باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-25   
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا مۇقەررەب پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلۇغى، ۋەھيى خەزىنىسىنىڭ ئەمىينىدۇر، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھ تائالادىن ۋەھيىنى ئېلىپ كېلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى ۋە نەھيىلىرىنى بىلدۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، ئۇ يەنە ”جىبرىئىل“، ”رۇھۇل ئەمىن“، ”رۇھۇل قۇددۇس“ ۋە ”نامۇسۇل ئەكبەر“ دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: كىم ماڭا دوست بولغان كىشى بىلەن دۈشمەنلەشسە، ئۇ شەكسىز ماڭا جەڭ ئېلان قىلغان بولىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە دۈشمەن تۇتقان كىشىگە غەزەپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ’ئېيتقىنكى، جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان ئادەم(ئاللاھقا دۈشمەندۇر)، چۈنكى ئۇ(يەنى جىبرىئىل) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكىنى(يەنى ساماۋى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، مۇئمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى‘ “{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 97-ئايەت}.
يەنە >>سۈرەتلەر