باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەسچىت-مەدرىسلەر

قۇمۇل ھېيتگاھ جامەسى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

ئەخمەت ياقۇپ

 

قۇمۇل ھېيتگاھ جامەسى قۇمۇل شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ غەربىدىكى قۇمۇل ۋاڭلىرى قەبرىستانلىقى— ئالتۇنلۇقنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇمۇلدىكى تارىخى ئۇزۇن، كۆلىمى چوڭ، كۆركەم سېلىنغان ئەڭ قەدىمىي جامە ھېسابلىنىدۇ. ئالتۇنلۇق ئەتراپىدىكى چوڭ قەبرىستان قۇمۇل شەھىرى ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭ جامائەت قەبرىستانى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ 1-ئەۋلاد ۋاڭى ئەبەيدۇللا تارخان بەگ مۇشۇ قەبرىستاننىڭ دەل ئوتتۇرا قىسمىدا ۋاڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مازىرىنى يەنى ئالتۇنلۇقنى بىنا قىلدۇرغان. دەبدەبىلىك دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، قەدىمىي قەبرىستان ئۈستىگە مىلادىيە 1668-يىلى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ دەسلەپكى بىناسىنى سالدۇرغان. كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە قۇمۇلدا ئادەم كۆپىيىپ جامە ئىچى كىچىكلىك قىلغانلىقتىن، قۇمۇلنىڭ 4-ئەۋلاد ۋاڭى يۈسۈپ ۋاڭ تەخمىنەن مىلادىيە 1750-يىللىرى جامەنى غەربتىن شەرققە 3 ئارال(قۇمۇل شىۋىسىدە:ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقى) كېڭەيتكەن. مىلادىيە 1797-يىللىرى ئەتراپىدا قۇمۇلنىڭ 6-ئەۋلاد ۋاڭى ئەردېشىرۋاڭ قايتا ئىسلاھ قىلىپ يەنە ئۈچ ئارال كېڭەيتىپ ھازىرقى مۇشۇ ھالەتكە كەلتۈرگەن. قۇمۇلنىڭ 9-ئەۋلاد ۋاڭى شاھ مەخسۇت جامەنى رېمونت قىلدۇرغان. مىلادىيە 1948-يىلىغا كەلگەندە قۇمۇل ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىكى ۋە داڭلىق ئۇستا سوپا ھاجى يېتەكچىلىكىدە جامەنىڭ ئىچكى ياغاچ قۇرۇلۇش قىسمى ئومۇميۈزلۈك بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئۇزۇن يىللار داۋامىدا مەسچىت ئۇل تاملىرى چىرىپ، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەندە جامائەت ئۇنى غوجا تام (يۆلەك تام) لار بىلەن مۇستەھكەملىگەن.”مەدەنىيەت ئىنقىلابى“دا بۇ جامە ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

1980-يىللارنىڭ بېشىدا قۇمۇل ۋاڭلىرى قەبرىستانى دۆلەت تەرىپىدىن ”ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى“ قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، 1982-يىلدىن باشلاپ رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشلىنىپ، 1990-يىلى ۋە 1999-يىلى كەڭ دائىرىدە بىر قانچە قېتىم رېمونت قىلىنىپ، مەسچىت ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈلدى.

قۇمۇل ۋاڭلىرى قەبرىستانىدىكى مەشھۇر يېشىل گۈمبەز مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ مەقبەرىسىنىڭ غەربىگە غەربتىن شەرققە قاراپ چاسا شەكلىدە كېسەك-ياغاچ قۇرۇلمىلىق 108 دانە ئويما نەقىشلىك چوڭ تۈۋرۈكلەر ئارقىلىق بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ئۈستى قىسمى گۈللۈك تاختايلار بىلەن يېپىلغان.

جامەنىڭ تورۇسىغا (يەنى ئىچىگە) كەڭ-كۇشادە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈپ تۇرۇشى ۋە ھاۋانىڭ بىمالال ئالمىشىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ھەر بىرىنىڭ چوڭلۇقى 16 كۋادرات مېتىردىن كېلىدىغان تۆت دانە چوڭ كۆتۈرمە پەنجىرىلىك تۈڭلۈكلەر قويۇلغان. جامەنىڭ ئىچكى قىسمى ئىسلام ئەنئەنىسى بويىچە كەئبە يۆنىلىشىنى توغرىلاپ ئۇزۇنچاق چاسا شەكلىدە سېلىنغان، ئومۇمىي ئىچكى مەيدانى 2000 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. كۆلىمى جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جامەنىڭ ئالدى تېمىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان ھەيۋەتلىك 21 مېتىر ئېگىزلىكتىكى پەشتىقى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا لايىھىلەنگەن بولۇپ، ھەر خىل پەشتاق نەمۇنىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى كۆزقارىشىنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكى بىلەن رەڭ كۆزقارىشى بىر-بىرىگە ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئۆزگىچىلىك بىلەن ئورتاقلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. پەشتاقنىڭ شەكىل تۈزۈلۈشىدە تەشتەكتە ئېچىلىۋاتقان گۈل غۇنچىلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئەڭ ئۈستىدىكى يېشىل قۇببىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىغا، غۇنچە ئۈستىدىكى ئاي پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئاق رەڭ ئىسلام دىنىنىڭ پاكلىقىغا، يېشىل رەڭ ئىسلام دىنىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش ۋە ئىستىقباللىق دىن ئىكەنلىكىگە، كۆك رەڭ ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغان دىن ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنىپ، روشەن ئوبرازلار ئارقىلىق چوڭقۇر مەنىگە ئىگە شەكىل ۋە رەڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان.

مەسچىتنىڭ ئىچكى تاملىرى تۈۋرۈكلەر ئارقىلىق 40 ئارالغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر ئارال تامغا نەپىس سىزىلغان خىلمۇخىل، رەڭگارەڭ گۈل نۇسخىلىرى ئۆزىنىڭ نەپىسلىكى، كۆركەملىكى بىلەن كىشىنى مەھلىيا قىلسا، گۈللەر ئارىسىغا ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان قۇرئان سۈرە-ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرى جامەنىڭ كۆركەملىكىنى ۋە ھەيۋىتىنى ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئىختىيارسىز تارتىدۇ. جامەنىڭ ئوتتۇرا ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە(كىشىلەر ئاسان دىققەت قىلىدىغان جايغا) سىپتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خاتىرە تاش ئابىدە ئەرەب، پارىس يېزىقلىرىدا ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەسچىتنىڭ قىسقىچە تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپلا قالماستىن، ئەينى دەۋرلەردىكى ئەرەب، پارس مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى يازما يادىكارلىقلارغا بولغان تەسىرىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

قۇمۇل ھېيتگاھ جامەسى سېلىنغاندىن تارتىپ، بىر قانچە ۋاڭلىق دەۋرلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ھازىرغا قەدەر قۇمۇلدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىككى ھېيتتا دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان (1949-يىلدىن ئىلگىرى جۈمە نامىزى ئوقۇلۇپ كەلگەن) ئاساسلىق دىنىي پائالىيەت مەركىزى بولۇپ كەلمەكتە.

قۇمۇل ھېيتگاھ جامەسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ياسىلىشى جەھەتلەردە ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ياغاچ ئويما، گەج ئويما، تاش ئويما قاتارلىق ھەر خىل سەنئەتلىرىنىڭ نەمۇنىلىرىنى ئۆزىدە نامايان قىلغان بولۇپ، ئىسلام ۋە مىللىي بىناكارلىق سەنئىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشتا زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، قۇمۇل ئىسلام تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە.

يەنە >>سۈرەتلەر