باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ 5- قېتىملىق ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى گۇاڭدۇڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-01-16   

12-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ 5-قېتىملىق ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى زېڭ شياۋخۇي يىغىنغا قاتناشتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى خېڭچىن رايۇنلۇق خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى خېڭچىن  رايۇنلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يې جىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقلىرىدىن مۇ كېفا، ما ۋېنيۈنلەر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى 4-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېتەكچىلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىدىيەۋى سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، نوپۇزلۇق دىن ئىلمىنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى توغرا ئېتىقادنى ساقلاپ، توغرا كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈپ، توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ”بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش“نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ”ئىككىنى تىكلەش“نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ”ئىككىنى قوغداش“نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. نۇقتىنى دىن ئىلمىنى چۈشەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كىلاسسىك دىنىي ئەسەرلەردىن نادىر تەرجىمە-تەپسىرلەرنى چىقىرىپ، نوپۇزلۇق دىن ئىلمىنى چۈشەندۈرۈش بازىسى بەرپا قىلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى مۇسابىقە ماركىسىنى يورۇتۇپ، مۇسۇلمان ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى سالاپىتىنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دىن ئىچىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چېكىدىن ئاشقان قاراشلارغا قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى توسۇپ، دىن ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىن ئىلمىنى چۈشەندۈرۈش شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، توردا دىن ئىلمىنى  چۈشەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ئىلمىنى چۈشەندۈرۈش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى دىن ئىلمى ئىدىيەسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم بەرگەن «جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى 4-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» قاراپ چېقىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ ئوقۇغان «جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئىزاھات بىلەن «جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى كاتىباتلىق گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» قاراپ چېقىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى مۇھتەرەم شېرىپ ئوقۇغان «ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ھەيئەت ئەزالىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات» «جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى 5-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى، ھەيئەت ئەزالىرى ئىسىملىكى» ۋە «جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى 5-نۆۋەتلىك كاتىباتلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئەزالار ئىسىملىكى» قاراپ چېقىلدى.

يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دىن ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەزالىرى بارلىققا كەلدى، ياڭ فامىڭ مۇدىرلىققا، ما ۋېنيۈن، ئادىل ھاجى كېرىم، مۇھتەرەم شېرىپ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى ھەم تەكلىپ قىلىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.

يىغىندا «جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى 4-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىندى، «يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر توپلىمى»نى تۈزۈشتىكى پىكىر-تەكلىپلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

12-ئاينىڭ 23-كۈنى، دىن ئىلمىنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، دىن ئىلمىنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرسىتىلگەن  فىلىم كۆرۈلدى، دىن ئىلمىنى چۈشەندۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، گەنسۇ، شىنجاڭ، يۈننەن، خېنەن، چىڭخەي ۋە خۇبېي قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

(ما فېڭ خەۋىرى، ۋۇ شۇمېي فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: رامىلە ئابدۇراھمان، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شېرىپ)

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر