باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپكە بىنائەن ئىراندا زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-21   

ئۆز خەۋىرىمىز: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، ئىران ھەج ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن باشچىلىقىدىكى بەش كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىراندا 5 كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتى ئېلىپ باردى.

زىيارەت داۋامىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىران ھەج مىنىستىرى قەدىر ئەسكەرى ئەپەندى، ئايەتۇللا خامەينى ئىشخانىسىنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى قەۋمى ئەپەندى، ئىران ئىسلام ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى(ئىسلام ئىتتىپاقى يىغىنىنىڭ رەئىسى) شەيخ تەسخىرى، ئىران دىن ۋەقفە فوندى ئاممىۋى خەيرى-ساخاۋەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇھەممەد ئەپەندى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدى. ئىران ھەج ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى باھار ئەپەندى، ئىسلام يېتەكچىلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى قوشۇمچە ھەج ئورگىنىنىڭ مۇدىرى ئەھەد ئەپەندى، ئىران ھەج مەدەنىيىتى ئىشلىرى مۇئاۋىن ئەمەلدارى دوكتور مەھزۇلۇمى، ئىران ھەج داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇرائاشى ئەپەندىم قاتارلىقلار بىلەن ھەجگە تەشكىللەش، مۇلازىمەت، تەربىيەلەش، تەشۋىقات، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى ۋە سۆھبەت ئېلىپ باردى ھەمدە ھەمكارلىق تەكلىپى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. زىيارەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە مەدەنىيەت ۋە نەشر مۇئەسسەسى، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە مۇناسىۋىتى مۇئەسسەسى، ھەج تەتقىقات مەركىزى، مۇستافا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىسلام فىقھە مەزھەپ ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمدە ھەج مۇزېيخانىسى، ئايەتۇللا مىرئاشى كىتابخانىسى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيەت، تەشۋىقات، مائارىپ، نەشر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق تەكلىپى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. (مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر) 

 

 

 

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر