باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > بىلىم گۈلزارى

ھىجرىيە يىلنامىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

شەمشىدىن ھاجى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن ، بولۇپمۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، سۇلالە تەۋەلىكىنى ئىسلاملاشتۇرۇپ ۋە كېيىنچە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھىجرىيە يىلنامىسى پۈتۈن سىستېمىسى بويىچە ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ئارىسىغا يىلنامە سۈپىتىدە تارقالدى ۋە ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى يىلنامىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دىنىي ئىشلار ھەم دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا تۇرمۇش ساھەلىرىدىمۇ بۇ يىلنامە قوللىنىلىدىغان بولدى، ئۇيغۇرلاردىن چىققان نۇرغۇن ئالىملار-تارىخچىلار، تىلچىلار، ئەدىبلەر، پەيلاسوپلار، تېۋىپلار، نەغمە-سەنئەتچىلەرمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋاقىتنى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچىلا بايان قىلدى، نۇرغۇن تارىخىي ۋەسىقىلىرىمىز شۇ يىلنامە بويىچە ساقلىنىپ قالدى، پەقەت يېقىنقى زامانغا كەلگەندىلا، مىلادىيە يىلنامىسى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىدى، ئەمما دىنىي ساھەدە، بولۇپمۇ ھېيت-ئايەملەرنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشتا، يەنىلا ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلماقتا، خەلقئارادا بولسا، ئىسلام-ئەرەب ئەللىرى، بولۇپمۇ ئەرەب ئەللىرى دىنىي ساھەدىلا ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ كۆپىنچە ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللانماقتا. بۇ يىلنامە 10-ئەسىردە شىنجاڭ رايونىغا كىرىپ، 13-ئەسر(مىلادى1267-يىلى)گە كەلگەندە، ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارقالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە. شۇڭا، بۇ ماقالىمىزدا ھىجرىيە يىلنامىسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەرمەكچىمىز.

1.ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ بېكىتىلىشى

ھىجرىيە يىلنامىسى ئىسلام يىلنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،ظذ، يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان ۋە ھىجرەت(كۆچۈش) يىلىنى باش يىل قىلغان بىر خىل قەمەرىيە يىلنامىسى بولۇپ، ئەسلىدە ئەرەبلەرنىڭ قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ئىسلام دىنى ئارقىلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا(بولۇپمۇ دىنىي ساھەدە) ئومۇملاشقان بىر خىل يىلنامىدۇر.

ھىجرىيە يىلنامىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى ئەرەبىستاندا دەۋەت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا قوللىنىلغان ئەمەس، ئىسلام دىنى دەۋەت قىلىنىپ 30 يىلدەك ۋاقىتقىچە (610-يىلدىن 639-يىلغىچە) يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلنامىسى قوللىنىپ كېلىنگەنىدى .

ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا روناق تېپىشتىن ئىلگىرى، ئەرەبلەرنىڭ ئىككى خىل يىلنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان، ۋاقىتنى كۈن(قۇياش)نىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان شەمسىيە* يىلنامىسى، يەنە بىرسى، دىنىي پائالىيەتلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلىكلەر ۋاقتىنى ھېسابلاشتا قوللىنىدىغان، ۋاقىتنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە* يىلنامىسى ئىدى.

