باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى كۆچۈرگەن قۇرئان كەرىمنىڭ شەكلى ۋە زىننەتلىنىشىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-23   

قۇرئان كەرىمنىڭ جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا كۆچۈرۈلگەن قول يازمىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەر بىر پارە ئايرىم كىتابچە قىلىنغان، ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلىرىمۇ بار، ئەمما بىر پۈتۈن نۇسخىسى بەك ئاز. مۇقاۋىسىغا كۆپىنچە ئاشلانغان كالا تېرىسى ياكى كۆك ماتا (باشقا رەڭدىكىلىرىمۇ بار) ئىشلىتىلىپ، قولدا تۈپلەنگەن، بەتلىرى رەتلىك ھەم پاكىز. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ھەرپلەرنىڭ تاۋۇش بەلگىلىرى قارا رەڭدە كۆچۈرۈلگەن بولسا، تەجۋىد قائىدىسى ۋە ئىككى ئايەتنىڭ ئارىسىغا قىزىل بەلگە سېلىنغان، ئايەتلەر ئارىسىغا كېپىنەك قانىتىغا ئوخشايدىغانخېتى بەلگە ئورنىدا ئىشلىتىلگەن، بۇ ئۇنىڭغا ئاھاڭداش خەت نىڭ ئورنىدا قوللىنىلىپ، بىر ئايەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قول يازمىلارنىڭ خەت ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئايەتلەردە ئايرىم كەلگەن ۋە سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن و، م، ر ھەرپلىرىنىڭ قۇيرۇقى سوزۇپ يېزىلغان؛ ئايەتلەردە ئايرىم كەلگەن ۋە سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدا ن ھەرپىنىڭ ئۈستىدە كەلگەن ي، ق، ن، ل ھەرپلىرىنىڭ قۇيرۇقى سوزۇپ يېزىلغان؛ ئايرىم كەلگەن ۋە سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن ب، ت، ث ھەرپلىرى ۋە ف ھەرپىنىڭ قۇيرۇقى سوزۇپ يېزىلغان؛ ع ح ھەرپلىرىنىڭ قۇيرۇق ئەگمىسى چوڭراق يېزىلغان.

ھەر بىر پارە بىر كىتابچە قىلىنغان قۇرئان كەرىم ”ئالدى  ئۈچ قۇر، كەينى بەش قۇر“ شەكلىدە كۆچۈرۈلگەن، يەنى ھەر بىر پارە قۇرئاننىڭ ئالدىنقى ئىككى بېتى ئۈچ قۇردىن، كەينىدىكى ئايەتلەر بەش قۇردىن كۆچۈرۈلگەن. بەزىدە قۇرئان ۋاراقلىرى يىرتىلىپ يىتىپ كەتكەندە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر بىر پارىنىڭ ئاخىرقى بېتى ئىككى ياكى ئۈچ بەت ئارتۇق كۆچۈرۈلگەن. پارىلەر ئايرىم كىتابچە شەكلىدە كۆچۈرۈلگەن قۇرئاننىڭ خېتى چوڭ، ئېنىق بولۇپ، ئوقۇشقا قولايلىق. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىدا ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا مەسچىت ئاخۇنلىرىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ قۇرئان ئوقۇتىدىغان ئادەت بار، شۇڭا ئايرىم كىتابچە قىلىپ كۆچۈرۈلگەن بىر پارىنى يېنىدا ئېلىۋېلىش ھەم قولايلىق. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 19 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ كۆچۈرۈلگەن قۇرئان كەرىم ”ئالدى 9 قۇر، كەينى 11 قۇر“ شەكلىدە كۆچۈرۈلگەن، يەنى ئالدىدىكى ئىككى بەت 9 قۇر، كەينىدىكى ئايەتلەر 11 قۇر كۆچۈرۈلگەن. قۇرئاننىڭ قول يازما نۇسخىسىنىڭ خېتى ئېنىق، رەتلىك، چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋاپىق، ھەرپ ۋە بەلگىلەر ناھايىتى روشەن، قۇرۇلمىسى تەكشى ھەم چىرايلىق بولۇپ، باشقىچە بىر خىل گۈزەللىكنى نامايان قىلىدۇ، شۇنداقلا قۇرئاننى كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان ھۆرمىتى، مۇھەببىتى ۋە تەقۋالىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەپسۇسكى، قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن قول يازمىلىرىدا كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ ئىسمى ۋە كۆچۈرگەن ۋاقتى يېزىلمىغان بولۇپ، ئۇنى پەقەت قول يازمىنىڭ رەڭگى، سىياھ ئىزى ۋە سىرتقى شەكلىگە قاراپلا ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. بەزى كۆچۈرگۈچىلەر قۇرئان كەرىم مۇقەددەس كىتاب، ئاللاھنىڭ سۆزى، شۇڭا ئۇنىڭغا قۇرئان ئايەتلىرىدىن باشقا ھېچنېمە يازغىلى بولمايدۇ دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازمىغان.

قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى قول يازمىلىرىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى بېتىگە ئالتۇندىن ھەل بەرگەن نەقىشلەر ئىشلەنگەن بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، نەقىشلىرى ئىنتايىن نەپىس ۋە گۈزەل. قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى قول يازمىلىرى جۇڭگوچە موي قەلەم بىلەن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، خەتلىرى سىلىق، يۇمىلاق ھەم ئويناق، قۇيرۇقلىرى نەپىس، توم-ئىنچىكىلىكى روشەن، كۆرۈنۈشى تەكشى ھەم چىرايلىق.

ئىسلام دىنى يىپەك يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا تارالغان بولۇپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ساقلاپ، ئەرەب تىلى ۋە قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئەرەب تىلى ئېلىپبەسى، تەلەپپۇزى، گىرامماتىكىلىق قائىدىلىرى ھەمدە كىلاسسىك دىنىي ئەسەرلەرنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «ھەپتىيەك»، «ئىمان رىسالىلىرى»، «خەتمىقۇرئان»، «نىيەت» قاتارلىق كىتابچىلەرنىڭمۇ قول يازما نۇسخىلىرى بار.

-1932يىلى جۇڭگونىڭ مەشھۇر مۇسۇلمان ئالىمى ۋاڭ جىڭجەي ئاخۇن قۇرئان كەرىمنى تۇنجى قېتىم خەنزۇچىغا تولۇق تەرجىمە قىلدى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى مۇشۇ ۋاقىتتىلا قۇرئان كەرىمنىڭ خەنزۇچە تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆرەلىدى، ۋاڭ جىڭجەي ئاخۇن تەرجىمە قىلغان بۇ قۇرئان كەرىم جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى.

)  مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. (

 

يەنە >>سۈرەتلەر