باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مۇسۇلمانلار ئەھۋالى

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

ھىندىستان ئومۇمىي نوپۇسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە جۇڭگودىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليارد 28مىليوندىن ئارتۇق(2001-يىللىق مەلۇمات)، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندى دىنى ئېتىقادچىلىرى 827مىليون بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن %80 تىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا بۇ دۆلەت ئادەتتە ھىندى دىنى دۆلىتى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستان غەيرى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە ھىندۇنېزىيە(مۇسۇلمانلار 187مىليوندىن ئارتۇق) ۋە پاكىستان(مۇسۇلمانلار 143مىليوندىن ئارتۇق)دىن قالسىلا 3-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ، ھىندىستاندا 138مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار، مۇسۇلمانلار ئومۇمىي دۆلەت نوپۇسىنىڭ %13.4دىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ئىسلام دىنى ھىندىستاندا 2-چوڭ دىن ھېسابلىنىدۇ(باشقا دىنلاردىن خرىستىئان، سىق، بۇددا، جىنا دىنىدىكىلەر قوشۇلۇپ ئاران %6 ئەتراپىدا). شۇنداقلا ئىسلام دىنى ھىندىستاندا ئېتىقادچىلىرى كۆپىيىۋاتقان دىن ھېسابلىنىدۇ. 1991-يىلدىن 2001-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالدىنقى 10يىلغا قارىغاندا مۇسۇلمانلار سانى %36 كۆپەيگەن. ھىندى دىنى ئېتىقادچىلىرى بولسا %20 كېمىيىپ كەتكەن.

ھىندىستانغا 8-ئەسىردىن تارتىپ ئىسلام دىنى تارقىلىشقا باشلىغان. 1206-يىلى ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ، ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغان. 1526-يىلى مۇسۇلمان موڭغۇل ئەۋلادى بابۇر موغۇلىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت سۈپىتىدە پۈتۈن ھىندىستانغا(جۈملىدىن ھازىرقى ھىندىستان، پاكىستان، بىنگالغا) ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1849-يىلدىن كېيىن ھىندىستان ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان ۋە 1947-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنۈپ كەتكەن. نەتىجىدە كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار پاكىستان تەۋەلىكىدە بولغان.

ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ %90تىدىن ئارتۇقى سۈننىلار بولۇپ، فىقھە جەھەتتە ھەنەفىيە مەزھىبىگە ئەمەل قىلىدۇ. ئاز ساندا شىئەلەرمۇ بار. ھىندىستاندىكى سۈننىلار ئىچىدە، تەسەۋۋۇپچىلاردىن ئاساسلىقى چىستىيە، قادىرىيە ۋە نەقىشبەندىيە قاتارلىق تەرىقەت تارماقلىرى بار، ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەرىقەت تارماقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا خانىقالىرى بار.

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئاساسەن ئوتتار پرادېش شتاتى، غەربىي بېنگال شتاتى، بىھار شتاتى ۋە ئاندۇرا شتاتىغا مەركەزلىكرەك جايلاشقان.

مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىسلام تەشكىلاتلىرىدىن:مەملىكەتلىك مۇسۇلمانلار فرونتى(1983-يىلى قۇرۇلغان)، ھىندىستان شتاتلىرى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(ئەسلى نامى پۈتۈن ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بولۇپ، 1948-يىلى قۇرۇلغان)، ھىندىستان ئىسلام دىنى مۇدىرىيەت كېڭىشى(1981-يىلى قۇرۇلغان)، ھىندىستان ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى، ھىندىستان ئىسلام جەمئىيىتى، پۈتۈن ھىندىستان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى، مۇسۇلمانلار فىقھە ئىجتىھاد جەمئىيىتى قاتارلىقلار بار.

ھازىر ھىندىستاندا نەچچە مىڭلىغان مەسچىت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قەدىمىي دېھلى جامەسى(16-ئەسىردە سېلىنغان)، ھەيدەرئابات مەككە مەسچىتى(17-ئەسىردە سېلىنغان) قاتارلىقلار بار، ھىندىستاندىكى نۇرغۇن مەسچىتلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىسلامى ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان مەدەنىيەت، مائارىپ مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نەچچە مىڭ مەدرىسە، بىرمۇنچىلىغان داڭلىق ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ھەم ئىسلام كۇتۇپخانىلىرى، نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى، تەتقىقات ئالىملىرى بار. بىر مۇنچە مۇسۇلمان زاتلار ھۆكۈمەتتە تۈرلۈك مۇھىم ۋە ئالىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە. (شەمشىدىن ھاجى)

ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» 2004-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر