باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئۆمەك باشلاپ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-05-21   

ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ  تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئۆمەك باشلىقى، مۇئاۋىن رەئىس مۇ كېفا قاتارلىق 6 كىشى ئۆمەك ئەزاسى بولغان ۋەكىللەر ئۆمىكى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، ئۆزبېكىستاندا 5 كۈنلۈك دوستانە زىيارەتتە بولدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت خەلقئارا ئايروپورتىغا چۈشتى، ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى خەلقئارا بۆلۈمنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ئەكمەلخان شاكىروف ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جاڭ ۋېنچۇەن قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن خىزمەت سۆھبىتىدە بولدى. مەزكۇر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شەيخ ئابدۇلئەزىز مەنسۇروف ۋە ئۆزبېكىستان گوۋۇيۈەن دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇر ئىمان ئەبۇلھەسەن قاتارلىقلار سۆھبەتتە بىرگە بولدى. مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شەيخ ئابدۇلئەزىز مەنسۇروف ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۆزبېكىستان ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ۋە مۇسۇلمانلار دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تونۇشتۇردى ھەم زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇر ئىمان ئەبۇلھەسەن: ”رەئىس شى جېنپىڭنىڭ ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشى تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۆزبېكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق، ئۆزبېكىستان-جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئورتاق يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىدۇر، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئىككى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشىدۇر. ئۇ ئۆزبېكىستان_جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىك ۋە تېررورىزمغا ئورتاق قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن“دېدى.

رەئىس ياڭ فامىڭ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغىنىغا ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى بايان قىلدى. ئۇ: “يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننى ئۆزئارا باغلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت تەرەققىياتى بىلەن مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈردى، بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدى. ئىككى دۆلەت ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئىسلام دىنىنىڭ تىنچ، كەڭ قورساق ئىدىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ ئىسلام دىنى تىنچلىق ئىدىيەسىنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى تارقىتىشىمىزغا، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىشىمىزغا ۋە توسۇشىمىزغا پايدىلىقتۇر. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، دىنىي مەدەنىيەتنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، ئىككى دۆلەت مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ،  گۈزەل كەلگۈسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن” دېدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى تاشكەنتتىكى ئىمام بۇخارى ئالىي ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە چوڭ جامەنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇخارا ۋە سەمەرقەنت شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، بۇخارا مەسچىتى، سەمەرقەنتتىكى ئىمام بۇخارى مەقبەرىسى قاتارلىق دىنىي تارىخىي مەدەنىيەت ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن خىزمەت توغرۇلۇق سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇقنى كۈچەيتتى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى جياڭ يەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆمەكنىڭ زىيارەت مەزگىلىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى بايان قىلدى.

 (ما لىچياڭ، ما يىخۇي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر