قۇربانجان رەھمان
قۇمۇل جۈمە مەسچىتى قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسى ئازنا بازار مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇمۇلدىكى ئەڭ قەدىمكى مەسچىتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قۇمۇلنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە، بۇ مەسچىت ھىجرىيىنىڭ 895-يىلى(مىلادىيە 1490-يىلى) بىنا قىلىنغان دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 514 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ جۈمە مەسچىتىنىڭ بىنا قىلىنىشى قۇمۇل تارىخىي ماتېرىياللىرىدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن:”مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلى ھۆكۈمرانلىقى تەرىپىدىن قۇمۇلنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەنىق تۆمۈرنىڭ جىيەنى توختىنى باش قىلىپ، ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىقىغا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن خوجامۇھەممەد ئېلى بىلەن خەنزۇلاردىن جوئەن دېگەننى دورغاپ(مەمۇرىي ياردەمچى) قىلىپ، خوجا مۇھەممەد ئېلىغا يەنە بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى بۇيرۇقى، مىڭ بېشى، يۈز بېشى دېگەن ئۇنۋانلار بىلەن قوشۇپ ئەۋەتكەن. خوجا مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈم مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن ھاكىمىيەتكە ئېرىشىپ، قۇمۇلدا ئىسلامىيەتنى كېڭەيتىش ۋە تەدرىجىي ھالدا ئومۇملاشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. بىر قاتار كۈرەشلەردىن كېيىن ئومۇملىشىۋاتقان ئىسلامىيەت ئەھلىنىڭ ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن مەسچىتكە ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە پىنھان ۋە ئاشكارا مەسچىتلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلايدۇ. جۈمە مەسچىتىنىڭ دەسلەپكى ئۇلى شۇ چاغدا سېلىنىپ دەسلەپتە بىنا قىلىنغان“. خوجا مۇھەممەد ئېلى باشچىلىقىدا دۇنياغا كەلگەن بۇ چوڭ جامە شەرىپىگە ئەينى ۋاقىتتا قاغۇم ئېرىقىدىن ئالتە دادەنلىك(60مو) زېمىن ئاجرىتىلىپ، 40موسى ئىمامەتچىلىككە، 20 موسى مەزىنچىلىككە ۋەخپە قىلىنىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەسچىت قۇرۇلۇپ 285 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ 5-ئەۋلادى ئىساق ۋاڭ زامانىسىدا مەسچىت كونىراپ، ئولتۇرۇشقا يۈزلەنگەن. ھىجرىيىنىڭ 1170-يىلى، يەنى مىلادىيە 1775-يىلى ماھىرۇي ئاپپاق ئىسىملىك بىر مەزلۇم كىشى بارلىق خىراجەت چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، مەسچىتنى قايتىدىن بىنا قىلدۇرغان. 1697-يىلى قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشلامچىسى مۇھەممەد شاغازى بەگ ئوغلى ئەبەيدۇللادىن باشلاپ، قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ قۇمۇلدىكى ھۆكۈمرانلىقى تۇرغۇزۇلۇپ، تا 1930-يىلغىچە 9 ئەۋلاد 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سىياسەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت تۈزۈمى بولۇپ، ۋاڭلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى يۇقىرى ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. بۇ دەۋردە قۇمۇل ۋاڭلىرى قۇمۇلنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، ئىلىم-مائارىپ ۋە دىنىي ئىشلارغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ۋە نۇرغۇن مەسچىت-مەدرىسىلەرنى بىنا قىلدۇرغان، شۇنداقلا قۇمۇلغا دىن تارقىتىپ كەلگەن ئىسلام دىنىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ قەبرىلىرىنى تاپقۇزۇپ، ئۇلارغا ئاتاپ نۇرغۇن مازارلارنى ياساتقان. 9-ئەۋلاد شامەخسۇت ۋاڭ دەۋرىدە، ئىسمائىل غوجامنىياز، مۇھەممەد نىياز دېھقان دېگەن كىشىلەر قۇمۇل ۋاڭلىرى تەرىپىدىن جۈمە مەسچىتىنىڭ جارۇپكەشلىكىگە قويۇلغان ھەمدە شەھەر ئىچى قارغۇ مەرقتە 12مو جارۇپكەش يېرى بولغان.
جۈمە مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇشى توپا، ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ دەرۋازىسى شەرققە ئېچىلغان. دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىن ئېگىز قەدىمكى قەلئە شەكىللىك سوقما تام مۇنار بار، مۇنارنىڭ 4 بۇلۇڭى ئۇچلۇق چوقچىيىپ چىققان، ئۈستى ئەزان توۋلايدىغان مۇناردۇر. بۇ مۇنارنىڭ ئاستى كەڭلىكى 4 مېتىر، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدۇ. مەسچىتنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئوڭ-سول(شىمال، جەنۇب) تەرىپىدە ئالتە ئېغىزدىن ھۇجرا چاتلاش سېلىنغان. ھۇجرىلارنىڭ ئۆگزىسى گۈمبەز قىلىپ يېپىلغان. مەسچىتنىڭ ئالدى تەرىپىدە يەنە 4 گۈمبىزى بولۇپ، جەمئىي 16 گۈمبەزلىك مەسچىت بولغان. گۈمبەزلەرنىڭ جەنۇب قىسمىغا ئىككىدىن كىچىك ياغاچ پەنجىرە قويۇلغان. يەنە تورۇسنىڭ ئوتتۇرىسىغا چاسا شەكىللىك ياغاچتىن پەنجىرىلىك تۈڭلۈك چىقىرىلغان بولۇپ، مەسچىتنىڭ ئىچىنى تەبىئىي يورۇتۇپ تۇرىدۇ. مەسچىتنىڭ ئوتتۇرا، چوڭ قىسمى بىلەن ئىككى تەرىپىدىكى كىچىك ھۇجرىلاردا ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئەگمە ئۆتۈشمە ئىشىكلەر بار. مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى قاتار بەشتىن ئون ياغاچ تۈۋرۈك بار بولۇپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ باش قىسمىغا سېۋەت شەكىللىك نەقىش ئويۇلغان. مەسچىتنىڭ تورۇسلىرىدا 4 بۇلۇڭلۇق شەكىل ئىچىگە يۇمىلاق سىزىلىپ، ئىچىگە ھەر خىل گۈللەر سىزىلغان، رەڭلىرى ناھايىتى چىرايلىق. مېھراب ئالدى ياغاچ بىلەن كىچىك چاسا شەكىللىك، ئۈستى گۈمبەزلىك ئايرىمخانا قىلىپ بوغۇلغان. قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە بۇ ئايرىمخانىدا قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ 9-ئەۋلادى شامەخسۇت ۋاڭ، تەيجىلەر(ۋەزىرلەر)، ئاخۇنۇملاردىن ئەلەم ئاخۇنۇم(يەنى مەرتىۋىلىك كىشىلەرلا) ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى. مەسچىتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 38 مېتىر، كەڭلىكى 24 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 912 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ يەردە بىرلا ۋاقىتتا مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيالايتتى، تاملىرىنىڭ قېلىنلىقى 1.5 مېتىر كېلەتتى. ئىچكى تاملىرىغا قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان، چۆرىسىگە گۈللەر سىزىلغان. مەسچىتنىڭ نەقىش-بوياقلىرى قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ نەقىشلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسچىتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، قۇمۇلدىكى باشقا مەسچىت قۇرۇلۇشلىرىغا ئوخشىمايدىغان ئىسلامىيەت قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىردىنبىر ئەڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. بۇ مەسچىتكە ئەينى زاماندىكى قۇمۇلنىڭ ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ۋە قەدىمكى قۇرۇلۇش بىناكارلىق سەنئىتى مۇجەسسەملەنگەن.
نۇرغۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەسچىت ئالدىدىكى سوقما مۇنار يېرىلىپ كەتكەچكە، 1986-يىلى بۇ مەسچىت بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئەسلىدىكى ئورنىغا ئەسلىي قىياپىتى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا قايتىدىن بىنا قىلىنىپ، 1987-يىلى تامام قىلىندى. ھازىر بۇ مەسچىتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 33.5 مېتىر، كەڭلىكى 22.5 مېتىر، كۆلىمى 754 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 800دىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. مەسچىت تاملىرى خىشتىن قوپۇرۇلغان. جەنۇب تېمى بىلەن شىمال تېمىدا 9دىن جەمئىي 18 دېرىزە قويۇلغان. مەسچىت ئالدى ئىشىكىنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن ئىككى دېرىزە قويۇلغان. مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى تۈۋرۈكلەر بىتوندىن قاتۇرۇلغان. ئىچىدە ئەسلىدىكىگە ئوخشاش ئىككى قاتار بەشتىن 10 تۈۋرۈك بولۇپ، پەقەت بىرلا تۈۋرۈك ئەسلىدىكىگە ئوخشاش ياغاچ سېۋەت باشلىق نەقىش ئۇيۇلۇپ قويۇلغان. مەسچىتنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە ئۈچتىن ئالتە ھۇجرا چىقىرىلغان. بۇ ھۇجرىلاردىن مەسچىتنىڭ ئوتتۇرا، چوڭ قىسمىغا ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان 10 ئەگمە ئىشىك بار. مەسچىتنىڭ ئالدى ۋە ئىككى يان تەرىپىدىكى ھۇجرىلارنىڭ ئۆگزىسى ياغاچتىن يېپىلغان بولۇپ، ئەسلىدىكىگە ئوخشاش نەقىشلەنگەن. ئۆگزىنىڭ سىرتقى قىسمى(تۆپىسى)گە گۈمبەز چىقىرىلغان، مەسچىت ئالدى قىسمىنىڭ ئۆگزىسى خۇيلانغان بولۇپ، چاسا شەكىللىك قىلىپ گۈللەر سىزىلغان، ئوتتۇرىسىغا تۈڭلۈك چىقىرىلغان، تۈڭلۈكنىڭ تۆت ئەتراپىدا دېرىزە قويۇلغان بولۇپ، مەسچىت ئىچىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. مەسچىتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، كۆركەم، ئۇنىڭ ئوتتۇرا چوڭ قىسمى ئېگىز بولۇپ، تۆت بۇلۇڭىدا تۆت پەشتىقى بار. ئىككى يان تەرەپتىكى ھۇجرىلارنىڭ ئۆگزىسى مەسچىت ئوتتۇرىسىدىن پەس بولۇپ، ئۈچتىن ئالتە گۈمبىزى بار. جەنۇب تەرەپتىكى ئىككى بۇلۇڭى بىلەن شىمال تەرەپتىكى ئىككى بۇلۇڭىغا 2 دىن 4 پەشتاق چىقىرىلغان، ھازىر ئۇ جەمئىي 8 پەشتاقلىق، 7 گۈمبەزلىك مەسچىتتۇر. مەسچىت ئىككى قېتىم قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ، يەر يۈزىدىن 3-6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۆڭلۈككە چىقىپ قالغاچقا، يىراقتىن بۇ ھەيۋەتلىك مەسچىت قۇرۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى تولۇق ئەكس ئەتكەن.
جۈمە مەسچىتىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە ئەسلىدە ئىچكىرى-تاشقىرى قىلىپ سېلىنغان بىر كىچىك مەسچىت بولۇپ، بۇ مەسچىتتە ئادەتتىكى كۈنلەردە كۈندىلىك بەش ۋاق ناماز ئوقۇلاتتى. جۈمە كۈنى بولسا، چوڭ جۈمە مەسچىتتە جۈمە نامىزى ئوقۇلاتتى. كېيىن بۇ مەسچىتمۇ كونىراپ كەتكەچكە، 1996-يىلى قايتا رېمونت قىلىنغان. ھازىر بۇ مەسچىتتە بەش ۋاق ناماز ئوقۇلىدۇ. 1998- يىلى پېشقەدەم ئېلى ئىسمائىل (ۋاڭلىق دەۋرىدىكى جۈمە مەسچىتىنىڭ جارۇپكىشى كېلەر ئىسمائىل غوجامنىيازنىڭ ئوغلى) پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزى مەبلەغ ئاجرىتىپ، جۈمە مەسچىت قورۇسى ئىچىگە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ يۇيۇنۇشى ۋە ھەر جۈمە كۈنى يىراق-يېقىندىن جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن جامائەتنىڭ غۇسلى تاھارەت ئېلىشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن بىر مۇنچا، مەسچىتنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى قويىدىغان بىر كىچىك ئامبار ۋە بىر كىچىك دەم ئېلىش ئۆيى سالدۇرغان. بۇ دەم ئېلىش ئۆيىگە نامازغا بالدۇر كەلگەن جامائەت ۋە ئەتراپتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قۇرئان ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيە توغرىسىدىكى كىتاب ماتېرىياللار قويۇلغان.