ئەرەبىستاندا ئىسلام دىنى روناق تېپىپ، ئىسلام ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملىنىپ ۋە بىرمۇنچە چەتئەللەرگىچە كېڭىيىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىگە كەلگەندە، دۇنيادا شۇنچە زور نوپۇزغا ئىگە بولغان، يالغۇز ئەرەبىستان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان ئىسلام دىنىنىڭمۇ ئىسلام دىنى ۋەقەلىكلىرىنى ھېسابلايدىغان، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئورتاق قوللىنىدىغان مەخسۇس يىلنامىسى بولۇشى لازىملىقى ھېس قىلىنغان ۋە رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ مەسىلە مۇھاكىمىگە قويۇلغاندا، شۇنداق بىر يىلنامىنىڭ بولۇشىنى ھەممەيلەن ماقۇللىغان، ئەمما قايسى ۋاقتىنى يىل بېشى قىلىش مەسىلىسىدە تۈرلۈك لايىھىلەر چۈشكەن: بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى(مىلادى570-يىلى يەنى پىل يىلىنى) ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىشنى، چۈنكى ئاللاھ تائالا شۇ يىلى خاتىمۇل ئەنبىيا(پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى يەنى ئاخىرقىسى)مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ بەزىلەر ئاللاھ تائالادىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھىي كەلگەن يىلنى(يەنى مىلادى 610-يىلنى) ئىسلام دىنىنىڭ باش يىلى قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا شۇ يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا ئاخىرقى پەيغەمبەر قىلىپ تاللاپ، ئىسلام دىنىنى روناق تاپقۇزغان، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان؛ يەنە بىرمۇنچىلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلىپ(كۆچۈپ) كېلىشى ئىسلام دىنى تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ ۋەقە، شۇنىڭدىن كېيىنلا ئىسلام دىنى، مۇسۇلمانلار ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رىيازەت چېكىش دەۋرىدىن روناق تېپىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، شۇڭا مۇشۇ ھىجرەت بولغان يىلنى(يەنى مىلادى622-يىلنى) ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل پىكىرنىڭ ئۈچىسىلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىدى. ئاخىرى ئۈچىنچى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(مىلادى 634-يىلدىن 644-يىلغىچە خەلىپە بولغان) مىلادى 639-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل پىكىرنىڭ ئۈچىنچىسىنى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمەدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلغان مىلادى 622-يىلنى ئىسلام دىنى يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىشنى ماقۇللىغان ۋە بۇ يىلنامىنىڭ نامىنى ”ھىجرىيە“دەپ ئاتاشنى بەلگىلىگەن. ئەسلىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمەدىن ھىجرەت قىلىپ، مىلادى 622-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە يېتىپ كەلگەنىدى. ئەمما ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە ھېسابلاشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بۇ ۋاقىتنى ئىككى ئايدىن ئارتۇقراق ئالدىغا سۈرۈپ، ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قەمەرىيە يىلىنىڭ يېڭى يىل بېشىنى يەنى مىلادىيە بويىچە 622-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنىنى ھىجرىيە باش يىلىنىڭ يىل بېشى(يېڭى يىل بايرىمى كۈنى) قىلىپ بېكىتكەن. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ، ھازىرغا قەدەر بۇ يىلنامە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا بۇ يىل مىلادىيە بويىچە 1384يىل ، ھىجرىيە بويىچە 1427 يىل بولدى(بۇ يىل يەنى مىلادىيە 2006-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ 1427-يىلى باشلاندى). لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ يىل ھىجرىيىنىڭ 1427-يىلى دېگەنلىك ھەرگىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلغىنىغا 1427 يىل بولدى، دېگەنلىك ئەمەس، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنى دەۋىتى ئۇنىڭدىن مىلادىيە بويىچە 12 يىل ئىلگىرى، ھىجرىيە بويىچە 13 يىل ئىلگىرى (ئادەتتە شۇنداق دېيىلىدۇ ) يەنى مىلادىيە 610-يىلى 9-ئايدا ھىرا غارىدا ئاللاھ تائالادىن ۋەھىي چۈشكەندىن كېيىنلا باشلانغان. شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا باشلىغىنىغا بۇ يىل(يەنى 2006-يىلى) مىلادىيە بويىچە 1396يىل، ھىجرىيە بويىچە 1440يىل بولدى، دەيمىز.

2.ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ ئايلىرى

ھىجرىيە يىلنامىسىدىمۇ مىلادىيە يىلنامىسى، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قەمەرىيە يىلنامىسى(دېھقانلار كالېندارى)قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىر يىل 12ئايغا بۆلۈنىدۇ، ئەمما باشقا يىلنامىلاردىكىدەك مۇقىم پەسىللەرگە بۆلۈنمەيدۇ. ھىجرىيە يىلنامىسىدىكى ئايلارنىڭ نامى تۆۋەندىكىچە:

1-ئاي مۇھەررەم

2-ئاي سەفەر

3-ئاي رەبىئۇل ئەۋۋەل

4-ئاي رەبىئۇل ئاخىر

5-ئاي جەمادىئۇل ئەۋۋەل

6-ئاي جەمادىئۇل ئاخىر

7-ئاي رەجەب

8-ئاي شەئبان

9-ئاي رەمازان

10-ئاي شەۋۋال

11-ئاي زۇلقەئدە

12-ئاي زۇلھەججە

ئۇيغۇرلار بۇ ئايلارنىڭ ئەرەبچە ئاتىلىشىنى قوللىنىشتىن سىرت، ئەمەلىي ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ئايلارنى باشقا ناملار بىلەنمۇ ئاتاپ كەلگەن، مەسىلەن، 8-ئاي شەئباننى ”بارات ئاي“ دەپمۇ ئاتايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بۇ ئاينىڭ 15-كېچىسى بارات كېچىسى ھېسابلىنىدۇ. ”بارات“ دېگەن سۆز كەچۈرۈم قىلىش مەنىسىدە بولۇپ، ئىسلام تەلىماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كېچىسى ئاللاھ تائالا مەغپىرەت، رەھمەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ، تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، شۇڭا، مۇسۇلمانلار بۇ كېچىنى ”گۇناھ مەغپىرەت قىلىنىش كېچىسى“ دەپ قاراپ، بۇ كېچىدە كۆپىنچە تائەت-ئىبادەت، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، ناماز ئوقۇپ، سەدىقە ئاتاپ، روزا تۇتۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى ۋە كەچۈرۈم قىلىشىنى تىلەيدۇ، شۇڭا ”بارات ئاي“ دەپ ئۇلۇغلايدۇ ؛ يەنە مەسىلەن، ھىجرىيە 9-ئاي-”رامىزان“ روزا تۇتىدىغان ئاي بولغاچقا، بۇ ئاينى ”روزا ئاي“ دەپ ئاتايدۇ؛ ھىجرىيە 10-ئاي-”شەۋۋال“دا روزا ھېيت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئاينى ”ھېيت ئاي“دەپ ئاتايدۇ؛ ھىجرىيە 11-ئاي-”زۇلقەئدە“ دەل روزا ھېيت كېلىدىغان شەئبان بىلەن قۇربان ھېيت كېلىدىغان 12-ئاي ”زۇلھەججە“ ئايلىرى ئارىلىقىدا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئاينى ”ئارا ئاي “دەپ ئاتايدۇ، ۋەھاكازالار.

ھىجرىيە يىلنامىسىدا ئادەتتە ئايلار چوڭ ئاي ۋە كىچىك ئاي دەپ ئايرىلىدۇ، بىر يىللىق 12ئاي ئىچىدە تاق ئايلار يەنى 1-، 3-، 5-، 7-، 9-، 11-ئايلار چوڭ ئاي ھېسابلىنىپ، ھەربىر ئاي 30كۈن بولىدۇ؛ جۈپ ئايلار يەنى2-، 4-، 6-، 8-، 10-، 12-ئايلار كىچىك ئاي ھېسابلىنىپ، ھەربىر ئاي 29 كۈن بولىدۇ.

ئەمما بۇ ئايلار ئىچىدە، 9-ئاي ”رامىزان روزا“ تۇتىدىغان ئاي بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ:”سىلەر رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن روزا تۇتماڭلار، سىلەر ئاي كۆرۈپ روزىنى باشلاڭلار، ئاي كۆرۈپ روزىنى تاماملاڭلار، ئەگەر ئاينى بۇلۇت توسۇۋالغان بولسا، شەئبان ئېيىنى 30 كۈن توشقۇزۇڭلار“دېگەن ھەدىسى بويىچە، 8-ئاي شەئبان(29 كۈنلۈك كىچىك ئاي)نىڭ 29-كۈنى كەچتە ئايغا قاراش كېرەك، ئەگەر ھىلال ئاي(يېڭى ئاي)كۆرۈنسە، شەئبان ئېيى ئاخىرلىشىپ، روزا ئاي(9-ئاي) باشلانغان بولىدۇ-دة، ئەتىسى سەھەردە روزىغا كىرىش كېرەك، بۇ چاغدا 8-ئاي ئەسلىدىكىسى بويىچە كىچىك ئاي بولىدۇ؛ ناۋادا ھىلال ئاي كۆرۈنمىسە، ئىككىنچى كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ 3-كۈنى سەھەردە روزىغا كىرىش كېرەك، بۇ كۈن 9-ئاينىڭ(روزا ئاينىڭ) بىرىنچى كۈنى بولىدۇ، بۇ ھالدا 8-ئاي 30 كۈنلۈك چوڭ ئاي ھېسابلىنىدۇ؛ روزا تۇتۇپ رامىزاننىڭ يەنى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە يەنە ئايغا قاراش كېرەك، ئەگەر ھىلال ئاي كۆرۈنسە، رامىزان(9-ئاي) ئاخىرلىشىپ، شەۋۋال(10-ئاي) باشلانغان بولىدۇ-دة، ئەتىسى روزا ھېيت كۈنى بولىدۇ، بۇ ھالدا 9-ئاي كىچىك ئاي ھېسابلىنىدۇ؛ ناۋادا ھىلال ئاي كۆرۈنمىسە، روزىنى يەنە بىر كۈن ئۇزارتىش كېرەك، بۇ چاغدا 9-ئاي يەنىلا چوڭ ئاي ھېسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىش كېرەككى، ھىلال ئاي كۆرۈنمەي قالغاندا، روزىنى پەقەت بىر كۈنلا ئۇزارتىپ(ئۇ ئاخشىمىمۇ ھىلال ئاي كۆرۈنمىگەن تەقدىردىمۇ) ئەتىسى روزا ھېيت قىلىش كېرەك، چۈنكى ئىككىنچى كۈنى يەنە ھىلال ئايغا قاراش ھاجەت ئەمەس، ئەگەر ھىلال ئاي يەنە كۆرۈنمىدى، دەپ روزا تۇتۇلسا دۇرۇس بولمايدۇ؛ چۈنكى بۇ كۈن روزا ھېيتقا تەۋە بولۇپ، بەلگىلىمىدە ھېيت كۈنى روزا تۇتۇش ھارام(مەنئى) قىلىنغان.

ھازىرقى ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ، ئاي-كۈنلەرنىڭ ۋاقىتلىرى ئېنىق ھېسابلىنىپ چىقىلغان ھەتتا ئىسلام ئەللىرىنىڭ دۆلەت رەسەتخانىلىرىمۇ ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆزىتىپ، رامىزاننىڭ كىرىش ۋاقتى ۋە روزا ھېيت ۋاقتىنى ئېنىق ھېسابلاپ چىقىپ، خەلقئاراغا جاكارلايدىغان ۋە كۆپ ئەللەر شۇ بويىچە ئىجرا قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن مۇسۇلمانلار يەنىلا ئايغا قاراپ بېكىتىشنى ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ھازىر مىلادىيە بويىچە ھېسابلىغاندا، بىرمۇنچە ئەرەب ئەللىرى ھېيت نامىزىنى بىزدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۆتەيدۇ، بۇ ھەرگىز ئۇلاردا ياكى بىزدە ۋاقىت ھېسابلاش جەھەتتە سەۋەنلىك كۆرۈلگەنلىكىدىن بولغان ئەھۋال ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەر ئارا ۋاقىت پەرقى بولغانلىقىدىن، شۇنداقلا ھىجرىيە يىلنامىسىدا قۇياشنىڭ(كۈننىڭ)ئولتۇرۇشى ئىككىنچى بىر كۈننىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىدىن بولغان.

ئەمەلىيەتتە ھىجرىيە يىلنامىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسىگە ئىسلام ئەللىرى ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەرقايسى ئەللەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ قەدىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم مەسىلە دەپ قاراپ، 1978-يىلى بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ھىجرىيە يىلنامىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ھىجرىيە ئايلىرىنىڭ 1-كۈنىنى قانداق بەلگىلەش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغانىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن قېتىم يىغىنلار ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ مەسىلە مۇھاكىمە قىلىندى، بولۇپمۇ 1985-يىل 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن26-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك ”ھىجرىيە يىلنامىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يىغىنى“دا، ھەرقايسى ئەللەر ۋەكىللىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇ يىلنامىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى، يىلنامىنى ھېسابلاش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن كالېندار تۈزۈپ چىقتى. ھازىر دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئايغا قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسەن مۇشۇ بىرلىككە كېلىنگەن كالېندار بويىچە ئىش كۆرمەكتە. مەملىكىتىمىزدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىلغان «ئۈچ خىل يىلنامىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى»دە كۆرسىتىلگەن ھېيت-ئايەملەر ۋاقتى دەل ئىسلام ئەللىرى بىرلىككە كەلتۈرگەن كالېندار بويىچە ئىشلەنگەن.

3.ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ ھېسابلىنىشى

بىزگە مەلۇم، مىلادىيە يىلنامىسى ۋاقىتنى كۈن يەنى قۇياشنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان شەمسىيە يىلنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر يىل 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت بولىدۇ، ئادەتتە بىر يىل 365 كۈن ھېسابلىنىپ، ھەر يىلدىن ئاشقان ۋاقىت يىغىلىپ 4يىلدا بىر كەبىسە كۈنى چىقىدۇ-دة، بۇ بىر كۈن 4-يىلدىكى 2-ئايغا قوشۇلۇپ، بۇ يىل ”كەبىسە يىلى“ دەپ ئاتىلىش بىلەن 366كۈن بولىدۇ. ھىجرىيە يىلنامىسى بولسا، ۋاقىتنى نوقۇل ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە(ئايلىق) يىلنامە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاينىڭ يەر شارىنى بىر نۆۋەت ئايلىنىشى ئۈچۈن 29 كۈندىن ئارتۇقراق ۋاقىت كېتىدىغانلىقى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئاينىڭ بىر نۆۋەت تولۇن-كەمتۈك بولۇش دەۋرلىكى بىر ئاي ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ۋاقتى 29 كۈن 12سائەت 44مىنۇت 2.8 سېكۇنت بولىدۇ، ئاينىڭ تولۇن-كەمتۈكلۈكىنىڭ 12دەۋرى بىر يىل ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى 354 كۈن 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت بولىدۇ. ھەربىر ئاي شۇ ئاينىڭ 1-كۈنى چىققان ھىلال ئاي بىلەن باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، تاق ئايلار چوڭ ئاي(30كۈنلۈك)، جۈپ ئايلار كىچىك ئاي(29كۈنلۈك) بولۇپ، بىر يىل 354 كۈن بولىدۇ، ھەر يىلى ئاشقان 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت يىغىلىپ 3 يىل ئەتراپىدا بىر كۈن ئارتۇق چىقىدۇ، بۇ بىر كۈن 3-يىلىنىڭ 12-ئېيىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ(يەنى 12-ئاي چوڭ ئايغا ئايلاندۇرۇلۇپ)كەبىسە يىلى قىلىنىش بىلەن، بۇ يىلنىڭ ۋاقتى ئادەتتىكى يىلدىكىدىن بىر كۈن ئارتۇق يەنى 355كۈن بولىدۇ.

ھىجرىيە يىلنامىسىدا 30يىل بىر دەۋر قىلىنىپ، ھەربىر دەۋرنىڭ(30 يىلنىڭ) 1-، 3-، 4-، 6-، 8-، 9-، 11-، 12-، 14-، 15-، 17-، 19-، 20-، 22-، 23-، 25-، 27-، 28-، 30-يىللىرىدىن ئىبارەت 19 يىل ئادەتتىكى يىللار بولۇپ 354كۈندىن بولىدۇ، قالغان 11 يىل يەنى 2-، 5-، 7-، 10-، 13-، 16-، 18-، 21-، 24-، 26-، 29-يىللار كەبىسە يىللار بولۇپ، 355 كۈندىن بولىدۇ. بۇ خىل ئادەتتىكى يىل ۋە كەبىسە يىللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇقىم يەنى 30يىلدا 11كەبىسە يىل، 120يىلدا 44كەبىسە يىل بولۇپ، ھەر 210يىلدا مۇشۇنداق تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ھىجرىيە يىلنامىسىدا يىل، ئاي، كۈنلەر ئايغا قاراپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، مىلادىيە يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر يىلى 10كۈن 21سائەت 1مىنۇت، 2.7 يىلدا بىر ئاي، 32.6 يىلدا بىر يىل پەرقلىق بولىدۇ (ئادەتتە، مىلادىيە يىلنامىسىغا سېلىشتۇرغاندا ھەر يىلى 10كۈن، ئۈچ يىلدا بىر ئاي، 32يىلدا بىر يىل پەرق بولىدۇ) دەۋاتقىنىمىز مۇشۇ ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ھېيت-ئايەملىرىمىزنىڭ مىلادىيە يىلنامىسىدىكى بۇ يىلقى ۋاقىتنىڭ ئۆتكەن يىل ۋە كېلەر يىلدىكىگە ئوخشىماي قېلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ يەردە. شۇڭا، مىلادىيە يىلنامىسىدا 32 يىل دەل ھىجرىيە يىلنامىسىدا 33 يىل بولۇپ، مىلادىيەدىن بىر يىل ئارتۇق چىقىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا مىلادىيە يىلنامىسىدا ئومۇمەن ھەر يىلى مۇقىم بولغان پەسىل ۋە ئايلار ھىجرىيە يىلنامىسىدا بولسا مۇقىم بولمايدۇ،تەخمىنەن ھەر 32.6 يىلدا بىر قېتىم دەۋر قىلىپ ئالمىشىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، دەسلەپكى 30 يىلنى ئالساق، ھىجرىيە 1-يىلىدىكى 1-ئاي، 622-يىل7-ئايغا توغرا كېلىپ، ياز پەسلى ئىدى؛ ھىجرىيە 10-يىلىدىكى 1-ئاي بولسا، مىلادىيە 631-يىل 4-ئاي بولۇپ، باھار پەسلىگە توغرا كەلدى؛ ھىجرىيە 20-يىلىدىكى 1-ئاي مىلادىيە 640-يىلى 12-ئايغا توغرا كېلىپ،قىش پەسلى ئىدى؛ ھىجرىيە 30-يىلدىكى 1-ئاي بولسا، مىلادىيەدە 650-يىلى 9-ئاي بولۇپ، كۈز پەسلىگە توغرا كەلدى.

