باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

جاھالەت

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-25   

جاھالەت: بىلىمسىزلىك، نادانلىق، دىن بىلىملىرىدىن بىخەۋەر دېگەن مەنىدە. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: ”بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا:سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە(ئەمەلىنى)تۈزىسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ دېگىن“{سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 54-ئايەت}. ھەدىس شەرىفتە: ”جاھالەتتىنمۇ ئارتۇق پېقىرلىق يوقتۇر“(ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان). يەنە: ”بىلمىگەنلىرىڭلارنى سوراپ بىلىۋېلىڭلار، جاھالەتنىڭ داۋاسى سورىماقتىن ئىبارەت(يەنى سوراپ ئۆگەنمەكتىن ئىبارەت)“ دېيىلگەن(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). مەشھۇر مۇتەسەۋۋىپ بەيەزىد بەستامىي مۇنداق دېگەن: ”ئون نەرسە ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىدۇ، ئۇلار: تەربىيەنىڭ ئازلىقى؛ جاھالەتنىڭ زورىيىشى؛ كىشىدىن نېمەت كۈتۈشى؛ نەپسى خاھىشىنىڭ كەينىدە يۈرۈشى؛ ھوقۇقدار بولۇشنى تەمەننا قىلىشى؛ دۇنيا مەشغۇلاتىغا بېرىلىشى؛ ھاۋايى-ھەۋەسنى دوست تۇتۇشى؛ كۆپ تاماق يېيىشى؛ كۆپ ئۇخلىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت“.

يەنە >>سۈرەتلەر