باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى قۇرئان كەرىمنى قانداق كۆچۈرگەن؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-23   

قۇرئان كەرىمنىڭ جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا كۆچۈرۈلگەن قول يازمىسى دۇنيا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسى ۋە تارىخىي يادىكارلىقىدۇر. جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى ئەرەبچە ھۆسنخەت شەكلىدە كۆچۈرۈلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ خېتى سۇلۇس خېتىنىڭ رەيھانى خەت نۇسخىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ، خېتى رەتلىك، قەلىمى راۋان ھەم جۇشقۇن. ئۇنىڭغا ئەنخۇيدىن چىقىدىغان شۈەنزى قەغىزى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇزاق چىدايدىغان، چۈرۈكلەشمەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. خەت يازغاندا تۇم قارا، ئاسانلىقچە ئۆچمەيدىغان، خەت يېزىشقا قولايلىق جۇڭگو سىياھى ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭغا كۆپىنچە خەتتاتلار ئۆزى ياسىۋالغان قومۇش قەلەم ياكى موي قەلەم ئىشلەتكەن. قۇرئان كەرىمنى كۆچۈرگەندە چوقۇم تاھارەت ئېلىش، نىيەت قىلىش، ئاندىن دۇئا ئوقۇش كېرەك، ھەر قېتىم كۆچۈرۈشتىن ئاۋۋال قول يۇيۇش، ئىخلاس باغلاش، بۇ ئىشنى بىر ئىبادەت بىلىپ ئەستايىدىل قىلىش كېرەك. بەزىدە قۇرئاننى تولۇق كۆچۈرۈپ بولۇشقا ئۈچ يىل كېتىدۇ، كۆچۈرۈپ بولغاندا ئۇنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ”قۇرئاننى تاماملاش“ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

   (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر