باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى
يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-03-20   

3-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىش توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئاچتى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ قوشۇش كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىلجان ھاجى كېرىم ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ھەمدە دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىل، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىلدا ئېچىلغان مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان بىرقاتار مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، <<ئىككىنى تىكلەش>>نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، <<تۆت ئاڭ>>نى كۈچەيتىپ، <<تۆت ئىشەنچ>>نى چىڭىتىپ، <<ئىككىنى قوغداش>>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنغا قاتناشتى.

(چېن كۇەن خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى مۇھتەرەم شېرىپ)

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر