باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئىسلام ئىنىستىتۇتلىرى ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى جېڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-21   

ئۆز خەۋىرىمىز: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى بىلەن جېڭجۇ ئىسلام ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ”تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىسلام ئىنستىتۇتلىرى تەكلىپلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى“ خېنەن جېڭجۇ ئىسلام ئىنستىتۇتىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم، خېنەن ئۆلكىلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پېڭ ياپىڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خېنەن ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە جېڭجۇ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ليۇ باۋچى ئاخۇن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 4-مەھكىمىسى مەكتەپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ خۇڭيۈ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى ھەمدە قىزغىن سۆز قىلدى.

بۇ قېتىملىق تەكلىپلىك مۇسابىقىگە مەملىكەتتىكى 8 ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن كەلگەن7 قىز ئوقۇغۇچى، 5 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ماھىرلار ئىنچىكە تەييارلىق ۋە كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن خەن شياۋنىڭ ”بىز ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى“ دېگەن تېمىدىكى تەبلىغى باھالىغۇچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، 1-لىككە ئېرىشتى. شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن ئابدۇراخمان مەۋلانىياز ۋە جېڭجۇ ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن قىز ماھىر ما لىمىن 2-لىككە ئېرىشتى. نىڭشيا ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن دۈەن شاۋخۇا، لەنجۇ ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن ياڭ چۈنگو ۋە شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن ھۈسەنجان ئەزىز 3-لىككە ئېرىشتى. (مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر)

 
 
يەنە >>سۈرەتلەر