باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ”ئىسلام دىنى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى دۇنيا ئالىي دەرىجىلىك مۇسۇلمان ئالىملىرى كېڭىشىش يىغىنى“غا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-05-21   

ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ”دىن ھالقىغان ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى“ ئالاھىدە ئەلچىسى، ”ئاسىيا دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتى“نىڭ رەئىسى دىڭ شەمسىدىن دوكتورنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يا فامىڭ، خەلقئارا بۆلۈمىدىن ما جېي 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، ھىندونېزىيەنىڭ بوگوردا ئۆتكۈزۈلگەن “ئىسلام دىنى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى دۇنيا ئالىي دەرىجىلىك مۇسۇلمان ئالىملىرى كېڭىشىش يىغىنى”غا قاتناشتى، يىغىنغا 36 دۆلەتتىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار، دىنىي داھىيلار، مۇسۇلمانلار ئالىملار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ھىندونېزىيەنىڭ ھۆكۈمەت ساھەسى، دىنىي ساھە ۋەكىللىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ كارا ئايرىم-ئايرىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مەئسۇمە ئىبتىكار، مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەيىخى ئەھمەد مۇھەممەد ئەھمەد تەييىب، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئابدۇللا مەتۇق، سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى دوكتور شەيخ ئابدۇلمۇھسىن قاسىم قاتارلىقلار ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى.

رەئىس ياڭ فامىڭنىڭ ”ئىنسانىيەت ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش“ تېمىلىق نۇتۇقى يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى. يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ”بوگور تەشەببۇسنامىسى“ ئېلان قىلىندى.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئاساسلىقى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى ۋە ئىسلام دىنى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىسلام دىنى تەرەققىيات مۇساپىسىدا تەتبىقلىنىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشى ئۈستىدە كېڭەشتى. يىغىن مەزگىلىدە، ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە بىرقىسىم دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ داۋالغۇش ۋەزىيىتى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ باردى، پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تەجرىبىسىنى ئورتاقلاشتى.

يىغىن ئەھلى بىردەك ھالدا مۇنداق قاراشقا كەلدى: ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدىكى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى ۋە مۆتىدىللىق ئىدىيەلىرىنى قېزىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ تىنچ، ئادىل، مەدەنىي، ئىناق، ئىتتىپاق، رەھىمدىللىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. يىغىن يەنە مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوتتۇرھال، مەدەنىي ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى تەكىتلىدى.

5-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى، يىغىندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئۆمىكى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى ھەم دۆلەت زىياپىتى بېرىپ يىغىن قاتناشچىلىرىنى كۈتۈۋالدى .

5-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى كارا جاكارتادىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى، يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زىياپەت بېرىپ يېغىن قاتناشچىلىرىنى كۈتۈۋالدى .

5-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىيتېنو جاكارتادا كەچلىك ئۇزىتىش زىياپىتى بەردى، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا ھىندونېزىيە ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.

5-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس ياڭ فامىڭ تەكلىپكە بىنائەن دۆلىتىمىزنىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا زىيارەتتە بولدى، باش ئەلچى شياۋ چيەن قىزغىن كۈتۈۋالدى. ياڭ فامىڭ باش ئەلچى شياۋ چيەنگە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم باش ئەلچىخانىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، جۇڭگو-ھىندونېزىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ بىرقەدەر كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 (ما جې خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر