باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

دىنىمىزنىڭ تىنچلىق ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەسەبىيىلىككە قارشى تۇرايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-23   

ئەبەيدۇللا مۇھەممەد

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم!

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە ئايانكى، يەر شارىدا ئىرقى، مىللىتى، ئېتىقادى، ئىجتىمائىي ئورنى ئوخشاش بولمىغان ئىنسانلار بىرگە ياشايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇش-تالاشتىن ساقلىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ دوستانە ياشىشى ھاياتلىقنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، تىنچلىقنىڭ كاپالىتى. «ئىسلام» دېگەن سۆز «ئىتائەت قىلىش»، «تىنچلىق»دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ سۈرە «بەقەرە» 208-ئايىتىدە: ”ئى مۆمىنلەر، ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار“ دېگەن، مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزئارا ئۇچراشقاندا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم»، «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دېيىشىپ تىنچلىق سورايدۇ ۋە تىنچلىق تىلەيدۇ؛ مانا بۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ «تىنچلىق»دىنى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئارازچىلىق پەيدا قىلىش، چېكىدىن ئاشقان قاتتىق قوللۇق، ئوتتۇراھال يولدىن چەتلەپ ھەددىدىن ئېشىش ئەسەبىيلىك بولۇپ، ئىسلام دىنىمىزغا يات ھەرىكەتلەردۇر. «ئەسەبىيلىك» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا «تەرەپبازلىق»، «گۇرۇھۋازلىق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىككى ئالەملىك بەختىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت روھىي ماھىيىتىگە خىلاپ.

”ئى ئىنسانلار، سىلەرنى بىر ئىنسان (ئادەم ئەلەيھىسسالام)دىن ياراتقان، شۇ ئىنساندىن ئۇنىڭ جۈپتى (يەنى ھەۋۋا)نى ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار“ (سۈرە «نىسا»، 1-ئايەت).

بۇ ئايەتتىن ئىنسانلارنىڭ قانداق ئېرىق ۋە مىللەتكە تەۋە بولۇشى، مۇسۇلمان بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۆزئارا قېرىنداش ھەم ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

”بىز ھەقىقەتەن سەمۇد قەبىلىسىگە قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق“(سۈرە«نەمل»، 45-ئايەت).

بىز ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى تېخى ئىمان ئېيتمىغان سەمۇد قەبىلىسىنىڭ قېرىندىشى دەپ ئاتىغانلىقىدىن «ئىسلام دىنىمىزدا ئېتىقادى ئوخشاش بولمىغان ئەمما، بىر جايىدا ياشىغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىنسانىي قېرىنداشلىق بار» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

ئىمام تىرمىزى ئەبۇ ھۇرەيرەدىن نەقىل كەلتۈرگەن ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:

”مۇسۇلمانلارغا تىلى ۋە قولى بىلەن زىيان يەتكۈزمىگەن كىشى ھەقىقىي مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ“. باشقا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ قېنى ۋە بۇ ھەدىس بىزنى تىلىمىز ۋە قولىمىز ئارقىلىق باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىككە چاقىرغاندىن سىرت گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتىمىز، ئالىيجاناب خىسلىتىمىز ئارقىلىق تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ”مۇسۇلمانلار ياخشى ئادەملەر، ئۇلارنى بىزنى ناھەق ئۆلتۈرمەيدۇ، بىزنىڭ مال-مۈلكىمىزگە چېقىلمايدۇ“ دەپ، خاتىرجەم بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۈندەيدۇ.

ئاللاھ تائالا سۈرە «ئەنئام»نىڭ 108-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ”سىلەر مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئۇلار نادانلىقتىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ“.

بۇ ئايەتتىن ئىسلام دىنىمىزنىڭ، ئېتىقادى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ دىنىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە زىددىيەتلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.

ئىمام بۇخارىي ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن : ”سىلەر ئۆچەكەشمەڭلار، ئىچى يامانلىق قىلىشماڭلار، ماي تارتىشماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! قېرىنداشلىرىدەك بولۇڭلار، بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشى ھالال ئەمەس“.

بۇ ھەدىستىكى ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دېگەن خىتابتىن ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىنسانلارنى باراۋەر ئورۇنغا قويغانلىقىنى، شۇڭا ھەسەتخورلۇق، ئۆچ-ئاداۋەتتىن خالىي بولۇشنىڭ لازىملىقىنى بىلىۋالالايمىز.

ئاللاھ تائالا «فۇسسىلەت»سۈرىسىنىڭ 34-ئايىتىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:

”ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولالمايدۇ. ياخشى خىسلەت ئارقىلىق يامان خىسلەتكە تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ سەن بىلەن ئاداۋىتى بار ئادەممۇ بەئەينى سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ“.

بۇ ئايەتى كەرىم تەشەببۇس قىلىۋاتقان «يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش»تىن ئىبارەت پەزىلەتنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق نەرسىنىڭ باسالمايدىغانلىقى بىزنى قايىل قىلىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىگە ئەمەل قىلالىغان بولسا، دۇنيادا ھېچقانداق ئۇرۇش-جېدەل ۋە جىنايەت يۈز بەرمىگەن بولاتتى.

ئەجدادلىرىمىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ يۇقىرىقىدەك تىنچلىق تەشەببۇسلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئىسلامنىڭ، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، لەۋزىدە تۇرۇپ، سەمىمىي، راستچىل، سودىدا ئادىل بولۇپ، «يامانلىققا ياخشىلىق» قىلىپ، ۋەز-نەسىھەت ۋە ھېكمەت ئارقىلىق كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىپ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن.

قەدىمدە، بىر-بىرىنى ياۋۇزلارچە ئۆلتۈرىدىغان، ھەتتا قىز بوۋاقلىرىنى تىرىك كۆمۈۋېتىدىغان ياۋۇز كىشىلەرنى پەقەت «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىسلام دىنى بىر-بىرىگە ئاكا-ئۇكىدەك مېھرىبان ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ئۇلۇغ ساھابىلارغا ئايلاندۇرغان.

قېرىنداشلار! «قۇرئان كەرىم»ۋە ئىسلام دىنى باشتىن-ئاخىر تىنچلىقىنى، ئىناقلىقنى، مېھىر-مۇھەببەتنى ئالەمگە يايدى. ئەمما، يېقىنقى بىر مەزگىلىدىن بۇيان ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم يامان نىيەتلىك ئەسەبىي كىشىلەر «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىف مەزمۇنلىرىنى بۇرمىلاپ، ئۆزىنىڭ قارىشىنى ھەدەپ تەشەببۇس قىلىپ، ساددا كىشىلەرنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئامال بولمىغاندا، باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان «جىھاد» توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن جىھاد قىلىش، كىمنىڭ رەھبەرلىكىدە جىھاد قىلىش، كىمگە قارشى جىھاد قىلىش، نېمە مەقسەتتە جىھاد قىلىش، جىھاد قىلماقچى بولغان ئادەم قانداق شەرتنى ھازىرلاش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان ئەھكاملارغا رىئايە قىلماي، ئېتىقاد ۋە كۆز قاراشتا ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولمىغانلىكى كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى «جىھاد» ھېسابلاپ، ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تەرغىب قىلىپ، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىگە ئېغىر زىيان سېلىش بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىمىزنىڭ شان-شەرىپىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزدى. ھەتتا جەڭگاھتىمۇ چەكلىنىدىغان ئاياللارنى، بالىلارنى ۋە قېرىلارنى ئۆلتۈرۈش، كۆيدۈرۈش، ئۆزى بىلەن كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغانلارنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق قەبىھ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ھەممىمىزگە مەلۇم، 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى مارالبېشىنىڭ سېرىقبويى يېزىسىدا، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى پىچان ناھىيەسىدە ۋە 2014-يىلى 3-ئاينىڭ1-كۈنى كەچ يۈننەن كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدە 29 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، 130دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىدەك قەبىھ ۋەقەلەرنى پەيدا قىلدى. يەنە بەزىلىرى بولسا جەمئىيەتتە يەنە بەزلەر بولسا جەمئىيەتتە تۈرلۈك پىتنە-ئىغۋا تارتقاندىن باشقا، تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ «جىھاد قىلىش 6-پەرز، قالغان بەش پەرزنى بەجا كەلتۈرمەيمۇ جىھاد ئارقىلىق جەننەتكە كىرگىلى بولىدۇ، ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئىمام، خاتىپلارغا ئىقتىدا قىلغىلى بولمايدۇ. ھۆكۈمەت دېھقانلارغا بەرگەن تۈرلۈك تولۇقلىما پۇللارنى ئېلىش ھارام، تېلېۋىزور كۆرۈش شەيتاننىڭ قىلىقى، بالىلارنى پەننى مەكتەپكە بەرمەي دىنى ساۋاق ئالدۇرۇش كېرەك» دېگەندەك جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە يات بولغان ئىغۋالارنى تارقاتتى. جۈملىدىن، شەرت-شارائىت بىلەن ھېسابلاشماي «جىھاد»ۋە «ھىجرەت»قىلىشىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلدى.

