باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋەلى ئەھدى سەلمان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-21   

ئۆز خەۋىرىمىز: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەلى ئەھدىسى قوشۇمچە دۆلەت مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى سەلمان بېيجىڭ دىياۋ يۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلدى، ئىككى تەرەپ قىزغىن ۋە دوستانە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئالدى بىلەن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن ۋەلى ئەھدى سەلماننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللاغا بولغان چوڭقۇر سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۆتۈندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو ھاجىلىرىغا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقانلارغا قىلغان ياردىمى ۋە مۇلازىمىتىگە رەھمەت ئېيتتى. رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈن ۋەلى ئەھدى سالمانغا جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى، مۇسۇلمانلار، مەسچىتلەر، ئىسلام جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمكارلاشقۇچى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار ئۇزاق مەزگىللىك دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ.

ۋەلى ئەھدى سالمان سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللانىڭ، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلقىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى؛ ئىسلام دىنى تىنچلىق، كەڭ قورساقلىق، ئىتتىپاقلىق دىنىدۇر، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى قانات يايدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقا مىللەتلەر ئالدىدا گۈزەل ئوبراز تىكلىشى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى لازىم. ھەقىقىي بىر تەقۋادار مۇسۇلمان بىر مۇنەۋۋەر گىراژدان بولۇپ، باشقا مىللەتلەر ۋە باشقا دىندىكىلەر بىلەن ئىناق ئىتتىپاق ئۆتىشى، بىر-بىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشى، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر ئىناقلىقى ۋە دىنلار مۇناسىۋىتىنى قوغدىشى لازىم. ئۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بىر پارچە قىممەتلىك كەئبە يوپۇقىنى ھەدىيە قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو، ئادىل ھاجى كېرىم، ليۇ كېجې، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۆ تيەنلى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جىن جيەنخۇا، خېبېي ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى كۇڭ جاۋگاڭ، مۇئاۋىن رەئىس كاڭ رۈيفېڭ، تيەنجىن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خېي جېنتۇڭ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى مۇدىر ياردەمچىسى سوڭ ئېنلىن ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇسا چېن يۈلوڭ بۇ قېتىملىق كۈتۈۋېلىنىشقا قاتناشتى. (مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر)

 

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر