شەمشىدىن ھاجى
ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەت دەرىجىلىك خەلقئارالىق سىياسىي تەشكىلاتى بولۇپ «ئىسلام ئەللىرى يىغىنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەسلىدە بىر يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلدىغان ھەج تاۋاپ مەزگىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مەككە مۇكەررەمەدە ھەج تاۋاب پائالىيىتى تاماملانغاندىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئەللەر باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزىلەتتى. 1954-يىلى مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى بىلەن مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ”ئىسلام يىغىنى ئاپپاراتى“ قۇرۇلۇپ، دۇنياۋى دائىرىدىكى ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنىدى.
ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن 1969-يىلى 9-ئايدا 26 ئىسلام دۆلىتىنىڭ دۆلەت باشلىقى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئافرىقىدىكى ماراكەش(مەغرىب) پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى رابات شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى قۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ۋە مەسلىھەت قىلىشقانىدى. 1970-يىلى 3-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ئەللىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىدا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى قۇرۇش ۋە ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىش قارار قىلىنغان ۋە تەشكىلات نىزامنامىسى تۈزۈپ چىقىلغانىدى. 1970-يىلى 5-ئايدا بۇ تەشكىلات سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە مۇبارەك شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ سېكرېتارىئاتى(كاتىبات باشقارمىسى) جىددە شەھىرىدە تەسىس قىلىندى. «ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى نىزامنامىسى»دا بەلگىلىنىشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش؛ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە تىرىشىش؛ ھەرقانداق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش؛ پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي قانۇنىي ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۆز يۇرتىغا قايتىش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش؛ ئادىللىق ئاساسىغا قۇرۇلغان دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى زۆرۈر ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قوللاش؛ ئەزا دۆلەتلەر بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى بولۇپ، ئادەتتە ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا قەرەلسىز ھالدا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنى چاقىرىلىدۇ. بەزى يىغىنلارغا ئەزا دۆلەتلەردىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە باشقا ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدۇ.
ئىسلام ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنى بۇ تەشكىلات رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە 1974-يىلى 2-ئايدا پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە، 1981-يىلى 1-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىف شەھىرىدە، 1984-يلى 1-ئايدا ماراكەشنىڭ كەسابۇلانكا(دارىل بەيدا) شەھىرىدە، 1987-يىلى 1-ئايدا كۇۋەيتنىڭ كۇۋەيت شەھىرىدە، 1991-يىلى 12-ئايدا سېنېگالنىڭ داكار شەھىرىدە، 1994-يىلى 12-ئايدا يەنە ماراكەشنىڭ كەسابۇلانكا شەھىرىدە، 1997-يىلى 3-ئايدا پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە دۆلەت باشلىقلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىنى، 1997-يىلى 12-ئايدا ئىراننىڭ تېھران شەھىرىدە، 2000-يىلى 11-ئايدا قاتارنىڭ دۇھا شەھىرىدە، 2003-يىلى 10-ئايدا مالايسىيانىڭ فىدىراتىسيە مەمۇرىيەت مەركىزى پۇتلاجايا شەھىرىدە، 2005-يىلى 12-ئايدا ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەككە مۇكەررەمەدە ئۆتكۈزۈلدى. ھەر نۆۋەتلىك يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئاخباراتى، خىتابنامە ۋە بىرمۇنچە مەخسۇس قارارلار ماقۇللىنىپ جاكارلىنىپ كەلدى.
ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئورگىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بولۇپ، ھەر يىلى مەلۇم بىر ئەزا دۆلەتتە نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزىلىدۇ. شۇنداقلا، زۆرۈر تېپىلغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ جىددىي يىغىنى ياكى پەۋقۇلئاددە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە دەپ قارالغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ ھەم مۇناسىپ قارارلار چىقىرىلىدۇ.
ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى دائىمىي سېكرېتارىئاتى (كاتىبات باشقارمىسى) بولۇپ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا نۇرغۇن خىزمەت تارماقلىرى تەسىس قىلىنغان، بۇ باشقارما كونكرېت ئىشلارنى بېجىرىشكە، قارارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئارىدا ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى قارىمىقىدا بىرقانچە كەسپي ئورگانلار تەسىس قىلىنغان. مەسىلەن، ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى، ئىسلام تىنچلىق كومىتېتى، ئىسلام ئىقتىساد-سودا دائىمىي كومىتېتى، ئىسلام ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئىسلام ئەللىرى رادىئو-تېلېۋىزىيە تەشكىلاتى، ئىسلام ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى مەسىلىلىرى مەخسۇس كومىتېتى، ئىسلام ئىلىم-پەن، تېخنىكا تەرەققىياتى ساندۇقى(فوندى)، ئىسلام سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى، ئىسلام ئەللىرى پايتەختىنىڭ تەشكىللىرى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ستاتىستىكىلىرى تەتقىقات مەركىزى، ئىسلام سودا تەرەققىيات مەركىزى، ئىسلام تەرەققىيات ساندۇقى(فوندى)، ئىسلام ئادالەت سوتى، ئىسلام مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى قاتارلىقلار. بۇ ئورگانلار ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى ۋە قارار-بەلگىلىمىلىرى ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش يۈرگۈزىدۇ، كاتىبات باشقارمىسى ئارىدا ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلەيدۇ.
بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسى بۇ تەشكىلاتقا مۇناسىپ ھالدا قۇرۇلغان مۇھىم بىرلەشمە ھېسابلىنىدۇ.
1999-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسى(قىسقارتىپ ”ئىسلام ئەللىرى پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسى“ دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزىلدى. ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن 49دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ بۇ يىغىنغا قاتناشتى(بۇنىڭ ئىچىدە 28دۆلەتنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى بار). يىغىندا ئىسلام ئەللىرى پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى ماقۇللاندى ۋە ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ئىسلام ئەللىرى پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىدا بەلگىلىنىشى بويىچە، ئىسلام ئەللىرى پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسى ئىسلام پرىنسىپى ۋە ئەقىدىسىنى يېتەكچى قىلىپ، كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دۇنياسى دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ نىزامىدا كۆرسىتىلگەن نىشان ۋە پرىنسىپلارغا، جۈملىدىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە، ماجىرالارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ نىشانىسى: ئىسلام پرىنسىپلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە تەرغىب قىلىش؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سەھنىسىدە ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۈنۈملىك ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇشىغا كۆۋرۈكلىك قىلىش؛ ئەزا دۆلەتلەر ئارا ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات ئەزالىرى ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتى ئىسلام ئەللىرى پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيى، مۇدىرىيەت يىغىنى، ئىجرائىيە ھەيئىتى ۋە كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلاتنىڭ باش شتابى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا بولىدۇ.
ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى خەلقئارادىكى ئاساسلىق ئىسلام ئەللىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1975-يىلىدىن تارتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچى ئورنىغا ئىگە بولۇپ يىغىنغا قاتنىشىپ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 36-نۆۋەتلىك يىغىنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى ھەمكارلىقى توغرىسىدا قارار» ماقۇللاپ بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 1980-يىلى 8-ئايدا تۇنىستا بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈپ ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزۈشكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى ۋە ھازىرغىچە زىچ ئالاقىدا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ”ئىسلام دۆلىتى“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئەسلىدىكى 26 دۆلەتتىن تەرەققىي قىلىپ ھازىر 57 دۆلەتكە يەتتى ۋە تەدرىجىي كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجاندىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغانىدى. ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ 2001-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئافرىقىدىكى مالىنىڭ پايتەختى باماكودا ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا 56 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياكى ۋەكىللىرى قاتناشقان 28-نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە مىنىستىلىرى يىغىنىدا، ئافرىقىدىكى كوتى دى ئىۋۇئېر دۆلىتى ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ 57-ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.
بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، ياۋروپا قىتئەلىرىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئاسىيا بىلەن ئافرىقىدا.
بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر(ئىسلام دۆلەتلىرى) قىتئەلەر بويىچە تۆۋەندىكىچە:
ئاسىيا قىتئەسىدىن 27 دۆلەت(غەربىي ئاسىيادىن 14دۆلەت، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن 7 دۆلەت، ئوتتۇرا ئاسىيادىن 6 دۆلەت):1. سەئۇدى ئەرەبىستانى 2. ئىراق 3. يەمەن 4. سۇرىيە 5.ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 6. ئومان 7. كۇۋەيت 8. بەھرەين 9. لىۋان 10. ئىئوردانىيە 11. قاتار 12. پەلەستىن 13. ھىندونېزىيە 14. پاكىستان 15. بېنگال 16. تۈركىيە 17. ئىران 18. ئافغانىستان 19. مالايسىيا 20. ئۆزبېكىستان 21. قازاقىستان 22. تاجىكىستان 23. تۈركمەنىستان 24. قىرغىزىستان 25. ئەزەربەيجان 26. مالدېۋى 27. برۇنېي دارۇسسالام.
ئافرىقا قىتئەسىدىن 27 دۆلەت: 1. مىسىر 2. ئالجىرىيە 3. ماراكەش(مەغرىب) 4. تۇنىس 5. سۇدان 6. سومالى 7. لىۋىيە 8. ماۋرىتانىيە 9. جىبۇتى 10. نىگېرىيە 11. نىگېر 12. مالى 13. سېنېگال 14. گۋىنىيە 15. بېنىن 16. بوركىنا فاسو 17. كامېرون 18. گۋىنىيە بىسسائو 19. گامىبىيە 20. گابون 21. كومورو 22. موزامبىك 23. چاد 24. سېررالىئون 25. ئۇگاندا 26. توگو 27. كوتى دى ئىۋۇئېر.
لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەسىدىن 2 دۆلەت: 1. سۇرىنام 2. گۋىئانا.
ياۋروپا قىتئەسىدىن 1 دۆلەت: 1. ئالبانىيە.
بۇلاردىن باشقا، بۇ تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزا بولمىسىمۇ ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزاسى سۈپىتىدە بۇ تەشكىلات يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىدىغان بىرمۇنچە دۆلەتلەر، رايونلار ۋە تەشكىلاتلار بار.
غەيرى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە مۇسۇلمانلار سانى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىغان ھىندىستان(جەمئىي 138 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بولۇپ، ھىندىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %13.4تىنى تەشكىل قىلىدۇ) ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ دۆلەت ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلغانىدى. ئەمما ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋىي ھىندى دىنىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت(ھىندى دىنىدىكىلەر تەخمىنەن %80تىنى ئىگىلەيدۇ) ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ھىندىستاننىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ كەلدى.
ھازىر ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا ئەزا 57دۆلەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىدا مۇسۇلمانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئەمما بەزى دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلار كۆپ ساننى ئىگىلىمىسىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ شۇ دۆلەتكە بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەسىرى چوڭقۇرراق بولغاچقا بۇ دۆلەتلەر ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان، شۇنداقلا، بىرمۇنچە كونا مۇستەملىكە ئەللەردە مۇسۇلمانلار كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان مىللەت بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەردىكى خەلق ھەرخىل يەرلىك ئىپتىدائىي دىنلارغا ۋە ئازساندا خرستىئان دىنى قاتارلىقلارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار ئەڭ چوڭ ئېتىقاد ئاممىسى بولۇپ قالغاچقا، بۇ دۆلەتلەرمۇ ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان. مەسىلەن: جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى گۋىئانا، سۇرىنام؛ ئافرىقا قىتئەسىدىكى توگو، مۇزامبىك، كامېرون، بوركىنا فاسو، كوتى دى ئىۋۇئېر، گۋىنىيە بىسسائو قاتارلىقلار.
دۇنيادىكى بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان جايلاشقان دۆلەتلەر ئىچىدە، گەرچە ئەرەب ئەللىرى ئاساسلىق ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما 22 ئەرەب دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلار سانى 300 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاران %20دىن ئارتۇقراقىنى تەشكىل قىلىدۇ. قالغان %80 كە يېقىن مۇسۇلمان غەيرى ئەرەب ئەللىرىگە جايلاشقان. ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، ئۇ يەردە 200 مىليوندەك مۇسۇلمان بار(مۇسۇلمانلار ئومۇمىي دۆلەت نوپۇسىنىڭ %88 تىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا ھىندونېزىيىدىن ھەر يىلى 200 مىڭ مۇسۇلمان ھەج تاۋابقا بارىدۇ). ئۇنىڭدىن قالسا پاكىستاندا 143 مىليوندىن ئارتۇق، بېنگالدا 123 مىليوندىن ئارتۇق، تۈركىيىدە 67 مىليوندىن ئارتۇق، ئىراندا 65 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار. ئافرىقا قىتئەسىدىن نىگېرىيەدە 70مىليوندىن ئارتۇق، مىسىردا 60نەچچە مىليون مۇسۇلمان بار.
ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ تەشكىلات قويۇق ۋە دوستانە ئالاقىدا بولۇپ كەلدى. 1974-يىلى 2-ئايدا، 2-قېتىملىق ئىسلام ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلغان ۋاقتىدىلا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى جۇئىنلەي بۇ يىغىننى تەبرىكلەپ تېلېگرامما يوللىغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ۋە زۇڭلىلىرى بىلەن بۇ تەشكىلات رەئىسلىرى ئارىسىدا ئالاقە ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇردى ۋە خەلقئارادىكى زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلدى. ئارىلىقتا نەچچە نۆۋەت بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ئۆمىكى ياكى تەشكىلات مەسئۇللىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. بۇ تەشكىلات قارىمىقىدىكى ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى 1986-يىلىلا جۇڭگوغا جۈملىدىن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا 4 مىليون 60مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ تا ھازىرغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتى، مۇسۇلمانلار كەسپىي مەكتىپى، مۇسۇلمانلار تەربىيىلەش مەركىزى، مۇسۇلمانلار ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق ساھەلەرگە داۋاملىق ئىئانە بېرىپ كەلمەكتە.
«ھىدايەت گۇلزارى»، 2-توم