>

خەۋەر ۋە ئۇچۇر

مەملىكەت خەۋەرلىرى
«خەلق گېزىتى» 2-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ11-كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە چاغاننى تەبرىكلىدى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك دىنى تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىپ، مەملىكەتتىكى دىن ساھەسىدىكى زاتلارغا چاغانلىق ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆلىنىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
2018-يىلى 2-ئاينىڭ8-كۈنى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن چېن زۇڭرۇڭ، جاڭ يەنتۇڭ، يۈبو قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكىلەرنى يوقلىدى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىغا چاغانلىق بەخت-خۇشاللىق تىلىدى.
2018-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن، مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شياۋبو، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جونىڭ قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكىلەردىن ھال سورىدى ھەمدە جەمئىيەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىڭ، سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ، مۇئاۋىن باش كاتىپ بارات رەجەپ، ۋېن جىيەن ، جاۋ جۈن قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نۇقتا
2018-يىللىق مەملىكەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق مەملىكەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى 8-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن يىغىندا دوكلات بەردى. يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك دىن ئىشلىرى خىزمىتى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلىدى....
شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16-نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-نويابىر ئالدىن كېلىشكىنى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى....
ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسى خۇلاسە يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ياخشى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك....
دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى مەككەدىكى ھەج ئىبادىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ دۆلەتكە قايتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى،رىياد، 9–ئاينىڭ 20–كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ بو) :جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان 20-چېسلا 269 نەپەر جۇڭگو ھەج قىلغۇچىلىرىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە خەلقئارا ئايروپورتىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچتى. بۇ كەمگىچە، مەككەدىكى بۇ يىللىق ھەج پائالىيىتىگە قاتناشقان 12 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگو ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ھەج ئىبادىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ دۆلەتكە قايتىپ بولدى....
خەلقئارا خەۋەرلەر
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇڭ ئېنلىن ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن 31-نۆۋەتلىك ئىران ئىسلام ئىتتىپاقى خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى
2017-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ ئېنلىن تەكلىپكە بىنائەن، ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ”31-نۆۋەتلىك ئىران ئىسلام ئىتتىپاقى خەلقئارا يىغىنى“غا قاتناشتى. يىغىن مەزگىلىدە، ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى بۈيۈك ئاياتۇللاھ ئىمام خامەنەئىي ۋە ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روھانىينىڭ كوللىكتىپ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى....
ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلار ۋەتەنگە قايتتى، دۆلەت سىرتىدىكى ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ئۆز ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى
2017-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلىرىمىزنى توشۇيدىغان CA9572 نۆۋەتلىك مەخسۇس ئايروپىلان جىددە ئايروپورتىدىن قوزغالدى، شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدىن بارغان12 مىڭدىن ئارتۇق ھاجى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئايرىلىپ ۋەتەنگە سالامەت قايتتى. ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلار 367 نەپەر بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېيلۇڭجياڭ، شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق 15 ئۆلكە، شەھەردىن بارغان مۇسۇلمانلاردۇر. گەنسۇ ئۆمىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلىرىنى توشىغان CA9564 نۆۋەتلىك مەخسۇس ئايروپىلان شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغالغان بولۇپ، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې، ۋېن جيەن، چاڭ چىڭلياڭ قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ھاجىلارنى ئۇزاتتى....
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى رۇسىيە قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى روھى: بىرلىكتە بەرپا قىلىش ۋە قوشۇلۇش» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى
رۇسىيە مۇپتىلار كېڭىشىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ باشچىلىقىدىكى بەش كىشىلىك ئۆمەك 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى روھى: بىرلىكتە بەرپا قىلىش ۋە قوشۇلۇش» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. مۇھاكىمە يىغىنىغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار قاتناشتى....
ھۆددىگە ئالغان ھەج ئايروپىلانىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ
جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى:2017-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى قايتىش سەپىرىدىكى ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە جىددىي خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىز ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلاننىڭ يۈك-تاق بىخەتەرلىكىگە قارىتا يېڭى تەلىپىنى ئېلان قىلىپ، قايتىش سەپىرىدىكى ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. ...
سىن

ۋاڭ ياڭ بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلدى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا قۇربان ھېيتلىق زىياپەت ئۆتكۈزدى

[مەملىكەت] شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو نيۇجې مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى

مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 12-نۆۋەتلىك قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا باشلاندى

گەنسۇ ئۆلكىسى گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لىنتەن ناھىيەسى شىداسى مەسچىتىدە مەۋلۇت شەرىف