باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى ئەرەب خەتتاتلىقى دېگەن نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-04   

ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوغا كىرگىنىگە مىڭ يىلدىن ئاشتى، تىرىشچان، شىجائەتلىك، تەقۋادار، ئەقىللىق جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمگەك ھاياتىدا ماددىي بايلىق يارىتىپلا قالماستىن، مەنىۋى ئوزۇقىنىمۇ بېيىتىپ، مۇنەۋۋەر ئىسلام مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى بېيىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرەب خەتتاتلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ،  مىللەتنىڭ روھى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپلا قالماستىن، خەتتاتلارنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلدى.

ئىسلام دىنى جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئەرەب خەتتاتلىقى ئىجادىيىتىدە جۇڭگوچە خەتتاتلىقنىڭ بەزى ماھارەتلىرى ۋە شەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزگىچە خەتتاتلىق سەنئىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، بىز بۇنى ”جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى ئەرەبچە خەتتاتلىقى“ دەپ ئاتايمىز (قىسقارتىلىپ ”جۇڭگوچە خەت شەكلى“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بەزىلەر ”كونا خەت شەكلى“ دەپمۇ ئاتايدۇ).

  (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر