باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى گۇاڭدۇڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-01-16   

12-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەبرىك سۆزى قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا ئوبلاستى جىشىشەن ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن رۇبىن «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتى 1-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى مۇ كېفا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»نى ئوقۇپ ئۆتتى. مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتى 2-نۆۋەتلىك ھەيئەتلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات» ۋە «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتى 2-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى، ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى»نى ئوقۇدى.

ياڭ فامىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى : ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتى قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، دوختۇرخانىلارغا ياردەم بېرىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ، دۆلىتىمىز مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك سەمىمىي ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ياخشى روھى قىياپىتىنى نامايان قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتى فۇنكسىيەلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇشى، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن نامراتلارنى يۆلەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. ساخاۋەت روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى ئۆز ئېتىقادنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قىممىتىنى نامايان قىلىشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ”جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت  كۈنى“ ۋە ئىسلام دىنىنىڭ جۈمە كۈنى، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق مۇھىم بايراملاردا خەيرىيەت ئىشلىرى مەدەنىيىتىنى كەڭ تارقىتىشقا، ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرىنى باش تېما قىلغان ”ۋەز“ سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇش؛ ”رامىزان ئېيىدىكى خەيرى-ساخاۋەت . مېھرى-شەپقەت ھەرىكىتى“ئارقىلىق  ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى پائالىيىتىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى داۋاملىق يارىتىپ، بىر نىيەتتە ئورتاق تۆھپە قوشۇپ، ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدە ھەممە ئادەم مېھرىبانلىق يەتكۈزىدىغان، ھەر ۋاقىت خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ياخشى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا تۇرۇپ ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. «خەيرى -ساخاۋەت ئىشلىرىى قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتى 1-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» ۋە «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى ۋەكىللەر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى، ھەيئەت ئەزالىرى بارلىققا كەلدى، ياڭ فامىڭ مۇدىرلىققا، جىن رۇبىن، ۋاڭ ۋېنجيې، ما يۆشياڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىققا سايلاندى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

(ما فېڭ خەۋىرى، ۋۇ شۇمېي فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: رامىلە ئابدۇراھمان، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شېرىپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر