باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

ھازىر باشقا دۆلەتلەردە يەنە قانداق مەشھۇر خەتتاتلار بار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-04   

ئىسلام دىنىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى بىلەن ئەرەب خەتتاتلىقىمۇ ھەممە جايغا تارالدى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نۇرغۇن تالانتلىق خەتتاتلار بارلىققا كەلدى. ئۇلار ئىسلام مەدەنىيەت-سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىزدىنىپ، چىرايلىق، نەپىس، تەبىئىي ۋە گۈزەل ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى يېزىپ، دۇنيا خەلقىگە ئۆچمەس مىراسلارنى قالدۇردى. ئۇلارنىڭ سەنئەتنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئىنتىلىدىغان يۈكسەك پەزىلىتى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كېيىنكىلەرگە ئىلھام بولدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

دۇنيادا ئەرەبچە ھۆسنخەت يازىدىغان مەشھۇر خەتتاتلار ناھايىتى كۆپ، تۈرى ھەر خىل، رەڭدار، بەدىئىيلىكى كۈچلۈك، قەلىمى ئېنىق، خەتلىرى رەتلىك، ئىجادىيلىقى ئۆزگىچە ھەم يېڭى بولغان ھۆسنخەت ئەسەرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. بىز بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرگە پەقەت بىر-ئىككىسىنىلا مىسال كەلتۈرىمىز:

تيەن جياپېي(1870−1944) ئۇ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭخەي ناھىيەسى شياخۇي كەنتىدىن؛ ئەرەب، پارس تىللىرىدا كامالەتكە يەتكەن   مەشھۇر ئاخۇن ھەم خەتتات؛ ئىككى قېتىم مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلغان؛ كۇنمىڭ، شاديەن، گۇاڭجۇنىڭ نەنشېڭلى قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەردە 40 يىل ئىمام بولغان؛ 1895-يىلىدىن باشلاپ 30 پارە قۇرئاننى كۆڭۈل قويۇپ كۆچۈرۈپ، كېيىن ئۇنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى بېسىپ چىققان، بۇ جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ياغاچ ئويما قۇرئاندۇر. ئاي-يىللاپ جاپالىق ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ مەيدىسىگە ئىز چىقىپ قالغان. ئۇ قۇرئاننى ھەر بىر نۇسخا كۆچۈرگەندە ”ئالدى ئۈچ قۇر، كەينى بەش قۇر“لۇق جۇڭگوچە قول يازما ئۇسلۇبىنى قوللانغان، خەتلىرى چىرايلىق بولۇپ، تىپىك جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى ئەرەبچە خەتتاتلىق ئەسىرىدۇر.

كۇۋەيتلىك فەرىد ئابدۇرەھىم ئەلى، ئىرانلىق جالال رەسۇل، پاكىستانلىق راشىد پەتتا، ئامېرىكىلىق مۇھەممەد زەكەرىيا، فىرانسىيەلىك سالىھ مۇساۋى، ئەنگلىيەلىك ئەھمەد مۇستاپا، ياپونىيەلىك فۇئاد كوئىچى خوندا قاتارلىقلار زامانىمىزدا ئەرەبچە ھۆسنخەت يازىدىغان مەشھۇر خەتتاتلاردۇر. ئىسلام مەدەنىيەت-سەنئىتى ساھەسىدىكى بۇ ئاكتىپلار ھۆسنخەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، دۇنيا مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشماقتا. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى، بوشاشماي تىرىشىش روھى بىلەن خەتتاتلىق ماھارىتىنى كامالەتكە يەتكۈزمەكتە. بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ ھەشەمەتلىك كۆرگەزمە زالى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا كۆرگەزمىخانىسى، كۇۋەيتنىڭ چوڭ مەسچىتلىرى، شارجا خەلقئارا مەدەنىيەت مەركىزى دېگەندەك ئورۇنلاردا ئۇلارنىڭ ئاياغ ئىزى ۋە سىياھ ئىزى قالدى، ئۇلار ئىسلام مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ سەرخىل تالانت ئىگىلىرى، شۇنداقلا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەردۇر.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر