باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇننىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدىكى سۆزى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-26   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ھۆرمەتلىك ئىدارە باشلىقى ۋاڭ زوئەن، ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ئالىم-ئۆلىمالار ۋە مۇتەخەسسىسلەر! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! كۆپچىلىك ئەتتىگەنلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن!

ئەتىياز كۈنلىرىدە، بىز گۈزەل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە يېغىلىپ «ئىسلام دىنى ئوتتوراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يېغىنى»نى ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنى ئەسەبى ئىدىيەنىڭ يامان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى توغرا چۈشىنىشكە يىتەكلەش، خاتا چۈشەنچىنى يوقىتىش، بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئوڭشاش، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا، ئەسەبىيىلىكتىن يىراقلىشىشقا، مەملكەتتىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولغان جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھەسسىلەرنى قوشۇشقا چاقىرىق قىلىشتىن ئىبارەت.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، دىنىي ئىدىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىزدىنىش بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا زور نەزىرىيەۋى قىممەتكە ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئالىم-ئۆلىمالار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن، بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى شەخىسلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئوتتۇراھاللىق ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىبادەتلەر ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدە چۇقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق پىرىنسىپتۇر.

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: (ئى مۇھەممەد!)، ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن، (مەنئىي قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ) ئاللاھنىڭ چەكلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. (سۈرە ھۇد، 112-ئايەت)

ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. (سۈرە ئەنئام، 153-ئايەت)

يۇقىرىقى ئايەتتىكى «مېنىڭ توغرا يولۇم» دەل ئوتتۇراھال يولنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يولغا چاقىرىدىغان، ئوتتۇراھال يول تۇتىدىغان دىن. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتە ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسىگە ئالاقىدار نۇرغۇن مەزمۇنلار بار بولۇپ، ئاساسلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە كىشىلەرگە مېھرىبان بولۇش، توغرا يولدا مېڭىش ۋە ئۆزىنى پاكلاش، كەڭ قۇرساق ۋە شەپقەتلىك بولۇش، تىنىچلىقپەرۋەر ۋە دوستانە بولۇش، ئىككى ئالەملىك بەخىت-سائادەت، ئادىللىق، ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىش، كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتىش، قارىغۇلارچە ھۆكۈم قىلىشقا قارىشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىقادىنى توغرىلاش، ئەمەل-ئىبادىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە سۆز-ھەرىكىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسىنىڭ يىتەكلىشىدە مۇسۇلمانلار ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ، پارلاق ئىسلام مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىنىڭ باشتىن ئاخىر ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن زىچ ئالاقىسى بار. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى دىنى ئەقىدە ۋە دىنى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. مىڭ سۇلالىسى جىياجىڭ يىللىرىدا، مەدرىس مائارىپى پىشىۋاسى خۇ دېڭجۇ مەدرىس مائارىپىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ مەدرىس مائارىپى بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى مائارىپىنى بىرلەشتۈرگەن، ئوقۇتۇش داۋامىدا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىسلام دىنى تەلىم-تەربىيە ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئىلىم ساھەسى لىيۇ جى، ما شىياچۇ ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم مەدرىس مائارىپىنىڭ ۋارىسلىرى نەنجىڭ ۋە يۈننەننى مەركەز قىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە رۇجىيا كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ ھەم سېلىشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-ئەھكاملىرىنى خەنزۇ تىلى بىلەن شەرھلەپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگو ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىسلام ئىدىيە مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. يېقىنقى دەۋردىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئالىم-ئۆلىمالار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋەتەننى سۈيۈش، دىننى سۈيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يوقىلىشىقا قارىشى تۇردى، مىللى ئازاتلىقنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ۋەتەننى سۈيۈش ۋە دىننى سۈيۈش بىردەك بولغان، ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۈرىدىغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە جۇڭگو ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىسلام دىنىنى بارلىققا كەلتۈردى، خۇددى بۈيۈك ئۇيغۇر تارىخى داستانى «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ بىزگە ئېيتقىنىدەك: بىلىم ۋە پاراسەت بولغاندىلا كىشىلەرنى بەخت-سائادەتكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ، پاراسەت ۋە بىلىمنى ئىشلەتكەندە بەخىتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىتىقادلىق بولىشى ۋە ياخشى ئىش قىلىشى، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە پايدا يەتكۈزىشى، مىھىر-مۇھەببەتلىك، ئادىل، شەخسىيەتسىز بولۇشى، شۇ ئارقىلىق بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشى لازىم.

ئىسلاھات ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بويان، دۆلىتىمىز دىنى ئىتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى، جۇڭگو ئىسلام دىنى پۈتۈنلەي يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، بىراق ئېغىر سىناققىمۇ دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مۇرەككەپ خەلىقئارا ۋەزىيەت ئاستىدا، «ئۈچ خىل كۈچ» پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىپ، ساپ ئىتىقادنىڭ بۇرمىلىنىشى، بىر قىسىم ئىتىقادچى ئاممىنىڭ خاتا يېتەكلىنىشى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەر ئىسلام دىنىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى روھىدىن قەستەن يىراقلىشىپ ياكى چەتنەپ، باشقىلارغا خالىغانچە تون پىچىدىغان، «جىھاد»نىڭ ئەسلى مەنىسىنى بۇرمىلاپ، ئاتالمىش «مۇقەددەس ئۇرۇش»قا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئەسەبىلىكنى تەشۋىق قىلىپ، زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەر ئۇتتۇرىسىغا ئۆچ-ئاداۋەت سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار دىنى زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىشتىكى «ھىجرەت»نى بۇرمىلاپ، ئۇنى مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتتىن ئايرىلىش دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلار فىقھەدىكى «ھالال»ۋە «ھارام»نىڭ ئوقۇمى ۋە دائىرىسىنى خالىغانچە بۇرمىلاۋاتىدۇ ۋە چوڭايتىۋاتىدۇ. بۇنداق بۇرمىلاشلار ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى روھىغا خىلاپ ئەسەبىي ئىدىيەلەر بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، ھەتتا بەزى كىشىلەر جىنايى قىلمىش يولىغا كىرىپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلار قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ تەشەببۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھوقۇقىغىمۇ پىسەنت قىلماي كىشىلىك ئادالەتنى دەپسەندە قىلىپ قانلىق پاجىئەلەرنى ئۈزلۈكسىز پەيدا قىلدى، بىگۇناھ ئاممىغا رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلدى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىز زىيان سالدى، شۇنداقلا باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا خاتا چۈشەنچىسىنى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا زور خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىنمۇ ھالقىغانلىق بولۇپ، بۇ مىللەت مەسىلىسى ياكى دىنى مەسىلىمۇ ئەمەس، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنىدۇر.

بۈگۈن، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزىشىمىزدىكى مەقسەت، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسى توغرىسىدىكى ئېسىل بايانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا ئەقىدىگە تەشەببۇس قىلىدىغان، ئوتتۇراھال يول تۇتىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى روھىنى چۈشىنىش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، دىنى ئەسەبىلىكتىن يىراقلىشىش، تىنىچلىققا چاقىرىش، زوراۋانلىققا قارىشى تۇرۇشقا يېتەكلەش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى كۈچەيتىش، مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ساغلام ئىتىقاد ۋە ساغلام ھەرىكەتتە بولۇش، ھىدايەتكە ئەگىشپ زالالەتنى يوقىتىش، توغرا يولدا بولۇش، پاكىز بولۇشقا چاقىرىش، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنى ئوتتۇراھال يولدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يارقىن ئوبرازىنى تىكلەشتىن ئىبارەت.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رادىكال ئىدىيەگە قارىشى تۇرۇش ۋە ئوتتۇراھال ھال يولنى ياقىلاش ئۈچۈن خەلقئارا ئىسلام دىنى ساھەسى كۆپ قېتىملىق خەلقئارا يىغىن ۋە مەخسۇس تېما يىغىنىدا، ئوتتۇراھال يولغا يېتەكلەش، تېنچ يول بىلەن سۆزلىشىش، دىنىي ئەسەبىلىككە، زوراۋانلىققا قارىشى تۇرۇشقا كۈچلۈك چاقىرىق قىلدى، تەكرار باياناتلارنى ئېلان قىلدى ھەمدە بىر قاتار ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسىگە ئىگە تارىخى چاقىرىقنامە ۋە خىتابنامىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ كۆلەملىك، چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. مەسىلەن: «مادىرىت خىتابنامىسى»دا مۇنداق دېيىلگەن: ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلى مەنبەسى بىر، رەڭگى، مىللىتى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئىززەت-ھۆرمەت جەھەتتە باراۋەر. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتى، ھازارىتىنىڭ خىلمۇخىللىقى ئاللاھنىڭ بىر مۆجىزىسى، گەرچە ئىنسانىيەتنىڭ مىللەت، رەڭ ۋە تىل قاتارلىق پەرقى بولسىمۇ، ھەرخىل ئىتىقادنىڭ ھەممىسى پاراسەت ۋە ياخشى سۆز بىلەن گۈزەل ئەخلاق تارقىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەممىسى دىنىي ئەسەبىلىك ۋە تىرورىزىمنى چەكلەيدۇ. ھازىر مەيلى بىز قەيەرگە بارايلى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ داھىيلىرى، ئىماملار، مۇسۇلمان سىياسىئونلارنىڭ ئوتتۇراھال يولنى جاكارلاپ، رادىكاللىققا قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىيالايمىز. ئوتتۇراھال يولنى جاكارلاشلاشتىكى مەقسەت مىليۇنلىغان مۇسۇلمانلارنى توغرا ئىتىقاد ۋە توغرا يولغان يېتەكلەش، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا ئىتىقاد ۋە توغرا ھەرىكىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.

بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىنى خىزمەت توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۈيۈش، دىننى سۈيۈش، خەلقنى سۈيۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا دىنىي ئەسەبى ئىدىيەلەرگە قارىشى تۇرۇپ، شەرىئەتنى ئىلمى يۇسۇندا چۈشەندۈرۈپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسنى دىنى ئىتىقاد، دىنى ئەھكاملارنى توغرا چۈشىنىشكە يىتەكلەپ، رادىكال دىنى ئىدىيەلەرنىڭ سېڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارىشى تۇرۇشىمىز لازىم. ئىسلام دىنى بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىجراچىلىرى، ئوتتۇراھاللىق قىممىتىنىڭ ۋارىسلىرى ۋە ئوتتۇراھاللىق روھىنىڭ جارى قىلغۇچىلىرىدىن بولىشىغا يېتەكلەش لازىم. پۈتۈن جەمئىيەتكە ئىسلام دىنىنىڭ تىنچ، ئوتتۇراھال، مۇھەببەتلىك ۋە كەڭچىل بولغان ھەقىقى روھىنى ئومۇمىيۈزلۈك تونۇتىشىمىز كېرەك. ھەممىمىز مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاق، دوستانە، تېنچ بولغان ئىناق جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشپ كۈرەش قىلايلى!

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن، ئۇلۇغ ئاللاھتىن بىزگە مەدەت تىلەيمەن، ئامىن!

يەنە >>سۈرەتلەر