باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتى بېيجىڭدا قۇرۇلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-21   

ئۆز خەۋىرىمىز: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە 1-قېتىملىق ئومۇمىي ھەيئەتلەر يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتى ۋە ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسى رەسمىي قۇرۇلدى. مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتى 23 نەپەر ئىسلام ساھەسىدىكى داڭلىق دىنى زاتلار ۋە ئالىملاردىن تەشكىل تاپتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن مۇدىرلىققا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، ما كەيشەن، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جەنفۇ مۇئاۋىن مۇدىرلىققا تەيىنلەندى.

يىغىندا رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئېچىلىش سۆزى قىلدى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 4-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جۇڭخەي سۆز قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

رەئىس ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىسلام دىنى مائارىپ مەنبەلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ بىرلەشتۈرۈشكە، دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىسلام دىنى مائارىپىنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسى ۋە تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا موھتاج، شۇنداق قىلغاندا مائارىپنىڭ تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان، جۇڭگو ئىسلام دىنى مائارىپىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇ مۇقەررەر ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ تەربىيەلەش خىزمىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جاۋ جۇڭخەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مائارىپ خىزمىتىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىسى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى بۇندىن كېيىنكى مۇھىم بىر تۈرلۈك خىزمەت قىلىپ تۇتۇشىمىز كېرەك؛ ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلاپ، ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ «دىنىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋە ئۇنۋانىنى باھالاش، تەكلىپ قىلىش تەدبىرى(سىناق لايىھە)» ۋە «دىنىي مەكتەپلەر ئىلمى ئۇنۋانى بېرىش تەدبىرى(سىناق لايىھە)»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى يېڭىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە يېڭى كۆز قاراشلارنى، يېڭى تەدبىر ۋە يېڭى لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم مەملىكىتىمىزدىكى ئون ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلۇش تارىخى، ھازىر كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنىشى ۋە خىزمەت پىلانى قاتارلىق تۆت نۇقتىدىن “جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنى قۇرۇش ئىزاھاتى” بەردى.

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تەتقىقاتچى گاۋ جەنفۇ دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىككى <<تەدبىرى>>نىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنىشى، جەريانى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، شۇنداقلا كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىغا ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە، ئوقۇتقۇچىلار ئىلمىي ئۇنۋانىنى باھالاش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ۋە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالارغا تەكلىپنامە تارقىتىپ بەردى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، يېڭى تەيىنلەنگەن مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالىم-ئۆلىمالار دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ “تەدبىرى”نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ھەمدە ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مائارىپ ئىدىيەسىنى مەركەز قىلغان ھالدا، كەسپى ئۇنۋان باھالاش، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش، ئۇنۋان بېرىش، دەرسلىك تۈزۈش ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن تەكلىپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇئاۋىن رەئىس قوشۇمچە باش كاتىپ بەدرىددىن گو چېڭجېن خۇلاسە يىغىنىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى مائارىپىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى؛ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش، ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىنى باھالاش ۋە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىپ باھالاش قاتارلىق ئۈچ چوڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتلىرىنى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش ۋە تەتقىقات بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما كەيشەن، ياڭ فامىڭ، مۇ كېفا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مائارىپ خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى بىر قىسىم مەشھۇر دىنىي زاتلار، ئالىم-ئۆلىمالار، شىنجاڭ، لەنجۇ، نىڭشيا، كۈنمىڭ، جېڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى ھەر قايسى بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.(مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر)

 

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر