باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

نەپسى مۇلھەمە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-23   

نەپسى مۇلھەمە: ”ئىلھام بېغىشلۇغۇچى نەپس“ دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانغا يامانلىق ۋە مەئسىيەت يولىنى، ياخشىلىق ۋە تائەت يولىنى ئىلھام بىلەن بىلدۈرىدۇ. نەپسىنى كۇفرى ۋە گۇناھتىن پاك قىلغان بەندە مۇرادىغا يەتكەنلەر بولسا، ئازغۇنلۇق ۋە نادانلىق بىلەن نەپسىنىڭ قەدرىنى يوقاتقان كىشىلەر نائۈمىد بولغانلار ھېسابلىنىدۇ: ”روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى-يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، روھىنى پاك تۇتقان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى(كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ“{سۈرە«شەمس»(91-سۈرە)، 710-ئايەتلەر}.

يەنە >>سۈرەتلەر