جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ 5- قېتىملىق ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى گۇاڭدۇڭدا ئېچىلدىجۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى گۇاڭدۇڭدا ئېچىلدىجۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 11-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى گۇاڭدۇڭدا ئېچىلدى
تاراتقۇلارغا نەزەر
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى....
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى...
شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى <br>شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك <br>سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى
8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى، مۇھىم سۆز قىلدى. ...
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى<br> شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى <br>جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى   شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى ...
جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ 5- قېتىملىق ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى گۇاڭدۇڭدا ئېچىلدى
12-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ 5-قېتىملىق ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى زېڭ شياۋخۇي يىغىنغا قاتناشتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى خېڭچىن رايۇنلۇق خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى خېڭچىن رايۇنلۇقئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يې جىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقلىرىدىن مۇ كېفا، ما ۋېنيۈنلەر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى گۇاڭدۇڭدا ئېچىلدى
12-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەبرىك سۆزى قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا ئوبلاستى جىشىشەن ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 11-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى گۇاڭدۇڭدا ئېچىلدى
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 11-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2023-يىللىق خىزمىتىدىن دوكلات» بەردى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 12-ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، ما ۋېنيۈن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا ئايرىم-ئايرىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
12-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ بېيجىڭدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز باشلاپ كەلگەن شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. يىغىنغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇھتەرەم شېرىپلار قاتناشتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى مۇ كېفا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-نۆۋەتلىك پەن ۋە دىنشۇناسلىق خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى
2018-يىلى9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك ئۆمەك قىرغىزىستان ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بىشكەكتە بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «يىپەك يولى روھى−ئۇلۇغ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە زامانىمىزدىكى خىرىس» تېمىسىدىكى 3-نۆۋەتلىك پەن ۋە دىنشۇناسلىق خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقئارا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى
2018-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن9-كۈنىگىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىش مىنىستىرلىقى پايتەخت ئابۇدەبىدە خەلقئارا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. تەكلىپكە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پىروفېسسور مى شۇۋجياڭ ئۆمەك باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بارات رەجەپ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ياڭ جىجۇڭ، خەلقئارا بۆلۈم خىزمەتچىسى مىن چاڭ، خەنزۇچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مىن جۈنچىڭ قاتارلىقلار ئۆمەك ئەزاسى بولۇپ تەشكىللەنگەن 5 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن 140تىن ئارتۇق دۆلەتتىن 400دىن ئارتۇق ئالىم، بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار ۋە داڭلىق ئۆلىمالار قاتناشتى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئۆمەك باشلاپ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى
ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئۆمەك باشلىقى، مۇئاۋىن رەئىس مۇ كېفا قاتارلىق 6 كىشى ئۆمەك ئەزاسى بولغان ۋەكىللەر ئۆمىكى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، ئۆزبېكىستاندا 5 كۈنلۈك دوستانە زىيارەتتە بولدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ”ئىسلام دىنى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى دۇنيا ئالىي دەرىجىلىك مۇسۇلمان ئالىملىرى كېڭىشىش يىغىنى“غا قاتناشتى
ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ”دىن ھالقىغان ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى“ ئالاھىدە ئەلچىسى، ”ئاسىيا دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتى“نىڭ رەئىسى دىڭ شەمسىدىن دوكتورنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يا فامىڭ، خەلقئارا بۆلۈمىدىن ما جېي 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، ھىندونېزىيەنىڭ بوگوردا ئۆتكۈزۈلگەن “ئىسلام دىنى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى دۇنيا ئالىي دەرىجىلىك مۇسۇلمان ئالىملىرى كېڭىشىش يىغىنى”غا قاتناشتى، يىغىنغا 36 دۆلەتتىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار، دىنىي داھىيلار، مۇسۇلمانلار ئالىملار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ھىندونېزىيەنىڭ ھۆكۈمەت ساھەسى، دىنىي ساھە ۋەكىللىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ كارا ئايرىم-ئايرىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مەئسۇمە ئىبتىكار، مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەيىخى ئەھمەد مۇھەممەد ئەھمەد تەييىب، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئابدۇللا مەتۇق، سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى دوكتور شەيخ ئابدۇلمۇھسىن قاسىم قاتارلىقلار ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى.
سىنلىق خەۋەرلەر
دىن ۋە ھايات
دىن ۋە مەدەنىيەت
مەدرىسە مۇستەنسىرىييە
ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مۇستەنسىر بىللاھ ئەلئابباسى(مىلادىيە 1226-يىلىدىن 1243-يىلىغىچە سەلتەنەت سۈرگەن) ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت-مائارىپقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلىپىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 17 يىل ئىچىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن، باغدادتىكى مۇستەنسىرىييە مەدرىسەسى ئۇنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىدە مىلادىيە 1227-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 700 مىڭ دىنار سەرپ قىلىنغان، مىلادىيە 1233-يىلى 4-ئايدا مەزكۇر مەدرىسەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمغا مىڭدىن ئارتۇق قوي سويۇلۇپ، ھەرخىل يېمەكلىكلەر ۋە مېۋە-چېۋىلەر تىزىلىپ ناھايىتى چوڭ زىياپەت سورۇنى ھازىرلانغان....
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
ۋەز-تەبلىغلەر
سىنلىق قىرائەت ۋە دۇئا
قانۇن-نىزاملار
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەير-ساخاۋەت قانۇنى
1-ماددا بۇ قانۇن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەير-ساخاۋەت مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، خەير-ساخاۋەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، ھەدىيە قىلغۇچىلار، پىدائىيلار، مەنپەئەتدارلار قاتارلىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى....
ئائىلە ۋە جەمئىيەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى(1)
ئاللاھ تائالانىڭ ئەر بىلەن ئايالنى ئۆزئارا ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقى، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى يارىتىشتىكى يۈكسەك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر: ”ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ)ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا(يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار“{سۈرە«رۇم»(30-سۈرە)، 21-ئايەت}. ...
سۈرەتلەر