باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

رەھىمەھۇللاھ، رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-25   

رەھىمەھۇللاھ، رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: ساھابە كىراملاردىن باشقا، مۆتىۋەر ئىسلام ئۇلىمالىرىنىڭ مۇبارەك ئىسمى تىلغا ئېلىنغاندا ياكى يېزىلغاندا ئېيتىلىدىغان ھۆرمەت سۆزى بولۇپ، ”ئاللاھ تائالا ئۇنى رەھمەت قىلسۇن“ دېگەنلىكنى بىلدۈرۈپ، دۇئا ۋە ھۆرمەت-ئېھتىراملىق ئىپادىلىنىدۇ. ئىككى كىشى ئۈچۈن ”رەھىمەھۇماللاھ“، ”رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىما“(ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىسىگە رەھمەت قىلسۇن)، ئۈچتىن ئارتۇق كىشى ئۈچۈن ”رەھىمەھۇمۇللاھ“، ”رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىم“(ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) دەپ تەرىپلىنىدۇ.

يەنە >>سۈرەتلەر