باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-03-05   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

ۋاڭ خۇنىڭ سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى شى تەيفېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى گاۋ يۈنلۇڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، يېپيېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ تۆھپە قوشۇش. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. 2000دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىدۇ.

3-ئايدىكى بېيجىڭدا، زېمىن باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2162 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2093 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى شى تەيفېڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، شى تەيفېڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

ۋاڭ خۇنىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2023-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىچكى-تاشقى قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بىخەتەر تەرەققىياتنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى ۋە پۇختىلاندى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانلار تولۇق تاماملاندى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ساقلاندى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە غەيرىتى زور دەرىجىدە ئاشتى.

ۋاڭ خۇنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيانقى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇردى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىدا چىڭ تۇردى، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلىدى، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، خىزمەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇلازىمەت قىلدى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سالغان ياخشى ئاساس ئاساسىدا، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ يېڭى تۆھپە قوشتى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2024-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى ئالغا سىلجىتىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ توپلىشى كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى نىشان-ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىشقا كۈچەپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىدىن بۇيان، جەمئىي 5621 پارچە تەكلىپ بېرىلدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 4791 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى. 2024-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 99.9 تەكلىپ بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى. ھەرقايسى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل بېجىردى، نۇرغۇن پىكىر-تەكلىپلەر قوبۇل قىلىنىپ ھەم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى، تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە تارماقلارنىڭ خىزمىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا پائال رول ئوينىدى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە ما شىڭرۇي، ۋاڭ يى، يىن لى، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ قاتارلىقلار بار.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋلار قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر