ئەرەب ئەللىرىدە مەشھۇر خەتتاتلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مەيلى تارىختا ياكى ھازىر بولسۇن ئۆزگىچە تالانتلىق مۇنەۋۋەر خەتتاتلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان.
يۈسۈف ئەھمەد ئۇ مىسىر پادىشاھى فەرۇقنىڭ خەتتاتلىق مەكتىپى ۋە ئەينى چاغدىكى مىسىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇفى خەت نۇسخىسى پىروفېسسورى، شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالاپ بېكىتىش باش نازارەتچىسى بولغان. ئۇنىڭ كۇفى خەت ئەسەرلىرىنىڭ شەكلى چىرايلىق، قەلىمىدىن ھەرپلەرنىڭ توق ۋە تولۇق گۈزەللىكى چىقىپ تۇرىدۇ، خەتلەر سوزۇنچاق، پاراللېل، ئىستېرېئولۇق كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەرپلەر توم، ئويناق، جۇشقۇن، مەردانە ۋە نەپىس. ئۇ يازغان كۇفى خەت نۇسخىسىدىكى ھۆسنخەتلەر كۇفى خەت نۇسخىسىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئابدۇللا ئۇ 1917-يىلى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ يۈسۈف ئەھمەدنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر خەتتات، بولۇپمۇ كۇفى خەت نۇسخىسىدا ئالاھىدە نەتىجە قازانغان. ئۇ يازغان فاتىمىيە كۇفى خەت نۇسخىسى كۇفى خەت نۇسخىسىنى ئۆگىنىدىغانلارنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە ئەرەب ئەللىرىگە تارالغان. ئابدۇلقادىرنىڭ ئەسەرلىرى ئىجادىيلىققا باي، ھەرپلەر تەكشى ماسلاشقان، ناھايىتى سەلتەنەتلىك، نەپىس ۋە گۈزەل كۆرۈنىدۇ.
ھاشىم مۇھەممەد باغدادى(1921−1973) ئۇ ئىراقلىق، باغداد سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 1988-يىلى ئىراق ئەرەب گۈللىنىش كۇتۇپخانىسى ئۇنىڭ «ئەرەب خەتتاتلىقىدىن ئاساس» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان، بۇ كىتاب كېيىن ئەرەب سەنئەت ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مۇھىم دەرسلىك كىتابىغا ئايلانغان.
ئۇ سۇلۇس خەت نۇسخىسىنى تەتقىق قىلىشتا ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان، يازغان ھۆسنخەت ئەسەرلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارالغان. ئۇنىڭ قەلىمى تەكشى ھەم رەتلىك، خەتلىرىنىڭ شەكلى ماس ھەم مۇكەممەل، سىزىقلىرى تەكشى، ھەرپ ئۇستىخانلىرى تولۇق، قۇرۇلمىسى گۈزەل ھەم تەبىئىي، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۆلچەملىك ھەم قائىدىلىك، ماھارىتى ۋايىغا يەتكەن.
ھاجى مۇھەممەد بەيزاۋى دىلانى(1894−1967) سۈرىيەلىك بۇ خەتتات پارس خەت نۇسخىسىدىكى ھۆسنخەت سەنئىتىگە پىششىق بولۇپ، داڭلىق خەتتات ھاشىم باغدادى مۇنداق دېگەن: “بەيزاۋى خەتتاتلىقتا كامالەتكە يەتكەن، خەتلەرنى ناھايىتى ماھارەتلىك ۋە ئەركىن يازىدۇ، ئۇنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتى شاملىقلار (سۈرىيەلىكلەر)نىڭ قەلبىگە كەشتىلەنگەن، ئۇ ئىرانلىقلارنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى گۈزەل ھۆسنخەتلەرنى يازدى.”
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)