باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەسچىت-مەدرىسلەر

ئاقسۇ رەستە جامەسى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-28   
ئابدۇخالىق ئالىم
 
ئاقسۇ شەھىرىدىكى رەستە جامەسى كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، قۇرۇلۇشىنىڭ زامانىۋى، كۆركەملىكى ۋە پۇختىلىقى بىلەن شەھەر ۋە باشقا جايلاردىكى كەڭ جامائەتچىلىكنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان مۇھىم مەسچىتلەرنىڭ بىرى.
ئاقسۇ رەستە جامەسىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنى ھازىرقى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورنىدا بولۇپ، بۇ جامەنىڭ قۇرۇلۇش مەنبەسى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەرپا بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئاقسۇ شەھەر تەزكىرىسى ۋە بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق، پېشقەدەم زاتلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھىجرىيە 1140-يىللىرى(مىلادىيە 1728-يىللىرى) ئاقسۇنىڭ ھۆكۈمەت، رەئىيەت ۋە مەھكىمە شەرئى ئورگانلىرى ھازىرقى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئونسۇ ناھىيەسىدە بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئورنى قەشقەر، خوتەن ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن تىجارەتچى، يولۇچىلار ئۈچۈن چۈشۈپ ئۆتىدىغان ھاۋاسى ساپ، سۇلىرى مول، يايلاق ۋە ئوت-چۆپلىرى مول بىر لەڭگەر ئىكەن، ھىجرىيە 1160-يىللىرى(مىلادىيە 1747-يىلى)غا كەلگەندە ئاقسۇغا ھەر قايسى تەرەپلەردىن دېھقان، چارۋىچىلار كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ خېلى ئاۋات بولغان بىر مەھەللە بەرپا بوپتۇ. مۇشۇ جەرياندا شۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق زاكىراخۇننىڭ تەكلىپ ۋە تەشەببۇسى بىلەن ئاددىيغىنا بىر مەھەللە مەسچىتى بەرپا قىلىنىپتۇ. ھىجرىيە 1195-يىللىرى(مىلادىيە 1781-يىلى)غا كەلگەندە مەھەللە ئاۋاتلىشىپ مۇنتىزىم تۈس ئالغان بىر بازار شەكىللىنىپ، مەسچىت شۇ يەردىكى ئائىلىلەرگە تار كېلىپ قېلىپ، مەسچىتنى چوڭايتىش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھەللە چوڭلىرىدىن مۇھەممەد سابىت ھاجىم بىلەن ئۇبەيدۇللا قارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھويلا ئاراملىرى كەڭرى، ئەتراپى باغ بىلەن ئورالغان مۇكەممەل بىر مەسچىت بىنا قىلىنىپتۇ. ھىجرىيە 1245-يىللىرى(مىلادىيە 1830-يىلى)غا كەلگەندە مەسچىتنىڭ تاملىرى كونىراپ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھالىتىگە كەلگەندە يۇرت چوڭلىرىدىن ھەمدۇللا ئەلىماخۇنۇم، قاسىم بەگ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن مەسچىت قايتىدىن چوڭايتىپ سېلىنغان. بۇ ۋاقىتتا مەسچىتنىڭ ئەتراپى رايونى تاشقىرىقى بازار كۆۋرۈك مەھەللىسى دەپ ئاتالغان.
ھىجرىيە 1300-يىلى(مىلادىيە 1883-يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تاشقىرىقى بازارنىڭ شەرقىي جەنۇبى تەرىپىدە كۆلىمى چوڭ، ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئورگان تۇرىدىغان كاتتا بىر ئېگىز سېپىل سوقتۇرغان. مۇشۇ جەرياندا بازار ئەتراپىغا تەرەپ-تەرەپتىن ھەرخىل كەسىپ، ھۈنەرۋەن، تىجارەتچىلەر كۆچۈپ كېلىپ مۇنتىزىم شەھەر ئاھالىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. ھىجرىيە 1305-يىلى(مىلادىيە 1888-يىللىرى) موللاناسىر داموللام كونا شەھەردە مەدرىس ئېچىپ ياراملىق ۋە ئىقتىدارلىق ئەھلى-ئىلىملەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ مۇشۇ تەۋەلىكتىكى مەسچىت، مەدرىسلەرگە ئەۋەتكەن، جۈملىدىن ئاقسۇنىڭ تاشقىرىقى بازار رەستە كوچىسىدىكى مۇشۇ مەسچىتكىمۇ ئاشۇ ياراملىق، ئىقتىدارلىق ئەھلى-ئىلىملەر تەيىنلەنگەن. ھىجرىيە 1312-يىلى(مىلادىيە 1895-يىلى) موللا ناسىر داموللامنىڭ تەشەببۇسى، تالىپلىرى مۇھەممەت ئىمىن قازى ھاجىم، باسىت قازى كالان قاتارلىق ئەھلى-ئىلىملەرنىڭ قوللىشى ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە جامائەتنىڭ ماددىي، مەنىۋى ياردەملىرى ئاستىدا كۆلىمى 1300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، ھۇجرا(ياتاق)، دەرسخانىلىرى ۋە تاھارەت ئېلىش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل مەدرىس تۈسىنى ئالغان كۆركەم بىر مەسچىت-مەدرىسە بىنا قىلىنغان. ھىجرىيە 1364-يىلى(مىلادىيە 1945-يىلى) ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئارمىيەسى قوشۇنلىرى ئاقسۇ شەھىرىدىكى گومىنداڭچىلارنى قورشىۋالغاندا، گومىنداڭچىلار سېپىل ئەتراپىدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ خانىۋەيران قىلىۋەتكەن، شۇ قاتاردا مۇشۇ مەسچىتمۇ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.
