باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-21   

ئۆز خەۋىرىمىز: 2014-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ”ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنايلى“ دېگەن تېمىدىكى ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، داڭلىق ئالىم-ئۆلىمالار، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلار ۋە ئالىم-تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ئەھلى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىدىكى مول مەزمۇنلارنى شەرھلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بەردى؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ”ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنايلى“ ناملىق تەشەببۇسنامىنى ماقۇللىدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ نىشانى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ھەققىدىكى ئېسىل بايانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوتتۇراھاللىقنى ياقلايدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جانلاندۇرۇش، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى مۇشۇ يولغا يېتەكلەش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنىش، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىپ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساپلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن يەنە مۇنداق دېدى: مىڭ يىللاردىن بېرى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەقىدىسىنى توغرىلاپ، ئەمەل-ئىبادەتلىرىنى توغرا، تولۇق ئادا قىلىشىدا، ئەخلاقىنى ياخشىلاپ، ئەدەپ-قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنىدى. ئىسلام دىنى جۇڭگوغا تارقىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن دىننى سۆيۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈۋەتكەن، جايلارغا قارىتا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن.

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خىرىسلىرى ئالدىدا ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسى بەكمۇ ھوشيار تۇرۇشى، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى، ئۇنىڭ يامراپ كېتىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك. مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە زامانىۋىلىق ئېڭىنى تىكلەپ، ۋەتەننى سۆيۈپ قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك، ۋەزىيەتكە قاراپ، مەۋقەنى رۇسلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-ئەھكاملىرىغا ئاساسەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە پاكىتلىق رەددىيە بېرىپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر دىنىي ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلىتىپ ئابدۇرەھىم داموللا مۇنداق دېدى: ئۈچ خىل كۈچلەر دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىننى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتماقتا. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا ھاقارەت كەلتۈرمەكتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا.

ئىككى كۈنلۈك 5 مەيدان مۇھاكىمە يىغىنىدا 30 دەك كىشى سۆزلىدى. داڭلىق ئۆلىمالار ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا بۇ ئىدىيەنىڭ مول مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، قۇرئان، ھەدىستىن نەقىل كەلتۈرۈپ، كۆزقاراشلىرىنى يورۇتۇپ بەردى، مۇسۇلمانلار ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان بولۇشى، ئەپۇچان، رەھىمدىل بولۇشى، ئىبادەتلىرىنى ياخشىلاپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر ياققا ئېغىپ كەتمەيدىغان، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. داڭلىق تەتقىقاتچىلار بولسا خەلقئارا ئىسلام ئىدىيە ئېقىمى ۋە ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، خەلقئارادىكى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئەتراپلىق بايان قىلدى ھەم تەھلىل قىلدى.

يىغىن ئەھلى بىردەك ھالدا مۇنداق قارىدى: ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى توغرا ئىدىيە، ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل-ئىبادەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەمەل قىلىدىغان ئاساسلىق پىرىنسىپىدۇر . ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ئاساسەن ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ بەندىنى ياخشى كۆرۈش، قەلب پاكلىقىنى ساقلاش، ئەپۇچان ۋە رەھىمدىل بولۇش، كىشىلەر بىلەن ئىناق، دوستانە ئۆتۈش، ئادىل بولۇش، جانغا ھۆرمەت قىلىش، قارىغۇلارچە پەتىۋا چىقىرىشقا، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە قارشى تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەم بۇ يولدا چىڭ تۇرىدىغان دىن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بولسا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي روھىغا خىلاپ، ئىسلام دىنىنى غەرەزلىك ھالدا بۇرمىلاپ ئۇنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقتۇر. زوراۋان، تېررورچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق چەك-چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولۇپ، ئۇ مىللىي مەسىلە ئەمەس ياكى دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس؛ دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنىدۇر.

يىغىنغا قاتناشقان زاتلار بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، دىنىي دەستۇرلارنى ئىلمىي، توغرا شەرھلەپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ئەقىدە، ئەھكاملارنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنىڭ ئىجراچىلىرى، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنىڭ ۋارىسلىرى ۋە جانلاندۇرغۇچىلىرىدىن بولىدىغانلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈرۈشتى.

چوڭقۇر مۇھاكىمە ئارقىلىق يىغىن ئەھلى تونۇشتا بىرلىككە كەلدى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا تۆۋەندىكى تەشەببۇسنامىنى جاكارلىدى: ئىسلامدىكى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئېتىقادنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، يەنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنى كۈندىلىك دىنىي تەلىم، ۋەز-تەبلىغ ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە باشتىن-ئاخىر تەتبىقلاپ، ئوتتۇراھاللىقتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەي، ئېتىقادى كامىل مۇسۇلمانلاردىن بولۇش كېرەك؛ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئارقىلىق ئىش-ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، يەنى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تەتبىقلاپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، قانۇننى قوغدايدىغان، ئادىل بولالايدىغان، ئىككىلا ئالەمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان دۇرۇس، پاك مۇسۇلمانلاردىن بولۇش كېرەك؛

ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كېرەك، يەنى ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئادالەتتە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۈچ خىل كۈچنىڭ يامان غەرىزى ۋە رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈپ، بىر جاننى ناھەق ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان جىنايى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل، ئالىيجاناب مۇسۇلمانلاردىن بولۇش كېرەك.

ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئوبرازنى نامايان قىلىش كېرەك، يەنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ بەندىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەپۇچان، رەھىمدىل، كىشىلەر بىلەن دوستانە، ئىناق ئۆتىدىغان، نەپسىنى يېڭىپ سەۋرچان بولالايدىغان كەمتەر، مۇلايىم مۇسۇلمانلاردىن بولۇش كېرەك؛ ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىناق، ئىتتىپاق، تىنچ جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

ئاخىردا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن يىغىننى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان، ئىجابىي كۈچلەر يورۇقلۇققا چىققان، دىنىي ئىدىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدە تۇنجى قېتىم مۇنداق چوڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلگەن، تەسىرى كۈچلۈك بولغان بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر پائالىيەت، تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە كاتتا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە يى

غىلىش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسى پۇختا، كۈچى زور بولدى، ئېتىبار كۆردى ھەم ئېتىبار قازاندى، تەسىرى زور بولدى، مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى؛ ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى ئالەملىك بەختنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى تېخىمۇ روشەن بولدى: ئوتۇراھاللىق، ئەپۇچانلىق، ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئىلىم تەلەپ قىلىش ئارقىلىقمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ئېنىق بولدى.

خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، سۇمۇرغ تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق 20 نەچچە ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن 50 نەچچە مۇخبىر بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان 30 نەچچە ئۆلىما ۋە تەتقىقاتچىلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. (ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

 

 

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر