كورىيە بىر مىللەتلىك ئەمما كۆپ دىنلىق بىر دۆلەت بولۇپ، بۇ يەردە بۇددا، خرىستىئان دىنلىرى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.
كورىيەلىكلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بېرىش- كېلىش تارىخى خېلى ئۇزاق. 9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بىرقىسىم مۇسۇلمانلار كورىيەگە تىجارەت ئۈچۈن كېلىپ تۇرغان، ئەمما ئۇ يەرگە ئولتۇراقلىشىپ، كورىيەلىكلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان. بولۇپمۇ 1270-يىلى كورىيە موڭغۇللارنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۆتكەندىن كېيىن، موڭغۇللار قوشۇنىدا ئەمەلىي ھوقۇق تۇتقان مۇسۇلمان ھەربىيلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىق نۇرغۇن مۇسۇلمانلار كورىيەگە كەلگەن ۋە ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەمەلدارلارلا بولۇپ قالماي، تىجارەتچىلەر ۋە كۆچمەنلەرمۇ بولۇپ، ئۇلار پايتەخت ۋە شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ جامائەت مەھەللىلىرىنى قۇرۇپ، ئىسلام ئەنئەنىسى بويىچە ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادەتلىرى ۋە ئېتىقادىنى ساقلىغانىدى.
ئەمما 15-ئەسىرگە كەلگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى كورىيە خانىدانلىقى قانۇن جاكارلاپ، دىنىي تۇرمۇشنى مەنئى قىلغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىشنى چەكلىگەن، نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي، ئىقتسادىي ئورنى بىراقلا تۈگىشىپ، ئىسلام دىنى شۇندىن تارتىپ غايىب بولغان.
1920-يىلى 200دىن ئارتۇق قازان تاتارلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كورىيەگە قېچىپ كېلىشى بىلەن، مۇسۇلمانلار بىلەن كورىيەلىكلەرنىڭ ئۇچرىشىشى يېڭىۋاشتىن باشلانغان. بۇ مۇسۇلمانلار كورىيەدە ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىگە تايىنىپ راھەت ياشىغان، سېئول(خەنچىڭ) شەھىرىدىن ئۆي-جاي سېتىۋالغان، شەھەرگە مەسچىت سالغان ۋە شەھەر ئەتراپىدا قەبرىستانلىق بەرپا قىلغان. ئەمما 1945- يىلى كورىيە ئىككىگە بۆلۈنۈپ ۋەزىيەت قالايمىقانلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار كەينى-كەينىدىن ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە قېچىپ كېتىپ، كورىيەدە پەقەت بىر قانچە ئائىلە قالغان.
كورىيەدىكى ئىسلام تارىخىنى 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى ھەقىقىي باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. 1950- يىلى چاۋشيەن (كورىيە) ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر قوشۇنى بىلەن بىللە كورىيەگە كېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئۇلار ئۇرۇشتىن بوشىغان چاغلىرىدا كورىيەلىكلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىپ، كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىنىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى سەھىپىسىنى ئاچقان.
تۈركىيە قوشۇنىدىكى ئىماملار ئاشكارا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كورىيەلىكلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان، نەتىجىدە بىرمۇنچە كورىيەلىكلەر كەينى-كەينىدىن مۇسۇلمان بولغان، بۇلاردىن ئابدۇللاھ كىم يىدۇ قاتارلىقلار تۇنجى تۈركۈم مۇسۇلمان بولغان كورىيەلىكلەردۇر. ئىسلام دىنىنى يەنىمۇ تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن، كورىيەلىك يېڭى مۇسۇلمانلار 1955-يىلى 9-ئايدا ”كورىيە ئىسلام جەمئىيىتى“نى قۇرغان. كورىيەلىكلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدا، تۈركىيە ھەربىي ئىماملىرى قارا ئىسمائىل ئوغلۇ، زۇبەير كوچ قاتارلىقلار ئالاھىدە رول ئوينىغان، ئۇلار ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى مەخسۇس ئىسلام تەرغىباتى لېكسىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىسلام دىنى ئاساسىي بىلىملىرىنى سۆزلىگەن. 1956-يىلى چوڭ بىر ھەربىي چېدىر ئىچىگە ۋاقىتلىق مەسچىت سالغان، بۇ كورىيە تارىخىدىكى تۇنجى كورىيە مەسچىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نەتىجىدە 1957- يىلى كورىيەلىك مۇسۇلمانلار سانى 208 نەپەرگە يەتكەن.
تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كورىيەدە ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىشى بىلەن ئىسلام دىنى كورىيەدە تەدرىجىي راۋاج تاپقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئىسلام ئەللىرىدىكى تەشكىلاتلار كورىيە مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. 1959- يىلى كورىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر كىم جىن كيۇ مالايسىيا، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولغان ۋە ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا مەزگىلىدە ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ، كورىيە بويىچە تۇنجى كورىيەلىك ھاجى بولغان.
60- يىللاردىن باشلاپ، كورىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى يەنىمۇ كۈچەيگەن. بىر مۇنچە ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى كورىيەنى زىيارەت قىلىپ، كورىيە مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بەرگەن. سانى كۆپىيىۋاتقان كورىيە مۇسۇلمانلىرى كورىيەدە ئىسلامىيەت ئىشلىرىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن 1965-يىلى، ئەسلىدىكى كورىيە ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن كورىيەدىكى باشقا بىر قانچە ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ”كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى“نى قۇرغان ۋە بۇ تەشكىلات كورىيىدىكى بىردىن بىر مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولۇپ قالغان، بۇ بىرلەشمىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئوسمان،باش كاتىبى ئېلىياس، مۇئاۋىن باش كاتىبى ئابدۇرەھمانلار كورىيە مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانلاردۇر. 1970-يىللاردا دۇنيا نېفىت كرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كورىيە ھۆكۈمىتى ئىسلام ئەللىرىگە ۋە كورىيە مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان ھەمدە 1970- يىلى 9-ئايدا كورىيەدە مەسچىت ۋە ئىسلام مەركىزى سېلىش ئۈچۈن 5000كۋادرات مېتىر يەرنى ھەقسىز ئاجرىتىپ بەرگەن. 1974- يىلى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ياردىمى بىلەن سېئول مەركىزى مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ 2 يىلدىن كېيىن پۈتكەندە، 17 ئىسلام مەمىلىكىتىدىن 50 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان داھىلىرى كېلىپ مۇراسىمغا قاتناشقان، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمان ئاز ئەللەر دىنىي تەرغىبات مۇھاكىمە يىغىنى كورىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ، كورىيە قاتارلىق مۇسۇلمانلار ئاز ئەللەردە، ئىسلامىيەت ئىشلىرىنى روناق تاپقۇزۇش پىلانى مۇھاكىمە قىلىنغان.
1976- يىلى 6-ئايدا، ”كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى“ ئىسلام مەركىزىدە ئەرەب تىلى مەكتىپى ئېچىپ، غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى بىلىملىرى ئۆگىتىشكە باشلىغان، نەتىجىدە بۇ يەردە تەلىم ئالغان نۇرغۇن كورىيەلىكلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كەينى-كەينىدىن مۇسۇلمان بولغان.
بۇ مەزگىلدە يەنە، مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى ئىسلامى كىتابلارنى تەرجىمە-نەشر قىلىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن، 16پارچە ئىسلام بىلىملىرى رىسالىسىنى تۈزۈپ، نەشر قىلىپ ھەقسىز تارقاتقان، «مۇسۇلمانلار» ھەپتىلىك گېزىتى، «ئىسلام» قاتارلىق ژۇرناللارنى تەسىس قىلىپ، ئىسلامىيەتنى تەشۋىق قىلغان، «قۇرئان كەرىم تەپسىرى»نىمۇ كورىيەچىگە تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىپ تارقاتقان.
1977-يىلى 9-ئايدا، مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى قارىمىقىدا ”كورىيەمۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى“ قۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلۇشى كورىيە ئىسلام تارىخىدا مۇھىم بىر ئىش بولدى. ئۇلار ”بىرلەشمە دوستلۇق يىغىلىشى“، ”ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“ ئۇيۇشتۇرۇش، قەرەللىك ھالدا لېكسىيە، كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن، ئىسلام مەدەنىيىتىنى غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تەشۋىق قىلغان، بۇ ئارقىلىقمۇ خېلى نۇرغۇن غەيرى مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان بولغان. 1983-يىلدىن باشلاپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى يازلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، مۇسۇلمان ياشلارنى ئىسلامىيەت تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە كۆچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمان ياشلارنىڭ يازلىق لاگېرى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
1970 -يىللاردىن باشلاپ، ئوتتۇرا شەرق ئىگىلىكى روناق تاپقانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى نۇرغۇن كورىيەلىكلەر ئىسلام ئەللىرىگە بېرىپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر ئارىسىدا ئىسلام تەرغىباتى ئېلىپ بېرىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى 1978- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆزىنىڭ شۆبىسىنى قۇرغان ئىدى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ھازىرغىچە ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلاردىن 8000 دىن ئارتۇق كورىيەلىك مۇسۇلمان بولدى. 1979- يىلى كۇۋەيتتە ئۆزىنىڭ 2-شۆبىسىنى قۇرغان ئىدى، 1984-يىلىغا كەلگىچە ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقان كورىيەلىكلەردىن 3000 دىن ئارتۇق ئادەم مۇسۇلمان بولغان.1982-يىلى ھىندونىزىيىدىمۇ بۇ بىرلەشمىنىڭ شۆبىسى قۇرۇلغان.
ھازىر كورىيەنىڭ ئۆزىدە كورىيە(چاۋشيەن) مىللىتى مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى 35 مىڭغا يەتتى، ئۇلارنىڭ %20تى سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيتتە ئىشلىگەن مەزگىلىدە مۇسۇلمان بولغان، ئۇلاردىن يەنە نۇرغۇنلىرى ھازىرغىچە چەتئەلدە ئىشلەۋاتىدۇ. كورىيە مۇسۇلمانلىرى ئاساسەن ئۈچ جايغا مەركەزلەشكەن. ئۇلارنىڭ %80تى پايتەخت خەنچىڭ شەھىرىدە تۇرىدۇ، يەنە بىر قىسمى شەرقتىكى پورت شەھەر فۇسەن شەھىرىدە تۇرىدۇ. قالغانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى گۇاڭجۇ شەھىرى ئەتراپىدا ياشايدۇ. (1978-يىلى مەھەللە بويىچە 700دىن ئارتۇق ئادەم كوللېكتىپ مۇسۇلمان بولغان سەنياڭلى مەھەللىسى شۇ يەردە). كورىيەدە كورىيە مىللىتى مۇسۇلمانلىرىدىن سىرت يەنە، كورىيەدە ئىشلەۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان 100مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك مۇسۇلمان بار.
كورىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى، %95 مۇسۇلمان ساۋاتلىق، %50دىن %80گىچە مۇسۇلمان بىر قەدەر يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە. شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، پەقەت %5 مۇسۇلمان دېھقان، قالغانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كەسپىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. (شەمشىدىن ھاجى)