باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

ھىدايەت

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-25   

ھىدايەت: توغرا يول، يول كۆرسىتىش، توغرا يولغا يېتەكلەش، ئاللاھ كۆرسەتكەن ھەق يولدا مېڭىش دېگەن مەنىلەردە كەلگەن ھىدايەت كەلىمىسى ئاللاھنىڭ كالامى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈپەت بىلەن ھىدايەت قىلغۇچى(يول كۆرسەتكۈچى) دەپ سۈپەتلىنىدۇ: ”پەرۋەردىگارىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر“{سۈرە«فۇرقان»(25-سۈرە)، 31-ئايەت}. ھىدايەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ: بىرى يول كۆرسىتىش مەنىسىدىكى ھىدايەت، يەنە بىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش مەنىسىدىكى ھىدايەت. مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش مەنىسىدىكى ھىدايەت يالغۇز ئاللاھقىلا خاستۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ“{سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)، 56-ئايەت}. يول كۆرسىتىش مەنىسىدىكى ھىدايەت پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇ زاتلارغا ۋارىسلىق قىلغان ئۇلىمالار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرگە ئەمرۇ مەرۇپ ۋە نەھيى مۇنكەر قىلىپ جەننەتنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش، ئۇلارنى شۇ يولغا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا بۇ مەنىنى بىلدۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”شۈبھىسىزكى، سەن(كىشىلەرنى) توغرا يولغا باشلايسەن (ھىدايەت قىلىسەن)“{سۈرە«شۇرا»(42-سۈرە)، 52-ئايەت}.

يەنە >>سۈرەتلەر