رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدە 23مىليۇن مۇسۇلمان بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ%15نى ئېگىلەيدۇ. روسىيەدە ئىسلام دىنى پراۋوسلاۋىيە دىنىدىن قالسىلا 2-ئورۇندىكى چوڭ دىندۇر. رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئاساسلىقى ۋولگا دەرياسى ساھىلىدىكى تاتارىستان، باشقىرتىستان، شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى داغىستان، چېچېنىيە، ئوسسېتىستان قاتارلىق فېدېراتسىيە گەۋدىسى بولغان جۇمھۇرىيەتلەرگە، شۇنداقلا پايتەخت موسكۋاغا تارقالغان بولۇپ، تاتار، باشقىرت، ئاۋار، چېچېن، ئۇسسېت، ئابخاز، قاراچاي، چېركەس ھەمدە رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تاجىك، تۈركمەن، ئەزەربەيجان قاتارلىق 30نەچچە مىللەت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىدۇر. مەملىكەت بويىچە 8000 دىن ئارتۇق مەسچىت، 1696 ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋىي ئىسلام تەشكىلاتى بار. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئارىسىدا رۇسىيە مۇفتىلار ھەيئىتى ئەڭ چوڭ تەشكىلات بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىسلام تەشكىلاتلىرى بۇ ھەيئەتكە ئەزادۇر. بۇ ھەيئەت 1996-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاممىۋى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىك ۋە ماسلاشتۇرغۇچى ئورگىنىدۇر. بۇ ھەيئەتنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئىجتىمائىي سىياسي ھاياتىدا مۇھىم رولى ۋە تەسىرى بار. بۇ ھەيئەتنىڭ ھازىرقى رەئىسى مۇفتى شەيخ غەينۇتدىندۇر.
پايتەخت موسكۋادا 8مىليۇن 500مىڭ نوپۇس بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى مىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار. موسكۋادا بەش چوڭ مەسچىت ۋە نۇرغۇنلىغان ئاممىۋىي نامازخانا، بىر ئىسلام ئونىۋېرسىتېتى بار. موسكۋادا ئولتۇراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى تاتارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەدەنىيەت مەركىزى، كۇلۇبى، تىل مەكتىپى ۋە مەسچىتى بار.
ئىسلام دىنى مىلادىيە 7-8-ئەسىرلەردە كاۋكاز رايونىغا تارقالغان بولۇپ، بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنى مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر گەۋدىسىگە ئايلاندۇردى. مىلادىيە 13-ئەسىرگە كەلگەندە، سېبىرىيەگە ھۆكۈمىرانلىق قىلىۋاتقان ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىشى بىلەن سېبىرىيە رايونىمۇ ئىسلاملىشىشقا باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى رۇس قاتارلىق سىلاۋىيان مىللەتلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ كېمىيىپ بېرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇسۇلمانلار يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ باردى. رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، رۇسلاردىن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە لايىق نوپۇس ئىچىدە مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ نېسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولماقتا. بولۇپمۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئەسلى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدە ياشايدىغان كۆپلىگەن مۇسۇلمان مىللەتلەر ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، كاۋكاز قاتارلىق جايلاردىن رۇسىيىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، رۇسىيىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىلا مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلىشىپ قالماستىن، رۇسىيىنىڭ ياۋرۇپا قىسمىدىمۇ كۆپلەپ مۇسۇلمانلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
(ھاجى بارات رەجەپ)