باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

تۈركىيەدە قانداق مەشھۇر خەتتاتلار ئۆتكەن؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-04   

ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا خەتتاتلىق مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى، نۇرغۇن تالانتلىق خەتتاتلار مەيدانغا كېلىپ،  پۈتۈن دۇنيادىكى ئەرەب خەتتاتلىق سەنئىتى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. ئىستانبۇل ئەينى زاماندا ئىمپېرىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىنىي مەركىزىي بولۇپلا قالماي، ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ مەركىزى ئىدى.

تۈركىيەدە ئۆتكەن داڭلىق خەتتاتلار:

ھەمىد ھامىد (1891−1982) بۇ تالانتلىق خەتتات مۇستاپا ئاكىف، مۇھەممەد نەجىف، ھۇداد ئەپەندى قاتارلىق داڭلىق خەتتاتلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلاردىن خەتتاتلىق ماھارىتىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، كېيىنكىلەرگە نۇرغۇن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇردى، ئۇ كۆچۈرگەن قۇرئان كەرىم 2006-يىلى تۈركىيەدە نەشر قىلىندى.

 ھەمىدنىڭ ھۆسنخەت ئەسەرلىرى تولىمۇ چىرايلىق، سىپتا، تەكشى، كۆركەم، خەتلىرى تەبىئىي، ئويناق بولۇپ، ماھارىتى ۋايىغا يەتكەن، قەلىمى راۋان، قۇرۇلمىسى پۇختا ھەم مۇكەممەل.

سام ئەپەندى (1838−1912)   ئۇ ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى داڭلىق خەتتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تالانتلىق شاگىرتى مۇھەممەد ئابدۇلئەزىز رەفائنى (1871−1934) يېتىشتۈرۈپ چىققان.

سامنىڭ قەلىمى كۈچلۈك، چېكىت ۋە سىزىقلىرى ئېنىق، ئەسەرلىرى گۈزەل ھەم تەبىئىي.

مۇھەممەد شەۋقى ئەپەندى (1829−1887) ئۇ سۇلۇس ۋە نەسخ خەت نۇسخىسىغا بۆلەكچە مۇھەببەت باغلىغان، ئوسمان ئىمپېرىيەسىدە ئۇنىڭ مۇشۇ ئىككى خەت نۇسخىسىدا يازغان «شەۋقى ھۆسنخەت ئەسەرلىرى» ناملىق رىسالىسى نەشر قىلىنىپ، ”ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ گۈزەل ھۆسنخەت ئۆرنەكلىرى“ دەپ ئاتالغان. ھازىرمۇ ئىستانبۇلدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھۆسنخەت ئۆگىنىشتە ئۇنىڭ رىسالىسىدىكى ھۆسنخەتلەرنى ئۆرنەك قىلىدۇ. شەۋقىنىڭ ھۆسنخەتلىرى كۆركەم، قۇرۇلمىسى پۇختا بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە. ئۇ يازغان خەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى چىرايلىق ھەم تەبىئىي، يېزىش ئۇسلۇبى ئۆلچەملىك ھەم تەرتىپلىك بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ تىك، توغرا ۋە تۈز، ئەگرى سىزىقچىلىرى ماسلاشقان، تەكشى ھەم گۈزەل.

ھەسەن چەلەبى  ئۇ 1937-يىلى تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىنىڭ ئىنجى يېزىسىدا تۇغۇلغان، 10 ياشقا كىرگەندە تاغىسى يۈسۈپ تاشقا ئەگىشىپ قۇرئان كەرىمنى يادلىغان؛ 13 يېشىدا قۇرئاننى يادلاپ بولۇپ، شۇ يەردىكى كىچىك ھافىزغا ئايلانغان؛ 1954-يىلى ئەرەب خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان، 1956-يىلى دىيانەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، مۇئەززىنلىك گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن؛ 1957-يىلى سۇلۇس خەت نۇسخىسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە باشلىغان، 1959-يىلى دەلقا مۇھەممەد نەسۇخ ئەپەندى مەسچىتىگە ئىمام بولغان ھەمدە داڭلىق خەتتات نەجمىدىن ئەپەندىدىن خەتتاتلىقنى ئۆگەنگەن، كېيىن مۇستاپا ھەلىم ئۆز يازىجىنى ئۇستاز تۇتقان، كېيىن يەنە داڭلىق خەتتات ھەمىد ھامىدقا شاگىرت بولۇپ، ئۇستازىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ ھەمىد ھامىدتىن 18 يىل خەتتاتلىقنى ئۆگىنىپ، ئۇستازى ئۆز قولى بىلەن بەرگەن ”ئىجازەتنامە“(ئەرەب خەتتاتلىقى شاھادەتنامىسى)گە ئېرىشكەن.

ھەسەن چەلەبىنىڭ ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇ تۈركىيەدىكى 20 نەچچە چوڭ جامە، ئەرەب دۆلەتلىرى، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى 10 نەچچە داڭلىق جامەگە ھۆسنخەت يېزىپ بەرگەن، بولۇپمۇ مەدىنەدىكى پەيغەمبەر مەسچىتى ۋە قۇببا مەسچىتى كېڭەيتىپ سېلىنغاندا، بۇ مەسچىتلەرگە نۇرغۇن ھۆسنخەت يېزىپ بەرگەن. ئۇ خەلقئارا ئەرەب خەتتاتلىقى مۇسابىقىسىنىڭ باھالىغۇچىسى قوشۇمچە تۈركىيە ئىستانبۇل تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت مەركىزى خەتتاتلىق بۆلۈمى خەلقئارا خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنىڭ باھالىغۇچىسى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بار. پېقىرمۇ 2008-يىل 7-ئايدا ھەسەن مۇئەللىمنىڭ شاگىرتلىقىغا قوبۇل قىلىنغانىدىم، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىردىنبىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىسى ئىدىم. ھەسەن مۇئەللىم ھۆسنخەت ئەسەرلىرىدە ھەر بىر ھەرپنى تولۇق، مەردانە، ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازىدۇ، قەلىمى ئەۋرىشىم، گۈزەل؛ ھەرپلىرى توق، كۆركەم، جەلپكار، زىچلىقى مۇۋاپىق، قۇرۇلمىسى ماسلاشقان. ئۇنىڭ ھۆسنخەت ئەسەرلىرى جۇشقۇن، تەبىئىي بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئېستېتىك قىممىتىگە ئىگە.

داۋۇد بەگتاش  ئۇ ھەسەن چەلەبىنىڭ غوللۇق شاگىرتى. 1963-يىلى تۇغۇلغان، 1982-يىلى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندىلا ھەسەن مۇئەللىمدىن ئەرەب خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. 1992-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 1994-يىلى ھەسەن مۇئەللىمدىن سۇلۇس، نەسخ، رۇقئى خەت نۇسخىلىرى خەتتاتلىقى بويىچە ئىجازەتنامىگە ئېرىشىپ، ئەينى چاغدىكى تۈركىيە خەتتاتلىق ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلغان. داۋۇد باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ پېشقەدەم خەتتاتلىرىدىن سام ئەپەندى، ھەمىدبەگ ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق خەتتاتلارنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلغان، كېيىن يەنە داڭلىق خەتتات بۇلفىسوردىن پارس ۋە دىۋانى خەت نۇسخىلىرىنى ئۆگەنگەن. داۋۇد ئەرەب خەتتاتلىقى ساھەسىدىكى يېڭى چولپان بولۇپ، ئىستانبۇل خەلقئارا ئىسلام خەتتاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ جەللى سۇلۇس خەت تۈرىدە بىرىنچى بولغان، 1997-يىلى تېھران ئىسلام سەنئەت كۆرگەزمىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 20 نەچچە دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىسلام خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشقان، 2005-يىلى كۇۋەيتتە ئۆزىنىڭ ھۆسنخەت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەن.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر