ھەدىس ئەرەب تىلىدىكى ”ھەدىس نەبەۋى“(پەيغەمبەرنىڭ سۆزى) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ھەدىس شەرىف قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم كىتابى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ خاتىرىسىدۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ تەپسىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىلادىيە 570-يىلى تۇغۇلۇپ، 632-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ خەت تونۇمايتتى، 40 ياشقا كىرگەندە ئاللاھ تائالا جىبىرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى 23 يىلدا ۋەھيى قىلىپ(نازىل قىلىپ) بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ساھابىلەر ۋە ھەدىسشۇناسلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاپ، راۋىيلىرىنى ئەستايىدىللىق، ئىنچكىلىك بىلەن تاللاپ، ھەدىسلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدىكى ئىشەنچلىك يازما ماتېرىياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «سەھىھۇلبۇخارى»، «سەھىھۇل مۇسلىم»، «سۇنەن ئىبنى داۋۇد»، «سۇنەنى تىرمىزى»، «سۇنەنى نەسەئى»، «سۇنەنى ئىبنى ماجە» قاتارلىق چوڭ ھەدىس كىتابىنى تۈزۈپ چىقتى، يەنە «مىشكاتۇل مەسابىھ»(نۇرلۇق چىراغ) ناملىق مەشھۇر ھەدىس كىتابىمۇ بار. ھەدىس شەرىف ئىسلام ئەقىدىلىرى، شەرىئەت ھۆكۈملىرى، ئەدەپ-قائىدىلەر ۋە ئەخلاق مەسىلىلىرىگە تولۇق جاۋاب بېرىدۇ ھەم ئۇلارنى شەرھلەيدۇ. ئۇ ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى، ئىسلام ئىلمىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىدۇر. مۇسۇلمانلار ھەدىس شەرىفكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تەلىماتى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەربىر ئەر-ئايال ئۈچۈن پەرزدۇر“ دېگەن. يەنە ”ئىلىم ئېلىش بۆشۈكتىن لەھەتكىچە بولىدۇ“ دېگەن. ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ئاللاھ تائالادىن ۋەھيى ئالغاندا ئۇنى دەرھال ساھابىلىرىغا ئۆگىتەتتى ھەمدە خەت يېزىشنى بىلىدىغان ساھابىلىرىگە ”قۇرئان ئايەتلىرىنى دەرھال يېزىۋېلىڭلار“ دەيتتى. ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنەس، زەيد، مۇئاۋىيە، ئەلى، مەسئۇد قاتارلىق بىر قانچە كاتىپى ئايەتلەرنى مەخسۇس خاتىرىلەشكە مەسئۇل ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ھۆسنخەت كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى ئاچىدۇ“ دېگەن، يەنە ” ’بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم‘ دېگەن خەتنى يازغاندا ’س‘ھەرىپىنى ئوچۇق يېزىڭلار“ دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ خەتتاتلىقنى ئۆگىنىشىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى ھۆسنخەت بىلەن كۆچۈرۈپ چىقىشى مۇھىم ئىبادەتلەردىن بولغاچقا، دۇنيادا قۇرئاننى كۆچۈرۈپ چىققان نۇرغۇن داڭلىق خەتتاتلار مەيدانغا كەلگەن، ئۇلار ئۆزىنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى ئىسلام بىناكارلىقى ۋە نەققاشچىلىقىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن. نەتىجىدە ئەرەب خەتتاتلىقى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ بىر تۈرىگە ئايلانغان.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)