باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەج خىزمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-21   

ئۆز خەۋىرىمىز: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋەزىرى دوكتور بەندەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو ئۆمەك باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن مەسلىھەتچى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئۈچىنچى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەج ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بۇرھان چاڭ چىڭلياڭ ئۆمەك ئەزاسى بولۇپ تەشكىللەنگەن جۇڭگو ھەج ئىشلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولۇپ، 2014-يىللىق جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ ھەج قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ۋە تەشكىلى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج مىنىستىرلىكى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق بولغان مەككە، مەدىنە ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئورگانلىرى، بىرلەشمە ۋاكالەتچىلىك ئىشخانىسى، ئاپتوموبىل باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئايرىم ھالدا سۆھبەت خاتىرىسى ۋە مۇلازىمەت ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى. سۆھبەتتە، ۋەكىللەر ئۆمىكى 2014-يىللىق دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ سانى، ھەج مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى تەرەپتە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى مەككەدىكى ھەرقايسى ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنى ماسلاشتۇرۇش ھەيئىتى بىرلەشمە تور بېتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ بىرلەشمە تور بېتى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەسەۋۋۇرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، تور بېتىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇشىنى كۆردى، جۇڭگو تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى بانكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو ھاجىلار ئايرۇپىلانىنىڭ ھەممىسىنى مەدىنەگە قونۇش ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى بانكىسىدا ھەج تاشقى پېرېۋوت ھېساب نومۇرى ئېچىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى ھەمدە خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى شەكىللەندۈردى. ئۇندىن باشقا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەج خادىملىرىنىڭ مەككەدىكى تۇرالغۇ ئۆيىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە مەدىنەدىكى تۇرالغۇ ئۆي توغرىسىدا دەسلەپكى كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ جەرياندا، يەنە بىر قىسىم دوستانە زىيارەت ئېلىپ باردى. (مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر)

 

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر