋائىزلار ۋەز سۆزلىگەندە جامائەتنى ئۆزىنىڭ كۆزقارىشى، پىكرى ۋە دەلىللىرى بىلەن قايىل قىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى، ۋەزنىڭ قاراتمىلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ۋەزدىكى كۈچلۈك قاراتمىلىق ۋە دەۋر تۇيغۇسى مۇسۇلمانلارنىڭ رېئال تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي ئەھۋالى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتلىرىنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش داۋامىدا مەيدانغا كېلىدۇ. ھادىسە ۋە مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش، ئاندىن ھۆكۈم قىلىشتەك بۇنداق تەپەككۇر قابىلىيىتى جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئوبيېكتىپ مەسىلىلەرنىڭ، زىددىيەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى توغرا چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
 دېمەك، ۋائىزلارنىڭ تەپەككۇرى تېز، مەسىلىلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولغاندا، سۆزلىمەكچى بولغان ۋەزىنىڭ مەزمۇنىنى ھەرقانداق شارائىتقا ئۇيغۇنلاشتۇرالايدۇ ھەم ئېھتىياجغا ئاساسەن تەرتىپكە سالالايدۇ. مەسىلەن، ۋەز سۆزلەش ياكى ۋەز ئاڭلاش ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ياكى ۋەز ئاڭلىغۇچى جامائەت كەيپىياتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى بىلەن، ۋەزنىڭ مەزمۇنىنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەرتىپكە سېلىشقا ياكى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا تەپەككۇرى تېز، سەزگۈر ۋائىزلار يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار ھەرقانداق مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى دەرھال سېزىۋېلىپ، ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
5. ۋائىزلارنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش(نۇتۇق ۋە يېزىقچىلىق) ئىقتىدارى ياخشى بولۇشى كېرەك. جامائەتنى قايىل قىلالىغۇدەك ۋەز سۆزلەش يېزىقچىلىق ھەم نۇتۇق ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالىي سەنئەتتۇر. شۇڭا تىل سەنئىتىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ۋەز سۆزلەشكە تەتبىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ۋەز سۆزلىمەكچى بولغان ۋائىزلار ئالدى بىلەن تىلغا(ئانا تىلى ۋە ئەرەب تىلىغا) پۇختا بولۇشى— شۇ تىلنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى، ئىلمى بەلاغەت(ئىستىلىستىكا) ۋاسىتىلىرىنى، مەنتىقە(لوگىكا)لىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگەنگەن بولۇشى كېرەك. ۋائىزلار شۇ تىلنىڭ گرامماتىكىسىنى ئۇقسا تىلى قائىدىگە چۈشىدۇ، ھەر خىل سۆز ۋە جۈملە شەكىللىرىنى بىمالال، راۋان ئىشلىتەلەيدۇ، ئەگەر ئىلمى بەلاغەتنى بىلسە تىلى ئوبرازلىق، جانلىق، تەسىرلىك بولىدۇ، ئەگەر مەنتىقىدىن خەۋىرى بولسا تىلى توغرا، قايىل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا تىل قائىدىلىرىنى ياخشى ئىگىلەش تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى.
6. ۋائىزلارنىڭ قىياپىتى دۇرۇس بولۇشى كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، ۋائىزلارنىڭ تەقى-تۇرقى، قىياپىتى جامائەتنىڭ كۆزىگە ئەڭ بۇرۇن چېلىقىدۇ، دىققىتىنى تارتىدۇ، جامائەت ئۇنىڭغا كۆڭلىدە باھا بېرىدۇ. ۋەز سۆزلەش ئۈچۈن مۇنبەرگە، سەھنىگە چىققاندا ياكى جامائەتنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە تەقى-تۇرقى، قىياپىتىنى رۇسلاش ۋائىزلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىم ئىشى. ۋائىزلارنىڭ ئۆزىگە لايىق، دۇرۇس قىياپىتى جامائەتنى جەلپ قىلىدۇ، ئۇلارغا پاكلىق، گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇڭا تەجرىبىلىك ۋائىزلار ئۆزىنىڭ تەقى-تۇرقى، قىياپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز دەۋاتقان بۇ تەقى-تۇرقى، قىياپەت دېگەنلەر ۋائىزلارنىڭ چىرايى، تۇرقى، پوزىتسىيىسى، ھەرىكىتى، كىيىنىشى قاتارلىقلارنىڭ جامائەتكە قالدۇرىدىغان ئومۇمىي تەسىراتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ۋائىزلارنىڭ دىنىي زاتلارغا خاس مۇۋاپىق كىيىنىشى، قەددى-قىياپىتىنى راۋۇرۇس تۇتۇشى، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن بولۇشى، چىرايى ئوچۇق، تەبىئىي بولۇشى، جامائەتكە كەمتەر، سەمىمىي، قىزغىن پوزىتسىيىدە ۋەز سۆزلىشى، تارتىنىپ، جىددىيلىشىپ ئۇ ياق-بۇ ياققا قاراپ يۈرمەسلىكى ياكى ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ گىدىيىپ تۇرماسلىقى، ۋەزنى خۇشياققاندەك سۆزلىشى...قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ۋەزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
 
ۋەز سۆزلەشنىڭ ئالاھىدىلىكى
ۋەزنىڭ دىنىي جەھەتتىلا ئىجابىي رولى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا، شۇنداقلا شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەم ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدا ئىجابىي رول ئوينايدىغان تەلىم-تەربىيە تۈسىدىكى نۇتۇق شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ تۆۋەندىكىچە ئالاھىدىلىكلىرى بار:
1. ۋەز سۆزلەش ئاممىۋىلىقى بار ئىجتىمائىي پائالىيەت بولۇپ، كەڭ مۇسۇلمانلار جامائىتى ئىسلام دىنىنىڭ ئىدىيىۋى پىكىرلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش جەريانىدۇر، شۇڭا ۋائىزلار جامائەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى، چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلار قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە ۋەز سۆزلىشى كېرەك.
2. ۋەز سۆزلەش مەقسەتچانلىقى بار، نىشانى ئېنىق تەربىيە شەكلىدۇر. شۇڭا، ۋائىزلار ۋەز سۆزلىگەندە باشتىن-ئاخىر بەلگىلەنگەن تېما مەزمۇنىنى يورۇتۇشى، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ۋەز تەييارلىغاندا، تېمىنى بارلىق كۈچى بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ، تېمىنىڭ مەقسىتىنى، نىشانىنى ئوچۇق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
3. ۋەز كۈچلۈك جەلپ قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بىر سەنئەت، شۇڭا ۋائىزلار ۋەز سۆزلىگەندە، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ مەلۇم بىر تەشەببۇسى ياكى پەلسەپىۋى نەزەرىيىسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، قۇرئان- ھەدىسلەردىن ياكى رېئال تۇرمۇشتىن ئالغان دەلىل-پاكىت ياكى مىساللار بىلەن جامائەتنى تەسىرلەندۈرۈشكە، روھلاندۇرۇشقا، ئۇلارنى قايىل قىلىپ شۇ كۆزقاراش ياكى تەشەببۇسنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
 
ۋەزنى قانداق تەييارلاش كېرەك؟
ھەممىمىزگە مەلۇم، ۋەزنى ياخشى سۆزلەيمەن، دەپ ئىرادە قىلغان ۋائىز ئالدى بىلەن سۆزلەشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، شۇڭا بەزى ئۆلىمالار: ۋەزنىڭ تېمىسىنى ياخشى تاللاش ۋەز سۆزلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئالامىتىدۇر، دېگەن. يەنە بەزى ئۆلىمالار: ھەر جۈمە كۈنى سۆزلىنىدىغان ۋەزنى چوقۇم بىر ھەپتە تەييارلاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ۋەزنىڭ ئۈنۈمى، نەتىجىسى، جامائەتكە قالدۇرىدىغان تەسىرى ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: ۋەز تەييارلىغاندا جامائەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىش، قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە مەسىلىلەرنىڭ كىچىكىدىن، ئاسىنىدىن باشلاپ پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈش پرىنسىپى ئاساسىدا تەييارلاش كېرەك، دەپ قارىشىدۇ. دېمەك، ۋائىزلارنىڭ ۋەز تەييارلاش باسقۇچى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئۇلار ۋەز تەييارلاش جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
1. ۋەزگە مۇۋاپىق تېما تاللاش كېرەك. ۋەز سۆزلەشتە مۇقىم ئۆلچەملىك قېلىپ بولمىسىمۇ، لېكىن ۋەزنىڭ تېمىسىنى تاللاشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە پرىنسىپلارغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
1) ۋەزنىڭ تېمىسى جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، مەسىلىلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2) ۋەزنىڭ تېمىسى جامائەتنىڭ ھېسسىياتىغا تەگمەيدىغان، ئۇلار قىزىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە بولۇشى، ھەرگىز ئىتتىپاقسىزلىققا سەۋەبچى بولىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە بولماسلىقى كېرەك، يەنى ۋەزنىڭ تېمىسى جامائەت ئىچىدە زىددىيەت، تەپرىقىچىلىك پەيدا قىلىدىغان مەسىلىلەر ياكى دىيارىمىزدا ئومۇملاشمىغان باشقا مەزھەپ كۆزقاراشلىرىنى تەرغىب قىلىش ئۈستىدە بولماسلىقى، بەلكى مۇسۇلمانلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ئۈندەيدىغان تېمىلاردا بولۇشى كېرەك.
3) ۋەزنىڭ تېمىسى جامائەتكە يېڭى بىلىم، يېڭى مەلۇمات بېرىدىغان مەزمۇندا بولۇشى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ بىلىم-ئۇچۇر تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ۋەزنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ئاشىدۇ، جامائەتمۇ رازى بولىدۇ.
4) ۋەزنىڭ تېمىسى ۋەز سۆزلىمەكچى بولغان كىشىنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسىگە مۇۋاپىق بولۇشى، ئۆزى تاللىغان تېمىسىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولمىغاندا ۋەز سۆزلەشنى باشلاپ قويۇپ، جامائەت ئالدىدا ھودۇقۇپ قالىدىغان، مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن يېشىپ بېرەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ۋەز مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
5) ۋەزنىڭ تېمىسى مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا، دىنىي ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ھەم ئۇلارنىڭ چۈشىنىش، قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە مۇۋاپىق كېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ۋائىزلارنىڭ سۆزلىگەن ۋەزلىرى جامائەتنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئۈنۈملۈك، مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋەز بولۇپ چىقىدۇ.
 2. تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال توپلاش كېرەك. ۋەز سۆزلەش ئۈچۈن تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال توپلاش ھەم ئۇ ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدىن ئىلغارلىرىنى تاللاپ ئايرىپ چىقىش، ئۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋەز سۆزلىمەكچى بولغان كىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ۋائىزلار بۇ ھالقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
1) ۋائىزلار ماتېرىيال توپلاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ۋەزنىڭ تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆپلەپ توپلىشى كېرەك. مەسىلەن: تاللانغان مەلۇم تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار، بۇ تېمىغا ئائىت ئايەت، ھەدىس، مىساللار، ھېكمەتلىك سۆزلەر، رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىكلىرى ۋە ئۆلىمالارنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋەھاكازالار. تاللانغان ماتېرىياللار قانچە كۆپ بولسا تاللانغان تېمىنى شۇنچە ئەتراپلىق سۆزلەپ، مەسىلىلەرنى ياخشى يورۇتۇپ بەرگىلى بولىدۇ ھەم تىل كەمبەغەللىكىدىن قۇتۇلۇپ، ماتېرىياللاردىن ئېھتىياجغا قاراپ كەڭ-كۇشادە پايدىلانغىلى بولىدۇ.
2) ۋائىزلار توپلىغان ماتېرىياللىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ تەھلىل قىلىشى كېرەك. مەسىلەن: ئالدى بىلەن تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ تەھلىل يۈرگۈزىمىز، ئايەتلەرنىڭ ھۆكۈملەرگە دالالەت قىلىشى قەتئىيمۇ ياكى زەننىمۇ؟ ناسىخمۇ ياكى مەنسۇخمۇ؟ مۈجمەلمۇ ياكى مۇپەسسەلمۇ؟ خاسمۇ ياكى ئاممۇ؟ دېگەنلەرنى، شۇنىڭدەك ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىش سەۋەبلىرىنى، ئۆلىمالارنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆزقاراشلىرىنى تەھلىل قىلىمىز؛ ئىككىنچى قەدەمدە تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تاللانغان ھەدىسلەرگە قارايمىز، تاللىغان ھەدىسلىرىمىز مۇتىۋاتىرمۇ، مەشھۇرمۇ ياكى ئاھادمۇ؟ سەھىھمۇ ياكى زەئىپمۇ؟ راۋىلىرى ئىشەنچلىكمۇ ياكى ئىشەنچسىزمۇ؟ دېگەنلەرنى تەھلىل قىلىمىز. ئاندىن كېيىن ۋەقەلىكلەرنى، ئۆلىمالارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلىپ تۈرلەرگە ئايرىپ چىقىمىز.
3) ۋائىزلار توپلىغان ماتېرىياللىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ تۈرلەرگە ئايرىۋالغاندىن كېيىن، ماتېرىياللار تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قاراپ تېمىغا مۇۋاپىق كەلگەن ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ جانلىق، ئەڭ قايىل قىلارلىق ماتېرىياللارنى ۋەزنىڭ تېكىستىگە كىرگۈزسە بولىدۇ. مەسىلەن، ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بولسا، ئايەت-ھەدىسلەر ھۆكۈملەرگە قەتئىي ھالدا دالالەت قىلىدىغان بولۇشى كېرەك، ھۆكۈملەرگە زەننىي ھالدا دالالەت قىلىدىغان ئايەت-ھەدىسلەرنى ئەقىدە مەسىلىلىرىدە دەلىل-پاكىت قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەقىدىدىن باشقا ئىبادەت-مۇئەمالاتقا دائىر ھۆكۈملەردە زەئىپ ھەدىسلەر دەلىل، پاكىت قىلىنمايدۇ. ئەمما ھۆكۈمگە مۇناسىۋەتسىز ياخشى ئىشلارغا، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلەرگە تەشەببۇس قىلىش، ئۈندەش ئىشلىرىدا زەئىپ ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
4) ۋائىزلار توپلىغان ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىشتا جانلىق بولۇشى كېرەك، تېمىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەزمۇنلارنى، دەلىللەرنى ياكى ئاجىز كۆزقاراشلارنى زورمۇزور تېڭىپ تېكىستكە كىرگۈزمەسلىك كېرەك، بەلكى تېمىنى يورۇتۇشقا ياردەم بېرىدىغان، جامائەتنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىغان جانلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش كېرەك.
5) ۋائىزلار تاللىغان تېمىسىغا مۇۋاپىق ماتېرىياللارنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، تېما ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك. چۈنكى ماقالە يېزىش ياكى ۋەز سۆزلەشتە ئالدى بىلەن تېما ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇ تېمىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بىز پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئويلىغان نەرسىلەرنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ قويساقمۇ بولىدۇ ياكى شۇ ئاساستا ۋەز تېكىستىنى يېزىۋالساقمۇ بولىدۇ، بۇنى ھەربىر ۋائىز ئۆزىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ، ۋەز ئاساسەن مۇقەددىمە، ئاساسلىق مەزمۇن ياكى مۇھىم نۇقتا ۋە خاتىمە دەپ ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. شۇڭا بۇ ئۈچ بۆلەكنى ئۆز تەرتىپى بىلەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
(1) ۋەزنىڭ مۇقەددىمىسىنى ياخشى باشلاش كېرەك. ۋەزنىڭ بېشى ياكى مۇقەددىمىسى پۈتكۈل ۋەزنىڭ يۆنىلىشىنى بېكىتىپ بېرىدۇ. ۋەزنىڭ بېشى ياخشى باشلانسا جامائەتنى دەرھال جەلپ قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەئۇزۇبىلەن بىسمىللاھنى ئوقۇپ، ئاندىن جاراڭلىق ھالدا ھەمدۇسانا، دۇرۇت-سالام ۋە شاھادەت كەلىمىلىرىنى ئېيتىمىز، ئاندىن ۋەزنىڭ تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ياكى بىر قانچە ئايەت-ھەدىسلەرنى بىر قۇر ئوقۇپ، شۇ ئايەت-ھەدىسلەرنى شەرھلەش ئاساسىدا ۋەزنى باشلايمىز. بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنىمىزدىكى ھەر قانداق بىر ئىشنى باشلىغاندا قوللىنىدىغان ئېسىل ئەنئەنىمىزگە ۋارىسلىق قىلغان بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەزنى تەلەپكە لايىق باشلىغان بولىمىز، ھەمدە جامائەتنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنى ۋەزگە جەلپ قىلالايمىز.
(2) ۋەزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ياكى مۇھىم نۇقتىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ۋەزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ياكى مۇھىم نۇقتىسى ئادەتتە ۋەز تېكىستىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋەزنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئابزاسقا يانداشتۇرۇلغان ھالدا، گۈزەل تىللار بىلەن ئوبرازلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلىنىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئاساسلىق مەزمۇن ياكى مۇھىم نۇقتا ۋەزنىڭ جامائەتكە ئەڭ ياخشى، ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان قىسمىدۇر.
(3) ۋەزنىڭ مۇقەددىمىسىنى ياخشى باشلاش، مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ئوخشاش، ۋەزنىڭ ئاخىرىنى ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇشمۇ ۋائىزلار ئالدىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئۆتكەللەرنىڭ بىرى، چۈنكى ۋەزنىڭ ئاخىرى ۋەز مەزمۇنىنىڭ تەبىئىي يىغىنچاقلىنىشىدۇر. ۋەزنىڭ ئاخىرىدا ۋەزنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى ئېچىپ مەقسەتنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇش، كەلگۈسى دۇنيادىكى ياخشى نەتىجە، ياخشى ئاقىۋەتلەرنى جامائەتنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، ھەقىقەت مەسىلىلىرىدە ئۇلارنى تېخىمۇ ئويلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىدا، ئىدىيە-ھېسسىياتىدا يېڭىلىنىش، سىلكىنىش پەيدا قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ۋەز مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتكەن بولىدۇ.
(4) ۋەزنىڭ تۈزۈلۈش تەرتىپى ئىلمىيلىككە ئىگە بولۇشى، ۋائىزلار تەپەككۇرىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك. شۇڭا ۋەزنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدا، ۋائىز ئەڭ ياخشىسى بىر قەدەر تەپسىلىيرەك تېزىس تەييارلىۋېلىشى كېرەك. تېزىس بولغاندا مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلغىلى، ۋەزنىڭ قاتلام-تەرتىپلىرىنى ئېنىق ئايرىغىلى، قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋائىزنىڭ كۆڭلىدە سان بولۇپ، ۋەز سۆزلىگەندە سۆزىنى ئازماي، ئوچۇق، تەرتىپلىك قىلالايدۇ، مەركىزىي نۇقتىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ.
(5) ۋەزنىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. يەنى تېما بىلەن مەزمۇننىڭ ماسلىشىشىغا، بايان تەرتىپىنىڭ ئىزچىللىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ۋەز رىتىملىق، ئۆلچەملىك، جەلپ قىلارلىق ھەم قايىل قىلارلىق ۋەز بولۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭدەك جامائەتمۇ ئالقىشلايدۇ.
3. ۋەزنى سۆزلەپ سىناپ كۆرۈش كېرەك. ۋەزنى سۆزلەپ سىناپ كۆرۈش ۋەز تەييارلاش باسقۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىزمىتى، شۇنداقلا ۋەزنىڭ پۈتكۈل تەييارلىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ باھالاشتۇر. ئاۋۋال سۆزلەپ باققاندا مەلۇم تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگىلى، بايقالغان يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا تۈزەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەسمىي ۋەز سۆزلىگەندە جىددىيلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئالدىن بىر قېتىم ۋەز سۆزلەپ سىناپ كۆرۈش ۋائىزلارنىڭ ۋەز سۆزلەشنى ئەمەلىيەتتىن بىر قېتىم ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، ۋەز سۆزلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى.
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2001-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)

 
يەنە >>سۈرەتلەر