ئوقۇمۇشلۇق قېرىنداشلار بىلىدۇكى، تارىختىكى «جىھاد» ياكى «ھىجرەت»بولسۇن ئۇ پەقەت ئامال بولمىغان شارائىتتا ھاياتىنى ۋە دىننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆلۈش ئەمەس بەلكى تېخىمۇ باياشات ياشاش، رەسۇلۇللاھنىڭ «ھىجرەت» ۋە «جىھاد»جەريانىدا قوللانغان تەدبىرلىرىدىن بۇ ھەقىقەتنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. دېھقانلارغا بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك تولۇقلىما پۇلى، دۆلەتنىڭ دېھقانلارنىڭ قەددىنى رۇسلاش، ئىقتىسادى يۈكىنى، يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلغان ياردىمى بولۇپ، بۇنىڭدا ھارام مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس؛ تېلېۋىزور كۆرۈش، پەن-مەدەنىيەت ئۆگىنىش ئەرەب دۆلەتلىرىدىمۇ ئومۇملاشقان بولغاچ بۇ ھەقتە كۆپ توختىلىش بىھاجەت.

ئىبنى ماجە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەربىر ئەر ۋە ئايال مۇسۇلمانغا پەرز» دېگەن. ئەگەر پەن–مەدەنىيەت ئۆگەنمەي دىن ئۆگىنىشلا كۇپايە بولىدىغان بولسا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكىلەر ئامېرىكىغا ئىلىم-تەھسىل قىلغىلى چىقمىغان بولاتتى. «قۇرئان كەرىم» ئوقۇشلا كۇپايە قىلىدىغان بولسا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەرەبلەر ئىنگلىز تىلىنى پۇختا ئۆگەنمىگەن بولاتتى.

قېرىنداشلار ئىسلام دىنىمىزغا بىر دۆۋە جەسەت ئەمەس بەلكى ئىجادچان، تىرىشچان، غايىلىك، ھايات مۇسۇلمان كېرەك. ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەلۋىلەرچە ھەرىكەت قىلىش غاپىللىق، ئەسەبىيلىك ۋە ئەخمىقانىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئىمام ئەبۇ داۋۇت جۇبەيرى ئىبنى مۇتئىمدىن نەقىل كەلتۈرگەن ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ”ئەسەبىيلىككە چاقىرغان ئادەم بىزدىن ئەمەس، ئەسەبىيلىك قىلىپ ئۇرۇش قىلغان ئادەم بىزدىن ئەمەس، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن ئۆلگەن ئادەم بىزدىن ئەمەس“.

جانابى رەسۇلۇللاھنىڭ ”ئەسەبىيلىك قىلىپ ئۇرۇش قىلغان ئادەم بىزدىن ئەمەس“ دېگەن سۆزى، ئەسەبىيلىكنىڭ تولىمۇ قەبىھ ھەرىكەت ۋە كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئىكەنلىكىنى، تەرەپبازلىق قىلىپ ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئەھكاملىرىدىن چەتلەپ ئۇرۇش قىلغان كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتىدىن ئەمەسلىكىنى، ئادەم ئۆلتۈرسىلا جىھاد قىلغانلىق بولۇۋەرمەيدىغانلىقىنى دەلىللىمەمدۇ؟ بەش پەرزنى تەرك ئەتكەن، شەرىئەتتىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش «جىھاد» ئارقىلىق جەننەتكە كىرەلىشى مۇمكىنمۇ؟

چوڭ گۇناھلارنى قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياخشى ياكى پاسىق بولسۇن ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش ۋاجىپ. ئۇنداقتا بەزى كىشىلەرنىڭ «ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئىمام-خاتىپلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس» دېگىنى پىتنە-پاسات بولماي نېمە؟... مۇئمىننىڭ مەجبۇرىيىتى— رەسۇلۇللاھنىڭ «چوڭ گۇناھلارنى قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياخشى ياكى پاسىق بولسۇن ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش ۋاجىپ » دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، جامائەتتىن ئايرىلماي بىر ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش .

ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئىمام-خاتىپلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس دېيىش پەقەت، غەرب دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ، ھالسىرىتىپ، تالان-تاراج قىلىش، تېررورلۇققا ئۈندەپ ئىسلام دىننى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ئىسلام دىنىمىزنى زەربىگە ئۇچرىتىپ، ئىسلام تەرەققىياتىنى توسۇپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەپسەتىسى. بىز بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۇيۇل تاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، بەزى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن ھەزەر ئەيلەپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئوبرازىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

روشەنكى، جەننەتكە ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق كىرگىلى بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا «پەتىھ»سۈرىسىنىڭ 17-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن:

”كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ“.

ئاللاھ تائالا يەنە سۈرە« نىسا» نىڭ 124-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ”ئەر-ئاياللاردىن مۇئمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلارغا قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ“

ئىمام ئەبۇ داۋۇد ھەمزە ئەسلەمىيدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ”ئوتنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقا كىشى ئوت بىلەن (باشقىلارنى) ئازابلاشقا بولمايدۇ“.

ئاللاھ تائالا سۈرە «بەقەرە»نىڭ 256-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ”دىندا زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئايرىلدى“.

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان ئەر-ئاياللاردىن مۇئمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى، ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىسلام ئەخلاقىغا زىت ئىكەنلىكىنى، دىنغا زورلاشنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ھەرقانداق ئادەم ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا سۈرە «مۇمتەھىنە»نىڭ 8-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ”سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان، سىلەرنى يۇرت-ماكانىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كاپىرلارغا كەلسەك، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشتىن توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ“.

بۇ ئايەت مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە ھۇجۇم قىلمىغان باشقا خەلقلەر بىلەن باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلغۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇسامەگە : ھەققانىي جىھادنىڭ پىرىنسىپى سۈپىتىدە مۇنداق دېگەن :

سىلەر بىر-بىرىڭلارغا قارا سانىماڭلار، ئولجىلارنى مېنىڭ قىلىۋالماڭلار، دۈشمەنلەرنىڭ يۈز قىسىمىنى زەخمىلەندۈرمەڭلار، بالىلارنى، قېرىلارنى ۋە ئاياللارنى ئۆلتۈرمەڭلار، خورما دەرىخىنى كەسمەڭلار ۋە كۆيدۈرمەڭلار، مېۋىلىك دەرەخنى كەسمەڭلار(ئۇرۇش رايونىدىكى) قوي، كالا، تۆگە قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. يېيىش ئۈچۈن ئۆلتۈرسەڭلار ئۇ باشقا گەپ. سىلەر يېقىندا ئىشتىن ئاجراپ، ئىبادەت قىلىۋاتقان راھىبلارنىڭ يېنىدىن ئۆتىسىلەر، ئۇلار بىلەن ئېيتىشماي، ئۇلارنى ئىبادەت قىلغىلى قويۇڭلار(رەۋائئۇل بايان 2-قىسىم ، 429-بەت).

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تىنچلىق مەزگىلىدىلا ئەمەس بەلكى ئۇرۇش مەزگىلىدىمۇ قىزىل كۆزلۈك قىلماسلىق ئەسەبىيلەرچە ھەرىكەت قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاقلىرىدىن بىرى.

ئاللاھ تائالا سۈرە «ئال ئىمران»نىڭ 110-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ”(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر“دېگەن. بىز بۇ ئايەتى كەرىمىگە ئەمەل قىلىپ، قولىمىزدىن كېلىشىچە ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىپ ، كىشىلەرنى يامانلىقتىن توسۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە يۇرت-ماكانىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىسلام دىنىمىزنىڭ تىنچلىق ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز لازىم.

ئاللاھ ھەممىزگە رەھمەت قىلسۇن. ئامىن!

يەنە >>سۈرەتلەر