1947-يىلى يۇرت مۆتىۋىرى داۋۇت قۇزات ھاجىمنىڭ ۋە باشقا يۇرت كاتتىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ مەسچىت ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا سەل كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغان.
1964-يىلى سول سىياسەتنىڭ كاساپىتى بىلەن بۇ جامەنىڭ ئورنىنى ئاقسۇ قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانى ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئۆزگەرتىۋالغان. 1978-يىلىغا كەلگەندە ھۆكۈمەتنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ، شۇ جامەنىڭ ئورنىغا رەستە مەھەللىسىدە(تۈگمەن بېشى يولى ئۈستىدە) كۆلىمى 340 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا يەر كۆرسىتىپ بېرىلگەن. شۇ مەھەللىدىكى ساۋۇتاخۇنكام، قاسىماخۇنكام قاتارلىق يۇرت چوڭلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن جامائەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاددىيغىنا بىر مەسچىت بەرپا قىلىنغان. كېيىن جامائەت كۆپىيىپ، مەسچىت ئورنى تارلىق قىلغاچقا، مەسچىت ئەتراپىدىكى بەش ئائىلىنىڭ تام–زېمىنى سېتىۋېلىنىپ، مەسچىت كېڭەيتىلىپ، مېھمانخانا، مۇنچا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان 1010 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدىكى بىر مەسچىت ۋە مىللىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا كۆركەم بولغان بەش قەۋەتلىك بىر پەشتاق ياسالغان.
2002-يىلى مەسچىت شەھەر قۇرۇلۇشىغا توغرا كېلىپ، خەلق يولىنىڭ غەربى پاشالىق مەھەللىسى ئورنىغا يۆتكەلدى. جامەنىڭ ئىمام–خاتىپى روشەن قارى ھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا، شەھەر رەھبەرلىك ئورگانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر، ناماز ئوقۇش ئورنىلا 1200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، ئەسلىھەلىرى زامانىۋى بولغان كۆركەم ئىككى قەۋەتلىك جامە 2003-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى تولۇق پۈتۈپ، جامائەتكە ئېچىۋېتىلدى.
جامەنىڭ ھازىرقى ئىچكى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، مەسچىتنىڭ ئاستى 1-قەۋىتىدە بېتون بىلەن پۇختا قويۇلغان 10 تۈۋرۈك، ئىككى يېنىدا پەلەمپەي ئارقىلىق چۈشىدىغان ئىككى ئىشىك، قىبلە تېمىدا مېھراب، مېھرابنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى بىخەتەرلىك ئىشىكى بار، 2-قەۋىتى ئالتە بۇرجەكلىك بولۇپ، بېتون بىلەن قوپۇرۇلغان ئالتە دانە تۈۋرۈك بار، ئوتتۇرىسى يايما شەكىلدە بولۇپ، 1-قەۋەتتىكى ئىمام ۋە ناماز ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولىدىغان ئوچۇقچىلىق بار. مەسچىت ئۈستىدە ئالتە ئېگىز مۇنار، مۇنار ئوتتۇرىسىدا چوڭ گۈمبەز، گۈمبەز ئەتراپىدا ئۇنى ئىھاتە قىلىپ تۇرىدىغان ئۇششاق ئالتە گۈمبەز بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشلەر مەسچىتكە ئالاھىدە كۆركەملىك ئاتا قىلغان.
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر