باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقئارا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-05-22   

2018-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن9-كۈنىگىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىش مىنىستىرلىقى پايتەخت ئابۇدەبىدە خەلقئارا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. تەكلىپكە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ  مۇئاۋىن رەئىسى، پىروفېسسور مى شۇۋجياڭ ئۆمەك باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بارات رەجەپ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ياڭ جىجۇڭ، خەلقئارا بۆلۈم خىزمەتچىسى مىن چاڭ، خەنزۇچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مىن جۈنچىڭ قاتارلىقلار ئۆمەك ئەزاسى بولۇپ تەشكىللەنگەن 5 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن 140تىن ئارتۇق دۆلەتتىن 400دىن ئارتۇق ئالىم، بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار ۋە داڭلىق ئۆلىمالار قاتناشتى.

يىغىن مەزگىلىدە ، ئۆمەك باشلىقى پىروفېسسور مى شۇۋجياڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شەيخ نەھيان بىن مۇبارەك بىلەن دوستانە سۆھبەتلەشتى. ئۇلار جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش،”بىر بەلباغ، بىر يول “ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولسا خەلقئارادا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت ئاھالىلىرى بىلەن دىيالوگنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش؛ دىننىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تالاش-تارتىش ۋە زىيان يەتكۈزۈشكە تاقابىل تۇرۇش، ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش؛ مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا سەمىمىي دوستلۇق، ھەقىقىي ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ غەيرى ئىسلام ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئاكتىپ ھالدا ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتكە سىڭىشىپ كىرىپ، جەمئىيەتكە تۆھپىسى بار مۇنەۋۋەر گىراژدان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. يىغىن: خەلقئارا كونتېكىست ئاستىدا غەيرى مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ پۇرسىتى ۋە خىرىس؛ مۇسۇلمانلىق سالاھىيەتتىن گىراژدانلىق سالاھىيەتكىچە؛ دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە ئىسلامدىن قورقۇش كېسىلى؛ غەيرى ئىسلام ئەللىرىدە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئاكتىپ رولى؛ يېڭى دۇنياۋى سىستېما ۋە غەيرى ئىسلام ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كېلەچىكى قاتارلىق 5 تېمىدا ئېلىپ بېرىلدى.

يېپىلىش مۇراسىمىدا، يىغىننىڭ تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى .

(مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ بارات رەجەپ تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئادىل ھاجى كېرىم)
يەنە >>سۈرەتلەر