يېقىنقى 30يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ئالىدىغان بولساق، ھىجرىيە 1394-يىلدىكى يېڭى يىل (1-ئاي)مىلادىيە 1974-يىل 1-ئايدا بولۇپ، قىش پەسلىدە كەلگەنىدى؛ ھىجرىيە 1404-يىلىدىكى يېڭى يىل(1-ئاي) بولسا، مىلادىيەدە 1983-يىل 10-ئايدا كېلىپ، كۈز پەسلىگە توغرا كەلدى؛ ھىجرىيە 1414-يىلىدىكى يېڭى يىل(1-ئاي)مىلادىيەدە 1992-يىل 7-ئايدا بولۇپ، ياز پەسلىدە كەلگەنىدى؛ ھىجرىيە 1420-يىلدىكى يېڭى يىل(1-ئاي) بولسا، مىلادىيە 1999-يىل 4-ئايدا كېلىپ، باھار پەسلىگە توغرا كەلدى.

ھىجرىيە يىلى مىلادىيە يىلىدىن ھەر يىلى 10 كۈندىن ئارتۇقراق كەم بولغاچقا، ھىجرىيە بويىچە كېلىدىغان ئىسلام دىنىنىڭ ھېيت-ئايەم ۋە رامىزان ئېيى ھەر خىل پەسىللەردە كېلىشتىن سىرت، ھەتتا مىلادىيەنىڭ بىر يىلىدا قوشلاپ كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇ ھالمۇ مىلادىيە بويىچە تەخمىنەن 32 يىلدا بىر قېتىم تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ ۋە 1-ھېيت-ئايەم مىلادىيەنىڭ يىل بېشىغا توغرا كېلىپ قالغان ئەھۋالدا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، ھىجرىيىنىڭ 1396-يىللىق يېڭى يىل بايرىمىنى ئالساق، يېڭى يىل بايرىمى مىلادىيە 1976-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بولغانىدى، ھىجرىيە 1397-يىللىق يېڭى يىل بايرىمىمۇ مىلادىيەنىڭ شۇ يىلىدا، يەنى 1976-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى بولدى؛ ھىجرىيىنىڭ 1429-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مىلادىيە 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بولىدۇ، ھىجرىيە 1430-يىللىق يېڭى يىل بايرىمىمۇ مىلادىيەنىڭ شۇ يىلىدا، يەنى 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كېلىدۇ؛ ھىجرىيىنىڭ 1463-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى 2041-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى كېلىدۇ، ھىجرىيە 1464-يىللىق يېڭى يىل بايرىمىمۇ مىلادىيەنىڭ شۇ يىلى يەنى 2041-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى كېلىدۇ.

رامىزان ئېيى، روزا ھېيت بايرىمىمۇ شۇ قانۇنىيەت بويىچە ماڭىدۇ. مەسىلەن، ھىجرىيىنىڭ 1384-يىللىق رامىزان ئېيى(روزا تۇتۇش) مىلادىيە 1965-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلانغانىدى، 1385-يىللىق رامىزان ئېيى(روزا تۇتۇش)مۇ مۇشۇ يىلى يەنى 1965-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلاندى؛ ھىجرىيىنىڭ 1417-يىللىق رامىزان ئېيى مىلادىيە 1997-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلانغانىدى، 1418-يىللىق رامىزان ئېيىمۇ مۇشۇ يىلى يەنى 1997-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى باشلاندى؛ ئالدىمىزدا ھىجرىيىنىڭ 1451-يىللىق رامىزان ئېيى مىلادىيە 2030-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىدۇ، 1452-يىللىق رامىزان ئېيى(روزا تۇتۇش)مۇ ئاشۇ يىل يەنى 2030-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلىنىدۇ.

روزا ھېيتمۇ شۇنداق بولىدۇ، مەسىلەن، ھىجرىيىنىڭ 1387-يىلىدىكى روزا ھېيت مىلادىيە1968-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى كەلگەنىدى، ھىجرىيىنىڭ 1388-يىلدىكى روزا ھېيتمۇ ئاشۇ يىلى يەنى 1968-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى كەلدى؛ ھىجرىيىنىڭ 1420-يىلىدىكى روزا ھېيت مىلادىيە 2000-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كەلگەنىدى، ھىجرىيە 1421-يىللىق روزا ھېيتمۇ ئاشۇ يىلى يەنى 2000-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى كەلدى؛ ھىجرىيىنىڭ 1454-يىلدىكى روزا ھېيت مىلادىيە 2033-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى كېلىدۇ، ھىجرىيە 1455-يىللىق روزا ھېيتمۇ ئاشۇ يىلى يەنى 2033-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى كېلىدۇ. دېمەك، يۇقىرىدىكى تۆت مىلادىيە يىلىنىڭ ھەر يىلىدا ئىككى روزا ھېيت ۋە بىر قۇربان ھېيت بولۇپ، بىر يىلدا ئۈچ ھېيت كەلگەن ياكى كېلىدۇ.

قۇربان ھېيت ۋە ھەج تاۋاپنىڭ باشلىنىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مەسىلەن، ھىجرىيىنىڭ 1393-يىلىدىكى قۇربان ھېيت مىلادىيە 1974-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بولغانىدى(ھىجرىيەدىكى شۇ يىللىق ھەج تاۋاپمۇ مىلادىيە 1974-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلانغانىدى)، ھىجرىيە 1394-يىللىق قۇربان ھېيتمۇ ئاشۇ يىلى يەنى مىلادىيە 1974-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى بولدى (ھىجرىيەدىكى شۇ يىللىق ھەج تاۋاپمۇ 1974-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلاندى)؛ ھىجرىيىنىڭ 1426-يىلىدىكى قۇربان ھېيت مىلادىيە 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بولدى(ھىجرىيىدىكى شۇ يىللىق ھەج تاۋاپمۇ مىلادىيە 2006-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى باشلاندى)، ھىجرىيە 1427-يىللىق قۇربان ھېيتمۇ مىلادىيە 2006-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بولىدۇ(ھىجرىيىدىكى شۇ يىللىق ھەج تاۋاپمۇ مىلادىيە 2006-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى باشلىنىدۇ)؛ ھىجرىيىنىڭ 1460-يىلدىكى قۇربان ھېيت مىلادىيە 2039-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بولىدۇ(ھىجرىيىدىكى شۇ يىللىق ھەج تاۋاپمۇ مىلادىيە 2039-يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىدۇ)، ھىجرىيە 1461-يىللىق قۇربان ھېيتمۇ ئاشۇ يىلى يەنى مىلادىيە 2039-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى بولىدۇ(ھىجرىيەدىكى شۇ يىللىق ھەج تاۋاپمۇ مىلادىيە 2039-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلىنىدۇ).

4. ھىجرىيە يىلنامىسى بىلەن مىلادىيە يىلنامىسىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

ھىجرىيە يىلنامىسى بىلەن مىلادىيە يىلنامىسىنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە بۇلاردىن بىرسىلا بېرىلگەن ئەسەر-ماقالىلەردىكى يىل ۋاقتىنى ئېھتىياج بولغان ئىككىنچى يىل ۋاقتىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا، ھامان بىرمۇنچە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز. شۇڭا ھېسابلاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندە بۇ ئىككى يىلنامىنى بىر-بىرىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاشنىڭ ئاددىي بىر خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ئەگەر ھىجرىيە يىلى ئېنىق بېرىلگەن بولسا، ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا، تۆۋەندىكى فورمۇلادىكى ⅹ نىڭ ئورنىغا ھىجرىيە يىلى سانىنى قويۇپ ھېسابلىساق بولىدۇ:

مىلادىيە يىلى

ئەگەر مىلادىيە يىلى ئېنىق بېرىلگەن بولسا، مىلادىيە يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا، تۆۋەندىكى فورمۇلادىكىⅹنىڭ ئورنىغا مىلادىيە يىلى سانىنى قويۇپ ھېسابلىساق بولىدۇ.

ھىجرىيە يىلى

ياكى مۇنداق فورمۇلادا ھېسابلىساقمۇ بولىدۇ:

مىلادىيە يىلى -ھىجرىيە يىلى

ھىجرىيە يىلى مىلادىيە يىلى

ئادەتتە ھىجرىيە يىلى كۆپ ھاللاردا مىلادىيەنىڭ ئىككى يىلى ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ(پەقەت تەخمىنەن 32 يىلدىلا بىر يىلغا توغرا كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ھىجرىيە 1396-يىلى مىلادىيەنىڭ 1976-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان. ھىجرىيە 1429-يىلىمۇ مىلادىيەنىڭ 2008-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولىدۇ). شۇڭا، ھىجرىيە يىلىدىن مىلادىيە يىلىنى ھېسابلاپ چىقارغاندا، ئادەتتە مىلادىيەنىڭ بىرلا يىلى ئەمەس، بەلكى ئىككى يىلى يەنى ھېسابلاپ چىقارغان يىل بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىل قوشۇپ يېزىلىدۇ(مەسىلەن، ھىجرىيە1427-يىل مىلادىيە يىلىدا 2007/2006-يىللار دەپ يېزىلىدۇ). شۇنداقلا، يۇقىرىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇلىدىكى بۆلۈنمىدە ئاشقان كەسىر سان پۈتۈن ساننىڭ يېرىمىغا يەتمىسە، بۇ كەسىر سان قالدۇرۇلىدۇ، يېرىمىدىن ئېشىپ كەتسە پۈتۈن قىلىپ ئېلىنىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن پەقەت يىلنىلا(تەخمىنىي) ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئاي-كۈنلەرنى ھېسابلاپ چىقىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىنچىكە ھېسابلاش ئۇسۇلى بېرىلگەن مەخسۇس قوللانمىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

ھىجرىيىنىڭ ئاي، كۈنلىرىنى ھېسابلاشتا، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ھىجرىيە يىلنامىسى ھەقىقىي تۈردىكى قەمەرىيە(ئاي)يىلنامىسى بولۇپ، ھىجرىيە يىلنامىسىدا كۈننىڭ (قۇياشنىڭ)ئولتۇرۇشى بىر كۈننىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ھىجرىيە يىلنامىسى بىلەن مىلادىيە يىلنامىسىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا، ھامان بىر كۈن پەرق چىقىپ قالىدۇ، مەسىلەن، قەدرىيە كېچىسىنى ئالساق، بۇ كېچە ئادەتتە ھىجرىيە 9-ئاينىڭ(رامىزان ئېيىنىڭ)27-كېچىسى دەپ قارىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ھىجرىيە بويىچە بۇ كېچە رامىزاننىڭ 26-كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن، 27-كۈنىگە كىرگەن كېچىسى بولۇشى كېرەك، پەقەت مۇشۇ ۋاقىتلا، قەدرىيە كېچىسىنىڭ توغرا ۋاقتى بولىدۇ، ھەرگىز مىلادىيە بويىچە ھېسابلاپ، بۇ كېچىنى رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىنكى كېچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى، ھىجرىيە بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ كېچە رامىزاننىڭ 28-كۈنىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە قەدرىيە كېچىسىنى تاپالمىغانلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.

*شەمس— ئەرەبچە سۆز بولۇپ، كۈن، قۇياش مەنىسىدە.

*قەمەر— ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئاي مەنىسىدە.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.«جۇڭگو ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى».

2.«قىسقىچە ئۇلۇغ برىتانىيە ئېنسىكلوپېدىيىسى».

3.«دىن لۇغىتى».

4.«جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىتى»نىڭ«ئىسلام كالېندارى»قىسمى.

5.«ئىسلام دىنى ھېيت-ئايەملىرىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى».

6.«ئىسلام دىنىدىن ئومۇمىي مەلۇمات».

7.«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى.

8.«ئۇيغۇرلارنىڭ يىلنامە ھېسابلاش ئۇسۇلى».

9.«ئىسلام دىنىدىن ئاساسىي بىلىملەر».

10.«ئىسلام دىنى».

يەنە >>سۈرەتلەر