باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-نۆۋەتلىك پەن ۋە دىنشۇناسلىق خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-10-10   

2018-يىلى9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك ئۆمەك قىرغىزىستان ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بىشكەكتە بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «يىپەك يولى روھى−ئۇلۇغ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە زامانىمىزدىكى خىرىس» تېمىسىدىكى 3-نۆۋەتلىك پەن ۋە دىنشۇناسلىق خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىنغا قىرغىزىستان، قازاقىستان، جۇڭگو، لىتۋا، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، ئېستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ تەخمىنەن 160 كىشى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» ۋە 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك «يىپەك يولى روھى: بىرلىكتە بەرپا قىلىش بىلەن قوشۇلۇش» مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىق يىپەك يولى روھىنى ئاساسىي تېما قىلغان بىر قاتار خەلقئارالىق يىغىنلارنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا «ياۋروپا-ئاسىيا رايونىدىكى ساختا دىن ئەسەبىيلىكى»، «دىنىي جەمئىيەتنى باشقۇرۇش»، «دىنىي ئەسەرلەرنى دەلىللەش ۋەزىپىسىنى ياخشىلاش»قاتارلىق ئۈچ چوڭ تېما ئۈستىدە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى ۋە سۆز قىلىندى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ياڭ رۈيچياڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار تېمىلار ئۈستىدە يىغىندا سۆز قىلدى .

يىغىن مەزگىلىدە، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى سۇرىنباي جېينبىكوف قىرغىزىستان، قازاقىستان، جۇڭگو، لىتۋا، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ئېستونىيە مۇپتىلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى، ھەمدە سۆزىدە، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ يېقىن قوشنا دۆلەت ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى يېقىنلاشتۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز چۈشكەن مېھمانخانىدا رۇسىيە، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان مۇپتىلىرى، تاجىكىستان ئىسلام مەركىزى ئۆلىمالار كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ئىسلامىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ھۆرمەتلەش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇلار بىردەك: ”ئەسەبىيلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، رايون مۇقىملىقىنى قوغدايمىز، دىنىي ئەھكاملارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سەپسەتىلىرىگە قەتئىي رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەبىي كۆز بۇيامچىلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلايمىز، مۇسۇلمانلارنى توغرا دۇرۇس ئېتىقاد-ئەمەللىك بولۇشقا يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى نامايان قىلىمىز، مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، رايون تىنچلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ ئاكتىپ تۆھپىسىنى قوشىمىز“دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە توقماق شەھەرلىك ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلدى، ئىنستىتۇت باشلىقى لوقمان ۋە يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، شۇ جايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇلار جۇڭگو خۇيزۇلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە خۇيزۇ تىلىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىپ، ئۆزئارا باردى-كەلدى قىلىشىپ، سىڭىشىپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى يەنىمۇ بىرقەدەم ئالغا سۈردى، ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى، دىنىي مەدەنىيەتنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى ئۇرغۇتتى ۋە تاراتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى بېيىتتى، زىيارەت ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

قىرغىزىستان مۇفتىسى ماقسات توختۇمۇشۇف رەئىس ياڭ فامىڭغا تىنچلىق ئوردېنى تارقىتىپ بەردى.

(ما رۇيچياڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر