باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

ئابباسىيلار سۇلالىسىدە قانداق مەشھۇر خەتتاتلار ئۆتكەن؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-04   

ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان داڭلىق خەتتات، باغداد ئوردىسىنىڭ ۋەزىرى ئىبنى مۇغەيرە ھىجرىيە 272-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى (پەيشەنبە) باغدادتا تۇغۇلغان. تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئەلى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىبنى مۇغەيرە. ئۇ كىچىكىدىنلا خەتتاتلىققا ھېرىسمەن بولۇپ، جاپالىق مەشىق قىلىش ھەم ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىش ئارقىلىق خەتتاتلىقتا كامالەتكە يېتىپ، يىراق-يېقىندا داڭقى بار خەتتاتقا ئايلانغان ھەمدە خەتتاتلىق سەنئىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقان. ئۇ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نەسخ ۋە سۇلۇس خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى تۇنجى بولۇپ بېكىتىپ چىققان بولۇپ،”چېكىت“نى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ھەرپلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئورنىنى بەلگىلىگەن، خەتتاتلار ھازىرغىچە مۇشۇنى ئۆلچەم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇ ”ئەرەب خەتتاتلىقى نەزەرىيەسىنىڭ پېشۋاسى“ دەپ ئاتالغان. ئوردىدىكى ھەسەتخورلۇق ۋە پىتنە-پاسات تۈپەيلىدىن ئىبنى مۇغەيرە تولىمۇ جىق ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن، تۆت قېتىم ۋەزىر بولۇپ، تۆت قېتىم زىندانغا تاشلىنىپ، تۈرلۈك ھاقارەت ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان. ھىجرىيە 328-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بۇ تۆھپىكار، ئۇلۇغ خەتتات ئۆزىنىڭ پارلاق ھەم ئەگرى-توقاي ھايات مۇساپىسىنى تاماملاپ، 56 يېشىدا زىنداندا ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتكەن.

بۇ ئۇستاز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يەنە بىر داڭلىق خەتتات ئەبۇ ھەسەن ئەلى ئىبنى ھىلال ئىبنى ئابدۇلئەزىز ھىجرىيە 3-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باغدادتا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى شۇ چاغدىكى شەرئى مەھكىمىنىڭ ئىشىكباقارى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى”ئىبنى بەۋاب“ (ئىشىكباقارنىڭ ئوغلى) دەپ ئاتىغان.

 

ئىبنى بەۋابنىڭ خۇش خەت ئۇستازى ئەلى مۇھەممەد ئىبنى سەئىد، سەئىدنىڭ ئۇستازى بولسا ئىبنى مۇغەيرە ئىدى. ئىبنى مۇغەيرە ئىجاد قىلغان ھەم قېلىپلاشتۇرغان نەسخ، سۇلۇس خەت نۇسخىلىرى ئىبنى بەۋابنىڭ خەتتاتلىق قەلىمىدە يېڭى پەللىگە يېتىپ، ئەرەب خەتتاتلىقى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن ھەم گۈزەللەشكەن. كېيىنكى كىشىلەر ئۇنى “خەتتاتلىق ئەۋلىياسى” دەپ ئاتىغان. ئىبنى بەۋاب ئۆمرىدە قۇرئان كەرىمنى 64 نۇسخا كۆچۈرگەن، ھىجرىيە 413-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋاپات بولۇپ، باغدادقا دەپنە قىلىنغان.

ياقۇت مۇستەئسىمنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇزەر جامالىدىن ياقۇت ئىبنى ئابدۇللا بولۇپ، ئۇ ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خەلىپىسى مۇستەئسىم بىللا دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئەدىب ۋە خەتتات. خەلىپىنىڭ ئىسمى مۇستەئسىم بولغاچقا، كېيىنكىلەر ئۇنى ياقۇت مۇستەئسىم دەپ ئاتىغان. ئۇ ئابباسىيلار سۇلالىسى خەلىپە مەدرىسەسىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئىلىم، سەنئەت، تىلشۇناسلىق، شەرىئەت قاتارلىق دەرسلەرنى ئاچقان. ياقۇت مۇستەئسىم ھاياتىنى خەتتاتلىق تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ئۆگىنىشكە بېغىشلىغان بولۇپ، ئىبنى بەۋابنىڭ خەتتاتلىق جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەكرار مەشىق قىلىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرگەن، يازغان ھۆسنخەتلىرى جۇشقۇن، مەردانە، ئۆلچەملىك، چاسا ۋە يۇمىلاق ھەرپلىرى دەل جايىدا. ئۇ ئۆمرىدە قۇرئان كەرىمنى مىڭ نۇسخا كۆچۈرگەن بولۇپ، نۇرغۇن نۇسخىلىرى ئىستانبۇل مۇزېيىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە ياقۇت خەت نۇسخىسى دەيدىغان يېڭى ھۆسنخەت شەكلىنى ئىجاد قىلغان.  كېيىنكىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ ”ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ پېشۋاسى“ دەپ ئاتىغان.

خەتتاتلار بىردەك ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۈچ مەشھۇر خەتتاتنىڭ ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ كاتتا پېشۋالىرى ئىكەنلىكىنى، ئىبنى مۇغەيرەنىڭ تۇنجى بولۇپ كۇفى خەت نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ نەسخ ۋە سۇلۇس خەت نۇسخىلىرىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى، ئىبنى بەۋابنىڭ يېزىش قائىدىلىرى ۋە ئۆلچەملىرىنى بېكىتكەنلىكىنى، ياقۇت مۇستەئسىمنىڭ بۇ خەتلەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر