باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

جەننەت يولىنىڭ ئاسانلىقى توغرىسىدا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-23   

ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى باشلايمەن)

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار!

ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى ھەر قايسى جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلەپ، ھەربىر شەخسنى جەمئىيەتكە ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇنى جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلايدىغان، خەلقلەر دوستلۇقىنى كۈچەيتىدىغان، ئىتتىپاقلىقنى قوللايدىغان، قېرىنداشلىقنى مۇستەھكەملەيدىغان، روھىي پاك، قەلبى پاك، ئەخلاقلىق، ئەدەپلىك بولۇشقا تەرغىب قىلىدىغان مۇقەددەس دىن. بۇ دىننىڭ تەشەببۇس ۋە تەلىماتلىرى بىلەن ماڭغان كىشى دۇنيادا بەختىيار بولۇپ ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

مۇئمىننىڭ ھاياتى شەيتان بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانى، ئاخىرقى نىشانى ئاللاھنىڭ ئازابى دوزاختىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى جەننەتكە نائىل بولۇش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: ”كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى يۈزە ھۇزۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس“(سۈرە«ئال ئىمران»، 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئەمما دۇنيادا بىر قىسىملار جەننەت ئىزدەيدۇ يۇ لېكىن جەننەتكە بارىدىغان يولنى تاپالماي تېڭىرقاپ، جاپا-مۇشەققەت چېكىپ يۈرۈشىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا جەننەتكە كىرەلەيمىز؟ جەننەت يولى نەدە؟ بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن جاۋاب تېپىلىدۇ. ”ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋە ئەدنى جەننەتلىرىدىكى ئېسىل تۇرالغۇلارنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھنىڭ رازىلىقى تېخىمۇ كاتتىدۇر، مانا بۇ چوڭ بەختتۇر“(سۈرە«تەۋبە» 72- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ شۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپىقىيەتتۇر“(سۈرە«نىسا»، 13-ئايەت).

دېمەك، جەننەت ئىمانلىق، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىدۇر. شۇنداق بولغاچقا بارلىق مۇئمىنلەر جەننەتكە نائىل بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بىراق تىرىشىشىمىز ئوخشىمايدۇ، جەننەتنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. مىليونېرلار قىلغان سەدىقىنى كەمبەغەللەرنىڭ قىلالىشى ناتايىن. ئەمما ئۇلار مىليونېرلار قىلىپ بولالمايدىغان يەنە نۇرغۇن ئىبادەتلەرنى قىلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنى ئىمانى ۋە ئىخلاسى بولۇشى مۇمكىن.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار — ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە تۇرىدۇ. بىز ھېچكىمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز“(سۈرە«ئەئراف»، 42-ئايەت).

بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى ئاللاھ بەندىلەرنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆز ئەمەللىرىمىز بىلەن پەخىرلىنىپ، باشقىلارنى پەس كۆرمەسلىكىمىز ياكى جەننەتنى يەتكىلى بولمايدىغان خىيالى نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز ئاسانلىقنى خالايدىغان، باشقىلارنى ھەرەجگە سېلىپ قويۇشنى خالىمايدىغان دىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى دەۋىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇ زاتى مۇبارەكنىڭ تاغدىن كەلگەن ئەرابىيغىمۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا بىر پۈتۈن ئىسلام دىنىنى ۋە جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئەمەللەرنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بايقايمىز. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”بىر ئەرەبى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ماڭا، ئەگەر مەن قىلسام، جەننەتكە كىرەلەيدىغان (مېنى دوزاختىن يىراقلاشتۇرۇپ، جەننەتكە كىرگۈزىدىغان) بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ قويسىلا دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي، پەقەت بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىل. پەرز نامازنى ئوقۇغىن. پەرز زاكاتنى بەرگىن. رامىزاندا روزا تۇتقىن دېدى. ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن زىيادىمۇ قىلمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قانداق بىر كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىگە قاراپ خۇرسەن بولماقچى بولسا، مۇشۇ كىشىگە قارىسۇن دېدى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

دېمەك بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىق ۋە شۇ ئىماننىڭ تەقەززاسى بويىچە قەلبنى خالىس تۇتۇپ، ئەمەللەرنى پەيغەمبەرنىڭ دېگىنىدە مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىش، ئۇنىڭدىن كەم ياكى زىيادە قىلماسلىق بىر پۈتۈن ئىسلام ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا ئۇ جەننەتنىڭ كاپالىتى ئەمەسمۇ؟

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نىجاتلىققا ئېرىشىپ جەننەتكە سازاۋەر بولىدىغان مۇئمىنلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يەتتى. ئۇ مۇئمىنلەر نامىزىدا ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز-ھەرىكەتتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر. ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر، ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر. ئۇلار پەقەت خوتۇنلىرى، چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلسا ھەرگىز مالامەت قىلىنمايدۇ. كىمكى باشقىلاردىن بۇنى(يەنى جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) ئىزدەيدىكەن، ئەنە شۇلار چەكتىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئۇ مۇئمىنلەر ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار نامازلىرىغا تولۇق ئەھمىيەت بەرگۈچىلەردۇر. ئەنە شۇ سۈپەتكە ئىگە مۇئمىنلەر ۋارىسلاردۇر. ئۇلار فىردەۋس جەننىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، شۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ“(سۈرە«مۇئمىنۇن»، 1-12-ئايەت).

بارلىق مۇسۇلمانلارغا خۇش مۇبارەك بولسۇنكى، يۇقىرىقى ئايەت كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن كىشىلەر ئاللاھنىڭ جەننىتىگە نائىل بولغۇسى. ئاللاھ قەلبىدە زەررىچە ئىمان بولغان كىشىلەرنى جەننەتكە كىرىشكە نېسىپ قىلسۇن. غەم-قايغۇ ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا چېچىلىپ يۈرگەن مۇسۇلمانلارنى ئاخىرەتتە جەننەتتە خاتىرجەم قىلسۇن.

بىزلەرنى ھەم شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن، ئامىن!

يەنە >>سۈرەتلەر