جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى ئەرەب خەتتاتلىقىنى بەزىلەر ”كونا خەت شەكلى، دۇئا، قۇرئان خېتى“ دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتايدۇ. ئۇ خەتتاتلىق قەلىمىگە ئاساسەن قاتتىق قەلەم نۇسخىسى، يۇمشاق قەلەم نۇسخىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. قاتتىق قەلەم نۇسخىسى بامبۇك قەلەم، ياغاچ قەلەم، قومۇش قەلەم قاتارلىق قاتتىق قەلەملەردە يېزىلغان ھۆسنخەت نۇسخىلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ يۇمشاق قەلەم نۇسخىسى يۇمشاق نەرسىلەردىن ياسالغان موي قەلەم، تالالىق قەلەم قاتارلىقلاردا يېزىلغان ھۆسنخەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. رايونغا ئاساسەن جەنۇب، شىمال ۋە غەربتىن ئىبارەت ئۈچ ئېقىمغا بۆلۈنىدۇ؛ خەت نۇسخىلىرىغا ئاساسەن خەنزۇچە خەت تەقلىدىدىكى خەت نۇسخىسى، چوڭ خەت نۇسخىسى، تۇمار خەت نۇسخىسى، قۇرئان خېتى، ئويما خەت قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يەنە كاتىبات خەت شەكلىگە ئوخشايدىغان يېڭى خەت شەكلى، سۇلۇس خەت نۇسخىسىغا ئوخشايدىغان تەقلىدىي سۇلۇس خەت شەكلى مەيدانغا كەلدى؛ بەلگە شەكلىگە ئاساسەن ساراي شەكىللىك خەت، لەۋھە خېتى، تىك خەت، ئاسما خەت، يەلپۈگۈچ خەت، مەسنەۋى خەت شەكىللىرىگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ ئىپادىلەش سەنئىتىگە ئاساسەن مۇبالىغە شەكلى، بۆلۈنمە شەكلى، راست-يالغان شەكىل، ئەگمە شەكىل، توم-ئىنچىكە شەكىل، ئۆزگەرتمە شەكىل، ئارىيەت شەكلى، ئىستېرېئولۇق شەكىل، قاتلىما شەكىل قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ يېزىش شەكلىگە ئاساسەن ئۇزۇن، چاسا، يۇمىلاق، قىرلىق، يەلپۈگۈچسىمان، ئۈچ بۇرجەك، كۆپ تەرەپلىك، گۈلسىمان، مېۋىسىمان، زىننەت بۇيۇمى قاتارلىق شەكىللەرگە بۆلۈنىدۇ. جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى بىر پارچە ئېسىل ئەرەبچە ھۆسنخەتتە ھەرپلەرنىڭ ئالدى-كەينى، يۇقىرى-تۆۋىنىنىڭ ماسلىشىشىغا، خەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە، قەلەمنىڭ جۇشقۇن-مەردانىلىكىگە، قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختا ۋە ئۆزگىچە بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولىدۇ. يازغاندا خەتلەر ئىزچىل، قاتلاملىرى ئېنىق، ئۇستىخانلىرى سىلىق، ئىستېرېئولۇققا باي، رىتىمى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.
جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى ئەرەب خەتتاتلىقى جۇڭخۇا سەنئىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنىڭ جەۋھىرى، كۆپلىگەن پېشقەدەم سەنئەتكارلار كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن رەڭدار گۈل. ئۇنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، سىزىقلىرى دولقۇندەك ئەۋرىشىم؛ ئۇ ئۆزىدە يوشۇرۇن مەنە، گۈزەل تەسەۋۋۇرنى مۇجەسسەم قىلغان بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدىكەن، رەڭدارلىقىنىمۇ يوقاتقان بولىدۇ، سەنئەت تىلى كىشىلەرگە سەنئەتكارنىڭ خاراكتېرى ۋە قىزىقىشىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت گۈزەللىكى، روھىي قىياپىتى ۋە ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى ئەرەب خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماستىن، ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)