باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مۇسۇلمانلار ئەھۋالى

ئىسلام دىنى ياپونىيەدە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

ياپونىيە دۇنيادا مۇسۇلمانلار ئاز دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ياپونىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى يۈز مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ياپون مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانلار مۇسۇلمانلار سانىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار توكيو، ئوساكا، ناگويا، كيوتو، سىنداي قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقالغان. ھازىر مەملىكەت بويىچە 25 چوڭ مەسچىت، 200دىن ئارتۇق نامازخانا ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنى،100دىن ئارتۇق ھەر خىل ئىسلام دىنى تەشكىلاتى بار.

ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن ئۇچرىشىشى 1877-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇلار ئىسلام دىنىنى غەربنىڭ دىنىي ئىدىيىسىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە چۈشەنگەن. مۇشۇ ۋاقىتتا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات پائالىيىتىگە دائىر كىتابلارمۇ ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ياپونىيىگە كىرگەن.

ئىسلام دىنىنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ياپونىيىگە ھەقىقىي تۈردە تارقىلىشقا باشلىغان دېيىشكە بولىدۇ. ياپونىيىنىڭ مىنجى دەۋرىدىكى”سىرتقا ئېچىۋېتىش“ سىياسىتىنىىڭ تۇرتكىسىدە، ياپونىيە غەرب بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچراشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا بېرىش-كېلىش ئېلىپ باردى. بۇ ئەللەرگە سودا-سېتىق، سەيلى-ساياھەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن بارغان ياپونلۇق پۇقرالار مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قىزىقىپ، ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابى، ئىدىيە سىستېمىسى، تۈزۈلمىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە ماقالىلار يېزىپ ئېلان قىلدى ھەمدە نەزرىيە جەھەتتىن ئىزدىنىشلەر ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن ئەرەب ئەللىرى، ھىندىستان، جۇڭگو ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ياپونلۇق ياش زىيالىيلار يەرلىك مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغانلىقىدىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ياپونىيىگە قايتقاندىن كېيىن ئىسلامىيەت تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن ياشاپ، ئىسلام ئەھكاملىرى، ئىسلام شەرىئىتى ۋە دىنىي قائىدىلىرى توغرىسىدا ماقالىلار يېزىپ تونۇشتۇردى. ئۇلار يايونىيىدىكى بىر قەدەر بۇرۇن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مۇسۇلمانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقلىرىدىن گائايا خاچىرو(دىنىي ئىسمى ئەھمەد، 1868-1946)، يامائوكا كوئۇتاروئۇ(دىنىي ئىسمى ھاجى ئۆمەر، 1880- 1946)، يامادا ئېنجىروئۇ(دىنىي ئىسمى ئابدۇللا رەھمان، 1866- 1957)، تاناكا ئىپپېئى(1883-1933) قاتارلىق ئەربابلار بار. يامائوكا كوئۇتاروئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەرەب ئەللىرىنى زىيارەت قىلىپ «ئەرەب ئەللىرى ساياھەت خاتىرىسى» قاتارلىق كىتابلارنى يازدى. تاناكا ئىپپېئى ئۇزۇن ۋاقىت جۇڭگودا تۇرغان بولۇپ، 1924-يىلى جىنەندىكى بىر مەسچىتتە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانىدى، كېيىن مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلدى.

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ ياپونىيىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە سىياسىي ساھەدىكىلەر ئىچىدە ئىسلام دىنى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى: 1932-يىلى 17 ئالىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ”ئىسلام مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتى“ قۇرۇلۇپ «ئىسلام مەدەنىيىتى» دېگەن ژۇرنالنى نەشر قىلدى؛ 1938-يىلى سىياسىي ساھەدىكى بەزى ئەربابلار بىرلىشىپ ”بۈيۈك ياپون ئىسلام جەمئىيىتى“نى قۇرۇپ «ئىسلام دۇنياسى» دېگەن ئايلىق ژۇرنالنى نەشر قىلدى؛ 1940-يىلى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بىرلىشىپ ”توكيو ئىسلام بىرلەشمىسى“نى قۇردى؛ 1953-يىلى ياپونلۇق داڭلىق ئەربابلاردىن سادىق ئىمائىزۇمى، ئابدۇللا مۇنىر ۋاتانابىې شيوئۇجى قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن توكيودا ”ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى“ قۇرۇلدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، بۇ جەمئىيەتكە ياپونىيىدىكى داڭلىق مۇسۇلمان ئەربابلاردىن سادىق ئىمائىزۇمى، ئۆمەر مىتا ريوئۇئىچى، ئەبۇ بەكرى مورىموتۇ تاكېئو، ئۆمەر ئىئوكىبې يوئۇجىروئۇ قاتارلىقلار رەئىس بولدى. بۇ جەمئىيەت كۆپ قېتىم ئىسلام ئالىملىرى ۋە دىنىي خادىملارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن 1960-يىللاردىن باشلاپ ئەرەب ئەللىرىگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتتى؛ 1970-يىللارنىڭ بېشىدا مىتا ريوئۇئىچى ياپونچىغا تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم»نى نەشر قىلدۇردى، 1980-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇنى قايتا تۈزۈتۈپ 2-قېتىم نەشر قىلدى؛ «ئىسلام دىنى» دېگەن ژۇرنالنى نەشر قىلدۇردى. 1990-يىلىدىن باشلاپ 9-نۆۋەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىنى خىگۇچى مىمىساكا ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە ھەربىي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ھەر خىل تەشكىلاتلارنى قۇردى. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋاقىتتا نەشر قىلىنغان ئىسلام دىنىغا دائىر ھەر خىل كىتاب ۋە ژۇرنال 100خىلدىن ئاشقان. ئەمما بۇ تەشكىلات ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىگە مۇسۇلمانلار رەھبەرلىك قىلمىغان، ئۇنىڭ مەقسىتىمۇ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش بولماستىن، ئۆزى ئىگەللىگەن جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايوندىكى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك ساۋاتلاردىن ياپون قوشۇنلىرىنى ۋاقىپلاندۇرۇشنىلا مەقسەت قىلغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ 1945-يىلى ئۇرۇشنىڭ ئاياقلىشىشى بىلەن بۇ تەشكىلات ۋە تەتقىقات مەزكەزلىرىمۇ يوقالدى.

1973-يىلى پارتلىغان نېفىت كرىزىسى ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ گۈللىنىشى نەتىجىسىدە ياپونىيىدە بىر قېتىم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەرەب ئەللىرىنىڭ ياپون ئىقتىسادىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئوراپ تۇرغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، يېقىنراق دۆلەتلەردىن مالايسىيا، ھېندۇنېزىيەقاتارلىقلار بارلىقىنى يىراقراق ئىسلام ئەللىرىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ياپونىيە نوپۇسىدىن نەچچە ھەسسە كۆپلىكىنى، ياپونىيىنىڭ ئۇ جايلاردىكى بازارلارنى ئېچىشقا، بولۇپمۇ ئۇ جايلاردىكى نېفىتقا موھتاج ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەللەرنىڭ ياپونىيىدىكى كۆچمەن ئاھالىسىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش گەۋدە بولۇپ ياشاپ ئۆز ئانا ۋەتىنى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئىسلام دۇنياسىغا دىققەت نەزىرىنى تاشلاشقا باشلىدى. بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش مىزانلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىسلام دىنىدىن قىلچە خەۋىرى بولمىغان ياپونلۇقلارنى مەككە مۇكەررەمەدىكى ھەج پائالىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈش، ئەزان ئاۋازى ۋە قۇرئان كەرىمنى قىرائەت قىلغان ئاۋازلارنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. كرىزىس مەزگىلىدە ئون مىڭلىغان ياپونلۇق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. مانا مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا، 1974-يىلىدىن باشلاپ توكيو شەھىرىدە ”ياپونىيە ئىسلام مەركىزى“(بۇ مەركەز 1965-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ”دۇنيا ئىسلام مەركىزى“ دەپ ئاتالغان، 1974-يىلى ”ياپونىيە ئىسلام مەركىزى“ دەپ ئۆزگەرتىلگەن) ”ياپونىيە ئىسلام مەجلىسى“، ”ئىسلام مەدەنىيەت جەمئىيىتى“، ”ياپونىيە ئىسلام دوستلۇق بىرلەشمىسى“، ”ياپونىيە ئىسلام توغرا يولغا يېتەكلەش جەمئىيىتى“، ”ياپونىيە ئىسلام ئاياللار جەمئىيىتى“ قاتارلىق 13 ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كيوتو، ئوساكا، ناگۇيا، يوكوھاما، كوبې، خىروسىما، توكۇشىما، كانازاۋا، سىنداي، خوككايدو قاتارلىق شەھەرلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئىسلام دىنىغا دائىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى، ياپونىيە شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت خەزىنىسى، ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرق مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۈتۈبخانىلىرىدىمۇ ئىسلامغا دائىر تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ماتېرىياللىرى بارلىققا كەلدى.

ياپونىيىدىكى مەسچىت قۇرۇلۇشى 1905-يىلى باشلاندى. ئۆز ۋاقتىدىكى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن روسىيە ئەسكەرلىرى ئىچىدە نەچچە يۈز تاتار قاتارلىق مۇسۇلمان كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنى ئوساكا شەھىرىگە يېقىن بىر جايغا ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇلار بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاددىيلا بىر نامازخانا ياسىدى. بۇ ياپونىيىدە مەسچىت سېلىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ياپونىيىدىكى 25چوڭ مەسچىت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر چوڭ، داڭلىق ھەم تارىخى ئۇزۇن مەسچىتلەردىن كوبې مەسچىتى، توكيو مەسچىتى، ناگويا مەسچىتى، ئوساكا مەسچىتى قاتارلىقلار بار. 1917-يىلى روسىيىدە ئىنقىلاپ پارتلىغاندا، روسىيىنىڭ قازان ئوبلاستىدىن قېچىپ چىققان تۈركىي مىللەتلىرىدىن بولغان مۇسۇلمانلار پاناھلىنىش ئۈچۈن مانجۇرىيە ئارقىلىق ياپونىيىگە كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى توكيودا ئولتۇراقلاشقان ھەمدە 1922-يىلى مەھەللىۋى ئىسلام جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئۇلار 1938-يىلى قۇربان ئەلى ۋە ئابدۇلئەھەد ئىبراھىملارنىڭ يېتەكچىلىكى ھەم ئۆز ۋاقتىدىكى ياپونىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ قوللىشى بىلەن، مۇساپىرلارنىڭ تۇنجى مەسچىتى— ئەرەب پاسونىدىكى”توكيو مەسچىتى“نى سالغان. بۇ مەسچىت ئۇزۇن ۋاقىت رېمونت قىلىنمىغانلىقىدىن 1984-يىلى تاقىۋېتىلگەن ۋە 1986-يىلى چېقىۋېتىلگەن. ”ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى“نىڭ تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىئانە توپلىشى بىلەن، ئەسلىدىكى مەسچىتنىڭ ئورنىغا قايتا مەسچىت سېلىش قۇرۇلۇشى 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى باشلىنىپ، 2000-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى تاماملىنىپ، داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن توكيو مەسچىتىنىڭ ناماز ئوقۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇلاقات قىلىشىدەك مۇھىم رولى يەنە ئەسلىگە كەلدى. 1935-يىلى كوبېدا تۇرىۋاتقان ھىندىستانلىق مۇسۇلمان سودىگەرلەرمۇ بۇ شەھەردە كوبې مەسچىتىنى قۇرغانىدى. بۇ مەسچىت تا ھازىرغىچە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. 1938-يىلى ناگويا شەھىرىدىكى تۈركىيىلىك مۇھاجىرلارمۇ بىر مەسچىت سالغان بولۇپ، بۇ مەسچىت 1945-يىلى ھاۋا ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغان. 1977-يىلى ياپونىيە مۇسۇلمانلىرى ئوساكا شەھىرىدە مەسچىت سالغان.

ئالدىنقى ئەسىر 20-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ياپونىيىدىكى ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار «قۇرئان كەرىم»نى ياپونچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش ئىشلىرىنى باشلىدى. ھازىر «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۆت خىل ياپونچە تەرجىمە نۇسخىسى بار، بۇلارنىڭ بەزىسى ئىنگلىزچىدىن، بەزىسى ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىنغان؛ بەزىسى قىسمەن تەرجىمە، بەزىسى تولۇق تەرجىمە؛ ئۇنىڭدىن باشقا شېئىرى شەكىلدە تەرجىمە قىلىنغان قىسمەن تەرجىمە نۇسخىسىمۇ بار.

(ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر