باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 11-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى گۇاڭدۇڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-01-15   

12-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 11-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2023-يىللىق خىزمىتىدىن دوكلات» بەردى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 12-ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، ما ۋېنيۈن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا ئايرىم-ئايرىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقلىرىدىن ۋاڭ ۋېنجې، مۆھتەرەم شېرىپ، دەي جۈنفېڭ، مەمەت جۈمە، ياڭ ۋەنلى، ياڭ گۈەنجۈن، ياڭ رۈيچياڭ، ھاجى ئەكبەر مەمەتقۇرمان، جىن رۇبىن، جىن خۇڭۋېي، جىن جيەنخۇا، خەن جوخۇي، بەي شېڭفۇ، مۇ كېفا ۋە دائىمىي كېڭەش ئەزالىرىدىن جەمئىي 70 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو ئىسلام  جەمئىيىتى نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ نازارەتچىسى، يەرلىكتىكى ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يىغىندا كۆپچىلىك گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا ئوبلاستى جىشىشەن ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا كوللېكتىپ دۇئا قىلدى.

ياڭ فامىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: 2023-يىلى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى؛ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك ئىدىيەۋى ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى؛ سۇبيېكتلىق رولىنى نامايان قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى؛ دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى؛ دىپلوماتىيە ئومۇمىيلىقىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگونى چۈشىنىدىغان، جۇڭگوغا دوستانە كۈچلەرنى يېتىلدۈردى؛ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ”ئۈچ چوڭ بازا“نى قۇرۇپ چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيىدىغان، تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان، ئوتتۇرھال ئىدىيەسىنى كەڭ تارقىتىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمىئيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

يىغىندا «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت دوكلاتى» ۋە «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2024-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» قاراپ چېقىلىپ ماقۇللاندى، «ئىسلام دىنىنىڭ مەدرىسە ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇش چارىسى»(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىندى، بېيجىڭ، جىلىن، جياڭسۇ قاتارلىق جايلار ”تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش“ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ”ئىككىنى تىكلەش“نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ”ئىككىنى قوغداش“نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىسىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىن مەزگىلىدە يەنە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ 3-قېتىملىق ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىلدى.

 

(ما فېڭ خەۋىرى، ۋۇ شۇمېي فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: رامىلە ئابدۇراھمان، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شېرىپ)

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر